پېنسىلىننىڭ كەشىپ قىلىنىش ھېكايىسى

ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تۇرمۇشنى قولايلاشتۇرغان تاسادىپىي بايقاشلار» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، «پېنسىلىن»نىڭ كەشىپ قىلىنىش ھېكايىسىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

2105617
پېنسىلىننىڭ كەشىپ قىلىنىش ھېكايىسى

پېنسىلىننىڭ كەشىپ قىلىنىش ھېكايىسى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئۆپكە ياللۇغى، يۇتقۇنچاق ياللۇغى ۋە كاناي ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەر ئالدىنقى ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە مىليونلىغان كىشىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب، ئىلمىي تەتقىقاتلارنىڭ كەمچىل بولۇشى، تاقابىل تۇرۇش ئۇسۇللىرىنىڭ ئېنىقسىزلىقى ۋە تەبىئەتتىن ئېلىنغان دورىلارنىڭ يېتەرسىزلىكى ئىدى. بولۇپمۇ يۇقۇم مەزگىلىدە بىرەر بازار ياكى شەھەردە قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا نەچچە مىڭ ئادەمنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ كېلىۋاتقان بۇ خىل كېسەللىكلەرنىڭ داۋاسى —پېنسىلىن، بىر تاسادىپىيلىق نەتىجىسىدە بايقالدى.

*  *  *  *

بىز ئوچۇق قويۇپ قويغان بولكا، ئىرىمچىك قاتارلىق يېمەكلىكلەر مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن پاختىلىشىپ، باكتېرىيەلىنىشكە باشلايدۇ. بۇ باكتېرىيەلەر ئەمەلىيەتتە بىر خىل زەمبۇرۇغ تۈرى بولۇپ، ئوكسېگىن سۈمۈرىدۇ شۇنداقلا ھەممە يەردە ئۇچرايدۇ. نەم ھەم ئىسسىق مۇھىتتا ياشايدىغان زەمبۇرۇغ، بەك ئىسسىق ياكى قاتتىق سوغۇق مۇھىتتا ياشىيالمايدۇ. شۇڭلاشقا تاماقلىرىمىزنى توڭلاتقۇ ياكى سوۋۇتقۇچتا ساقلايمىز. ئۇنداقتا زەمبۇرۇغ بىلەن پېنسىلىننىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار؟ 1881-يىلى شوتلاندىيەدە تۇغۇلغان، لوندوندىكى ساينىت مەريەم دوختۇرخانىسىنىڭ ۋاكسىنىلاش بۆلۈمىدە ئۇزۇن يىل ئىشلىگەن تەتقىقاتچى ئالېكساندر فلېمىڭ، مانا بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى تاسادىپىيلا بايقىغان ئالىم ھېسابلىنىدۇ.

*  *  *  *

بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا ھەربىي دوختۇر سۈپىتىدە قاتناشقان فلېمىڭ، ئالدىنقى سەپتىكى ناچار شارائىت سەۋەبىدىن يۇقۇملانغان نۇرغۇن ئەسكەرلەرنىڭ قازا قىلغانلىقىغا شاھىت بولغانىدى. ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، فلېمىڭ ساينىت مەريەم دوختۇرخانىسىغا قايتىپ كېلىپ، دىققىتىنى قىزىتما قايتۇرغۇچى دورىلار تەتقىقاتىغا مەركەزلەشتۈردى. ئەمما ئۇ 1928-يىلىغىچە بۇ ساھەدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىدى. ئۇ شۇ يىلى تەتىلدىن قايتىپ تەجرىبىخانىسىغا كەلگەندە، ئۆزىنىڭ ئوخشىمىغان باكتېرىيەلەر بار بىر قاچىنىڭ ئېغىزىنى ئوچۇق ئۇنتۇپ قالغانلىقىنى، قاچىنىڭ زەمبۇرۇغ بىلەن تولغانلىقىنى ھېس قىلدى. قاچىنى تازىلاشقا تەمشەلگەن فلېمىڭ، زەمبۇرۇغنىڭ گىرۋىكىدىكى گېلىدەك بىر ماددىدا باكتېرىيە يوقلۇقىنى كۆردى. ھالبۇكى، قاچىنىڭ باشقا جايلىرىدا ناھايىتى كۆپ باكتېرىيە بار ئىدى. فلېمىڭ باكتېرىيەنى يوقىتىدىغان بۇ ماددىنى زەمبۇرۇغ دەپ ئويلىدى ۋە گىرۋېكىدىكى سۇيۇق «ماددا»غا پېنسىلىن دەپ ئىسىم قويدى. ئۇ ئۇزۇن يىللار بويىچە پېنسىلىننى زەمبۇرۇغدىن ئايرىش ئۈچۈن كۈچ چىقارغان بولسىمۇ، ئەمما مۇۋەپپەقىيەت قازىنالماي، تەتقىقاتىنى ئاخىرلاشتۇردى. ئىزدىنىشلىرى توغرىسىدا ماقالە ئېلان قىلغان فلېمىڭ، ئۆزىنىڭ تاسادىپىي بايقىشىنى كېسەللىكلەرنى داۋالاشتىمۇ ئىشلىتىشكە بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ ماقالە ئەنگلىيەلىك پەن-تەتقىقاتچىلاردىن خوۋارد فىلورېي بىلەن ئېرنىست چېيننىڭ دىققىتىنى تارتتى ۋە بۇ ئىككىيلەن پېنسىلىن ئۈستىدە ئىزدىنىشكە باشلىدى. ئىككى تەتقىقاتچى فلېمىڭنىڭ قوللىشى بىلەن، 1939-يىلى پېنسىلىننى ئايرىپ چىقىشقا مۇۋەپپەق بولدى. ئەمما ئەنگلىيە گېرمانىيە بىلەن ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا كىرگەنىدى. ئۇ يىللاردا، ئەنگلىيەدىكى زاۋۇتلارنىڭ ئۇرۇشتا ئىشلىتىلىدىغان ھەربىي ماتېرىياللاردىن باشقا نەرسىلەرنى ئىشلەپچىقىرىشىغا يول قويۇلمايتتى. شۇڭلاشقا خوۋارد فىلورېي بىلەن ئېرنىست چېين تەتقىقاتىنى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا داۋاملاشتۇردى. پېنىسىلىننىڭ دورا سۈپىتىدە دۇنيا مىقياسىدا داڭق چىقىرىشى بولسا، ئۇنىڭدىن كېيىن باشلىدى. چۈنكى ئامېرىكا قاتارلىق ئىتتىپاقداش كۈچلەر پېنسىلىن سايىسىدا باكتېرىيە كەلتۈرۈپ چىقارغان كېسەللىكلەرنىڭ تەسىرىگە كۆپلەپ ئۇچرىمىدى ۋە ئەسكەرلەرنىڭ تالاپەتكە ئۇچراش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئازايدى. ئالېكساندىر فلېمىڭنىڭ تاسادىپىي كەشپىياتى بولغان پېنسىلىن، 1945 – يىلى فلېمىڭ بىلەن بىرلىكتە خوۋارد فىلورېي ۋە ئېرنىست چېيىننىڭ نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىشىگە سەۋەب بولدى. تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇ مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالدى ۋە قېلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر