فىدان: پەلەستىننى ئېتىراپ قىلىشنى كېچىكتۈرۈش مەسىلىنى ھەل قىلمايدۇ

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان پەلەستىننى ئېتىراپ قىلىشنى كېچىكتۈرۈشنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلمايدىغانلىقىنى ۋە ئىسىرائىلىيەگە تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

2144552
فىدان: پەلەستىننى ئېتىراپ قىلىشنى كېچىكتۈرۈش مەسىلىنى ھەل قىلمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا «پەلەستىن ئۇچرىشىشلىرى» رامكىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن «خەلقئارالىق شېرىكلەر يىغىنى» ۋە «پەلەستىنى ئېتىراپ قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارەسىنى ئىجرا قىلىش» يىغىنىدا سۆز قىلدى.

ئۇ ئىسىرائىلىيە نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىنىڭ پەلەستىنلىكلەرنى يوقىتىش پىلانىنى بەدىلى قانچىلىك ئېغىر بولۇشىدىن قەتئىينەزەر قەتئىي ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، مەزكۇر ۋەھشىي پىلاننىڭ غەززەدىن غەربىي قىرغاق ۋە شەرقىي قۇددۇسقا قاراپ ئىلگىرىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ بۇلار ئۈستىدىن غالىب كېلىش ئۈچۈن پەلەستىننىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق دۆلەت سۈپىتىدە ھەرىكەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ، پەلەستىننىڭ ئۆزىنىڭ تۈزۈمىنى ئورنىتىشى ئۈچۈن ئۆزىگە تەئەللۇق ئىدارە-ئورگانلىرىنىڭ بولۇشى كېرەكلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ، شۇڭا تېخىمۇ كۆپ دۆلەتنىڭ پەلەستىننى دۆلەت سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىشى ئۈچۈن كۆرسىتىلىۋاتقا تىرىشچانلىقلارنى كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى، بۇنى كېچىكتۈرۈشنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلمايدىغانلىقىنى ۋە ئىسىرائىلىيەگە تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ يىغىن باشلىنىشتىن ئىلگىرى ئىسپانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قوشۇمچە ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ھەمكارلىق مىنىستىرى خوسې مانۇئېل ئالبارېس (Jose Manuel Albares) بىلەن كۆرۈشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر