تۈركىيەنىڭ جازالاش ھەرىكەتلىرى ۋە پ ك ك نىڭ ئىپلاس نېفت تورى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (03)

2090656
تۈركىيەنىڭ جازالاش ھەرىكەتلىرى ۋە پ ك ك نىڭ ئىپلاس نېفت تورى

تۈركىيەنىڭ جازالاش ھەرىكەتلىرى ۋە پ ك ك نىڭ ئىپلاس نېفت تورى

جازالاش ھەرىكەتلىرى ۋە پ ك ك نىڭ ئىپلاس نېفت تورى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (03)

(جان ئاجۇن)

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايونلاردا تۈركىيە ئارمىيەسىگە قىلغان تېرورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن، تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسى ۋە ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرى ئىراق ۋە سۈرىيەدە ھاۋادىن بومباردىمان قىلىش ئارقىلىق جازالاش ھەرىكىتىنى ئېلىپ باردى. تۈركىيە يېڭى بىر ئۇرۇش پەرمانى سۈپىتىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى ئېلىپ بارغان ھۇجۇملاردىن كېيىن، ئىراق ۋە سۈرىيەدە كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھەرىكىتى ئېلىپ بارماقتا. بۇ دائىرىدە تېررورلۇق تەشكىلاتنىڭ ئېنېرگىيە ئۇل- ئەسلىھەلىرى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلىشى، دىققەتلەرنى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدە قۇرغان نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ساھەسى ھۆكۈمرانلىقى تەرەپكە بىر قېتىم تارتتى.

تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئادەتتە قىش ئايلىرىدا قىشلىق پاناھلىنىش دەپ ئاتىلىدىغان بىر ھەرىكەت ئۇسلۇبى بىلەن چېكىنىپ، بۇ مەزگىلدە ئۆزىنى قوغداشقا مەركەزلىشەتتى شۇنداقلا پاناھجايلاردىن مائارىپ ۋە ئىدىيەۋى تەربىيە پائالىيەتلىرى ئۈچۈن پايدىلىناتتى. لېكىن پ ك ك يېقىنقى مەزگىلدە، بولۇپمۇ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايونلاردا تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرىغا  ئارقا-ئارقىدىن ھۇجۇم قىلدى.  بۇ يەردە ھاۋا رايى شارائىتى ياراتقان پۇرسەتلەر ئالدىنقى پىلانغا چىقىش بىلەن بىرگە، بۇ تەشكىلاتنىڭ مەغلۇبىيەت پىسخىكىسىدىن قۇتۇلۇش ۋە ئەگەشكۈچىلىرىگە «مەن ھازىرمۇ مەۋجۇت» دېگەن ئۇچۇرنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن «ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش» خاراكتېرلىك ھۇجۇملارنى قىلىۋاتقانلىقىنى ئويلىشىشقا بولىدۇ.  

نەتىجىدە، پ ك ك بۇ ھۇجۇملاردا ئېغىر زىيانلارغا ئۇچرىدى. لېكىن، بۇ يەردە ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ھۇجۇمى دائىرىسدە شەكىللەنگەن يېڭى  رايون خاراكتېرلىك كۈچ تالىشىش كۈرىشىنىمۇ ھېسابقا قېتىش ۋە بۇ تەشكىلاتنىڭ ئۆزىنى قوللاۋاتقان تاشقى كۈچلەرگە «ھازىرمۇ ئىشلىتىشكە ئۇيغۇنلۇقۇم بار»  دېگەننى نامايان قىلىش مەقسىتىنى شۇنداقلا تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيەسىنى قايتىدىن تېررورلۇق بىلەن خورىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان كۈچلەرنىمۇ ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك.

ئاقىۋەت بۇ ھۇجۇملار يۈز بەردى ۋە تۈركىيە بۇنىڭغا ئىنتايىن ئېغىر جاۋاب قايتۇردى. ئەگەر بۇ ھەرىكەت ئۇسۇلىغا ئاتالغۇ ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە، ئۇنى جازالاش ھەرىكىتى دېيىشكە بولىدۇ.

دەسلەپتە ئىستانبۇلنىڭ ئىستىقلال كوچىسىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن، يولغا قويۇلغان ئۇرۇش تەلىماتى، پ ك ك نىڭ تۈركىيە، ئىراق ياكى سۈرىيەدە ئېلىپ بارغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن، بولۇپمۇ تەشكىلاتنىڭ سۈرىيەدىكى تەركىبلىرىگە قارىتا ئىنتايىن ئېغىر ھاۋادىن بومباردىمان قىلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، تەشكىلاتقا نىسبەتەن ھۇجۇمنىڭ تەننەرخىنى كۆپەيتىشنى ئاساس قىلغان بىر ئۇرۇش تەلىماتى ئىدى.

بۇ ئاخىرقى قېتىملىق تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن، تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرى ۋە ئىستىخبارات ئىدارىسىغا تەۋە قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار سۈرىيەدە نۇقتىلىق ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان ئونلارچە ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ باردى. بولۇپمۇ تەشكىلاتنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى ئىستراتېگىيەلىك نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش مەركەزلىرىگە زەربە بەردى. سۇۋايدادىكى نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش بازىسى شۇنداقلا ئودەھ نېفىت زاۋۇتىمۇ زەربە بېرىلگەن ئۇل ئەسلىھەلىرى قاتارىدا ئىدى.  پ ك ك ئامېرىكانىڭ قوللىشى بىلەن سۈرىيەدە ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنىڭ %70 تىن كۆپرەكىنى ئۆزى يالغۇز ئالقىنىدا تۇتۇپ كەلمەكتە. بۇ مەنبە كۈنىگە 300 مىڭ ۋارىل نېفىت ئىشلەپچىقىرىش دېگەنلىك بولىدۇ، يەنى مىلياردلارچە دوللارلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى دېگەنلىك بولىدۇ. لېكىن، مەيدان شارائىتى ھەمدە تۈركىيەنىڭ ھەربىي ئارىلىشىشى بۇ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى توسۇپ كەلمەكتە ۋە تەشكىلاتنىڭ نېفىت سېتىش ئارقىلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىنىڭ قىسمەن ئالدىنى ئالماقتا. ئالدىمىزدىكى مەزگىللەردە تۈركىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك  ھاۋا ھەرىكەتلىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىدىغانلىقىنى پەرەز قىلالايمىز.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر