شەيتاننىڭ ئارقىسىغا كىرمەڭلار

شەيتان سىلەرگە ھەقىقەتەن ئوچۇق دۈشمەندۇر.

1235165
شەيتاننىڭ ئارقىسىغا كىرمەڭلار

شەيتاننىڭ ئارقىسىغا كىرمەڭلار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئەنئام سۈرىسى، 138 – 142 – ئايەتلەر. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ گۇمانىچە: «بۇ ھايۋانلار ۋە ئېكىنلەر (مەبۇدلىرىمىزغا خاس بولۇپ، باشقىلارغا) ھارامدۇر، ئۇلارنى پەقەت بىز خالىغان ئادەملەرلا يەيدۇ، بۇ ھايۋانلارنى مىنىش ھارامدۇر، بۇ ھايۋانلارنى بوغۇزلىغاندا ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئېيتىشقا بولمايدۇ» دېدى. ئۇلار ئاللاھقا يالغان چاپلىدى، ئاللاھ ئۇلارنى يالغان چاپلىغانلىقلىرى ئۈچۈن جازالايدۇ[138]. ئۇلار: «بۇ ھايۋانلارنىڭ قورساقلىرىدىكى بالىلىرى بىزنىڭ ئەر كىشىلىرىمىزگە خاستۇر، بىزنىڭ خوتۇن كىشىلىرىمىزگە ھارامدۇر» دېدى. ئەگەر تۇغۇلغان ھايۋان ئۆلۈك بولسا، بۇ ئەر كىشىلەر بىلەن خوتۇن كىشىلەر ئارىسىدا ئورتاقتۇر (يەنى ئۇنى ھەممەيلەن تەڭ يەيدۇ) دەپ (ھالال ـ ھارامنى تەيىنلەشتى). ئاللاھقا يالغان چاپلىغانلىقلىرى ئۈچۈن ئاللاھ ئۇلارنى جازالايدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر[139]. ھاماقەتلىك ۋە نادانلىقلىرىدىن بالىلىرىنى ئۆلتۈرگەن ۋە ئاللاھ نامىدىن يالغان ئېيتىپ، ئاللاھ رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەرنى ھارام بىلگەن كىشىلەر ھەقىقەتەن زىيان تارتتى، ئۇلار ھەقىقەتەن (توغرا يولدىن) ئاداشتى، ھىدايەت تاپمىدى[140]. ئاللاھ بىدىشلىك ۋە بىدىشسىز باغلارنى بەرپا قىلدى، مېۋىلىرى، دانلىرى (رەڭگى، تەمى، ھەجمى ۋە پۇرىقى) بىر ـ بىرىگە ئوخشىمايدىغان خورما دەرەخلىرىنى، زىرائەتلەرنى، (رەڭگى ۋە شەكلى) بىر ـ بىرىگە ئوخشايدىغان، (تەمى) ئوخشىمايدىغان زەيتۇن ۋە ئانارنى ياراتتى، مېۋىسى پىشقاندا، ئۇلاردىن يەڭلار، مېۋە (نىڭ ھوسۇلى) نى يىغقان كۈندە (يەنى يىغقان ۋاقىتتا)، ئۇنىڭ ئۆشرىسىنى ئادا قىلىڭلار، ئىسراپ قىلماڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئىسراپ قىلغۇچىلارنى ياقتۇرمايدۇ[141]. ئاللاھ چاھارپايلارنى (يەنى تۆگە، كالا، قويلارنى)، يۈك كۆتۈرىدىغانلارنى، بوغۇزلىنىدىغانلارنى ياراتتى. ئاللاھ سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن يەڭلار، شەيتاننىڭ ئارقىسىغا كىرمەڭلار، شەيتان سىلەرگە ھەقىقەتەن ئوچۇق دۈشمەندۇر[142].



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر