تاشلاندۇقلارنى — ئەخلەتلەرنى ئايرىيمەن، چۈنكى...

«چۈنكى...» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، «تاشلاندۇقلارنى — ئەخلەتلەرنى ئايرىيمەن، چۈنكى...» دېگەن تېمىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

2105590
تاشلاندۇقلارنى — ئەخلەتلەرنى ئايرىيمەن، چۈنكى...

تاشلاندۇقلارنى — ئەخلەتلەرنى ئايرىيمەن، چۈنكى...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: بۈگۈن بىز ھەم بۈگۈنىمىز ھەمدە كەلگۈسىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر مەسىلە ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز. تېخىمۇ كونكېرت قىلپ ئېيتقاندا، ناھايىتى كەڭ كەتكەن بىر ساھە بولغان تاشلاندۇقلارنى يىغىۋېلىپ پىششىقلاپ ئىشلەشنىڭ شەخسلەرگە مۇناسىۋەتلىك بىرىنچى باسقۇچى توغرىسىدا توختىلىمىز. شۇنداق، «ھەممە ئادەم ئۆز ئىشىكىنىڭ ئالدىنى سۈپۈرسە، مەھەللە پاكىز بولىدۇ» دېگەن ئىبارىدە كۆرسىتىلگىنىدەك، كىچىك-كىچىك قەدەملەرنىڭ ساقلىنىۋاتقان چوڭ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا قانچىلىك مۇھىم ئورۇنغا ئىگە ئىكەنلىكىنى دەلىللەشكە تىرىشىمىز.

*  *  *  *

ئىشلىتىلگەن، ۋاقتى ئۆتكەن ياكى فۇنكسيەسىنى يوقاتقان بۇيۇملار ياكى تاشلاندۇقلارنى يىغىپ پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە ئۇلارنى يېڭى مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىشتا ئىشلىتىش جەريانى «يىغىۋېلىپ پىششىقلاپ ئىشلەش» دەپ ئاتىلىدۇ. دۇنيا نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشى ۋە ئىنسانلارنىڭ ئېھتىياجىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئېشىشى يىڭنىدىن يىپقىچە بولغان ھەر بىر نەرسىنىڭ ناھايىتى زور مىقداردا ئىشلەپچىقىرىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەمما، بۇ ئىشلەپچىقىرىشقا كېرەكلىك خام ئەشيا ۋە ئېنېرگىيەنىڭ چەكلىك بولۇشى  ۋە خام ماددىنىڭ ئازىيىشىغا ئەگىشىپ، باھاسىنىڭ قىممەتلەپ كېتىدىغانلىقى ئېنىق. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى سۈپىتىدە يولغا قويۇلغان «يىغىۋېلىپ پىششىقلاپ ئىشلەش» بولسا، خام ماددىنى تېجەپ ئىشلىتىپ، تەبىئەتكە زىيان يەتكۈزۈشنى ئىمكانىيەتنىڭ يېتىشىچە ئازايتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار مۇھىم تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇ جەرياننىڭ بىرىنچى قەدىمىنى تاشلاندۇقلارنى — ئەخلەتلەرنى ئايرىش شەكىللەندۈرىدۇ.

*  *  *  *

ئۆيىمىزدە ياكى خىزمەت ئورۇنلىرىمىزدا ھەر كۈنى پەيدا بولىدىغان پىلاستىك، ئەينەك ۋە قەغەز تاشلاندۇقلار رەتلەنمەي تاشلىۋېتىلگىنىدە، نۇرغۇن مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بولۇپمۇ چوڭ شەھەرلەردە غايەت زور ئەخلەت دۇۋىلىرىنىڭ شەكىللىنىشى ساقلىنىۋاتقان ئاساسلىق مەسىلىلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئورگانىك ۋە ئورگانىك بولمىغان تاشلاندۇقلار ئۇزۇن ۋاقىت بىر يەردە تۇرغاندا، ئاتموسفېراغا زىيانلىق گاز قويۇپ بېرىدۇ. قايتا ئىشلەتكىلى بولىدىغان تاشلاندۇقلارنى ئۆز تۈرلىرى بويىچە ئايرىم جايلارغا يىغىپ، ئەخلەت رايونلىرىنى ئازايتىش كېرەك. گەرچە بۇ خىزمەتنى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئورۇنداپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما شەھەر تۇرمۇشىنىڭ بىر پارچىسىنى تەشكىل قىلىۋاتقان بىزنىڭمۇ بۇ جەرياندا مەسئۇلىيىتىمىز بار.

*  *  *  *

پىلاستىك، ئەينەك ۋە قەغەز قاتارلىق مەھسۇلاتلار ئىشلەپچىقىرىلىدىغان خام ئەشياغا ئېرىشىش ئۈچۈن، ئىنتايىن يۇقىرى ئېنېرگىيە كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ مەھسۇلاتلارنى ئاخىرقى شەكىلىگە كىرگۈزۈپ ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئېنېرگىيە سەرپ بولىدۇ. ئىشلىتىلگەن ماتېرىياللارغا «خام ئەشيا» دەپ قاراش، بىرىنچى باسقۇچتىكى ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى تېجەپ قالىدۇ. تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، يىغىۋېلىنغان ماتېرىياللاردىن مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش ئېنېرگىيەسى بارغانسېرى ئازايماقتا. ئۆيىمىزدىكى ئەخلەتلەرنى بىرلار خالتىغا يىغىشنىڭ ئورنىغا، ئۇنى تۈرلىرىگە ئاساسەن ئايرىپ، ئايرىم – ئايرىم خالتىلارغا سېلىپ، ئەخلەت يىغىش ساندۇقىغا تاشلىساق، بۇ جەريانغا تۆھپە قوشقان بولىمىز. كېلىڭلار، چەكلىك مىقداردىكى بايلىقلىرىمىزنى قوغداشنى ئۆيلىرىمىزدىن باشلايلى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر