ياۋروپا كوماندىلىرى 5-قېتىم يېرىم ھەل قىلغۇچقا قاتنىشىش سالاھىيىتىنى قولغا كەلتۈردى

دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدا، 1934-، 1966-، 1982- ۋە 2006-يىلدىن كېيىن، 5-قېتىم يېرىم ھەل قىلغۇچقا قاتنىشىدىغان كوماندىلارنىڭ ھەممىسى ياۋروپا كوماندىلىرى بولدى.

1008664
ياۋروپا كوماندىلىرى 5-قېتىم يېرىم ھەل قىلغۇچقا قاتنىشىش سالاھىيىتىنى قولغا كەلتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:رۇسىيە ساھىبخانلىق قىلغان 2018-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىلىرى ياۋروپا چېمپىيونلۇقىنى تالىشىش مۇسابىقىسىغا ئوخشاپ قالدى.

فىرانسىيە كوماندىسى ئۇرۇگۋاي كوماندىسىنى 0 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن يىڭىپ، يېرىم ھەل قىلغۇچقا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى. فىرانسىيە دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدا 6-قېتىم يېرىم ھەل قىلغۇچقا قاتناشقان كوماندا بولۇپ قالدى.

دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدا، گېرمانىيە 13 قېتىم، بىرازىلىيە 11 قېتىم، ئىتالىيە سەككىز قېتىم يېرىم ھەل قىلغۇچقا قاتنىشىش سالاھىيىتىنى قولغا كەلتۈرگەن كوماندىلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

بېلگىيە كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسىنىڭ يۇلتۇز كوماندىلىرىدىن بىرازىلىيەنى 1 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن يىڭىپ، يېرىم ھەل قىلغۇچقا قاتنىشىش سالاھىيىتىنى قولغا كەلتۈردى. بۇنىڭ بىلەن، مەزكۇر كوماندا 1986-يىلدىن كېيىن تۇنجى قېتىم يېرىم ھەل ھەل قىلغۇچقا قاتناشقان كوماندىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.

ئەنگلىيە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن يېرىم ھەل قىلغۇچقا قاتنىشالماسلىق ھەسرىتىگە خاتىمە بەردى. ئەنگلىيە كوماندىسى 0 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن شىۋېتسىيە كوماندىسىنى يەڭدى ۋە 1966- ۋە 1990-يىلدىن كېيىن 3-قېتىم يېرىم ھەل قىلغۇچقا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى.

كىرودىيە كوماندىسى 5-قېتىم  قاتناشقان دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدا 2-قېتىم يېرىم ھەل قىلغۇچقا قاتنىشىشقا مۇۋەپپەق بولدى.

كىرودىيە-رۇسىيە مۇسابىقىسىدە، مۇسابىقە 1-1 ئاخىرلاشتى، ۋاقىت قوشۇپ بېرىلگەن قىسمىدا نەتىجە 2-2 بولدى. ساھىبخان كوماندا رۇسىيە 11 قەدەم توپىدا 4 كە قارشى 3 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويدى.

بۇ نەتىجىلەر بويىچە رۇسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن 21-نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدا، 1934-، 1966-، 1982- ۋە 2006-يىللىرىدىن كېيىن، 5-قېتىم يېرىم ھەل قىلغۇچقا قاتنىشىدىغان كوماندىلارنىڭ ھەممىسى ياۋروپا كوماندىلىرى بولدى ۋە بۇ بەش قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ھەممىسىگە ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ساھىبخانلىق قىلىشىمۇ ئالاھىدە دىققەتكە سازاۋەر بولدى.

ئالدىنقى 20 قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسىدا ياۋروپا 11 قېتىم، جەنۇبىي ئامېرىكا 9 قېتىم چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن، چېمپىيونلۇق سانىنى 12 گە چىقىرىشنى كاپالەت ئاستىغا ئالغان بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر