UEFA نىڭ 2 ئايلانما مۇسابىقىلىرى ئاخىرلاشتى
ياۋروپا پۇتبول فېدېراتسىيەلىرى بىرلىكى (UEFA) چىمپېيونلۇقىنىڭ2 – ئايلانما شاللاش مۇسابىقىلىرىدە، يەتتە مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلدى.
![UEFA نىڭ 2 ئايلانما مۇسابىقىلىرى ئاخىرلاشتى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/c390/e77a/5bba/5787167837b62.jpg?time=1718874012)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا پۇتبول فېدېراتسىيەلىرى بىرلىكى چىمپېيونلۇقىنىڭ 2017 – 2016 – يىللىق 2 - ئايلانما شاللاش مۇسابىقىلىرى ئاخىرلاشتى. تۈركىيەنىڭ بەشىكتاش كوماندىسى بىۋاستە مۇسابىقىگە چۈشىدۇ. فەنەرباھچە كوماندىسى بولسا، 3 – ئايلانما شاللاش مۇسابىقە گۇرۇپپىسى ئىچىدىن ئورۇن ئالدى.
2 – ئايلانما شاللاشتا يەتتە مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلدى. لىتۋانىيەنىڭ زالگىرىس كوماندىسى ۋە قازاقىستاننىڭ ئاستانا كوماندىسى 0 – 0 نەتىجە بىلەن تەڭلىشىپ قالدى.
نورۋېگىيەنىڭ روسېنبورگ كوماندىسى 1 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن شىۋېتسىيەنىڭ نوركۆپىڭ كوماندىسىنى يەڭدى.
بۇلغارىيەنىڭ لۇدوگورېتس كوماندىسى 0 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن قاراداغنىڭ ملادوست پودگورىجا كوماندىسىنى يەڭدى.
ئالبانىيەنىڭ پارتىزانى كوماندىسى ۋە ۋېنگىرىيەنىڭ فېرېنجۋاروس كوماندىسى 1 – 1 نەتىجە بىلەن تەڭلەشتى.
شىمالىي ئىرېلاندىيەنىڭ كرۇسادېرس كوماندىسى دانىيەنىڭ كوپېنھاگېن كوماندىسىغا 3 كە قارشى 0 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويدى.
سلوۋېنىيەنىڭ ئولىمپىجا لجۇبىلجانا كوماندىسى 4 قارشى 3 نەتىجە بىلەن سلوۋاكىيەنىڭ ترېنجىن كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى.
ئىرېلاندىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ داندالك كوماندىسى ئىسلاندىيە كوماندىسى بىلەن تەڭلەشتى.