بارلىق يوللار رىمغا تۇتىشىدۇ، چۈنكى...

چۈنكى (21)

2142430
بارلىق يوللار رىمغا تۇتىشىدۇ، چۈنكى...

بارلىق يوللار رىمغا تۇتىشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «چۈنكى...» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، تارىختا قولغا كەلتۈرگەن ئۇرۇش غەلىبىلىرى ۋە بىناكارلىق ماھارىتى بىلەن داڭق چىقارغان رىم ئىمپېرىيەسى ھەققىدە توختىلىمىز. ئافرىقا، ئاسىيا ۋە ياۋروپانى، جۇملىدىن ئەينى ۋاقىتتىكى دۇنيانىڭ كۆپ قىسمىنى ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا ئالغان ۋە تەخمىنەن ئون بەش ئەسىرگىچە ھاكىمىيىتىنى داۋاملاشتۇرغان رىم ئىمپېرىيەسىدىن يادكار بىر سۆز، يەنى «بارلىق يوللار رىمغا تۇتىشىدۇ» دېگەن سۆز ئۈستىدە توختىلىمىز.

**** ****** ***** ****

رىم ئىمپېرىيەسىدە يول ياساش ۋە ئاسراش مۇھىم سىياسىي ۋە ھەربىي ئىستراتېگىيە ئىدى. ئىمپېرىيەنىڭ كېڭىيىشى، ئۈنۈملۈك باشقۇرۇلىشى ۋە ھەربىي يۆتكەش لىنىيەسى قۇرۇش ئۈچۈن يول قۇرۇلۇشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرەتتى. ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن ھەر بىر ئىمپېراتور كۈچ چىقارغان يول لىنىيەسىنىڭ كېڭىيىشى رىمنىڭ شۇنچە ئۇزۇن يىللارغىچە مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالالىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. رىملىقلار ياساپ چىققان ۋە 200 مىڭ كىلومېتىردىن ئاشىدىغان يول لىنىيەسى، رىمدىن باشلىنىپ، ئەنگلىيەگە، غەربىي ياۋروپانىڭ ھەممە يېرىگە، شىمالىي ياۋروپادا بولسا، شىۋېيتسارىيەگە ۋە شەرقتە ئانادولۇغىچە تۇتۇشاتتى. بۇ ئەھۋال، ئۇچۇر – ئالاقە، ھەربىي سەپەرۋەرلىك ۋە سودا-تىجارەتنى ئاسانلاشتۇرۇپ، دۆلەتنى كۈندىن-كۈنگە كۈچەيتكەن ئۈستۈنلۈك بولۇپ قالغان ئىدى.

رىم ئىمپېرىيەسىدە يوللار تاش تىزىش ياكى مۇقىم ماتېرىياللارنى ئىشلىتىش بىلەن ياسىلاتتى. بۇ يوللار ئاساسەن رەتلىك ھەم چىداملىق قىلىپ لايىھەلىنەتتى. رىم يوللىرى بولۇپمۇ ئېگىز ياسالغان يول ياقىلىرى بىلەنمۇ مەشھۇر ئىدى. يولنى ئاسراش دائىم تەرتىپلىك ھالدا ئېلىپ بېرىلاتتى ۋە رىم ئارمىيەسىدە يول ئاسراش ئۈچۈن ئالاھىدە ئەترەتلەر بار ئىدى.

**** *** ***** ***** *****

رىمنىڭ يوللىرى ھەربىي ۋە سودا ئەۋزەللىكى يارىتىشتىن باشقا يەنە، ئىمپېرىيەنىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرى ۋە خەلقلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت ئالاقىسىنى ئاسانلاشتۇرغان ئىدى. بۇ يوللار سايىسىدا، رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ ھەر قايسى رايونلىرىدىكى كىشىلەر ئارىسىدا ئۇچۇر، پىكىر ۋە سودا ئېقىمى كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان ئىدى. ئەسىرلەر بويى ئۈزۈلمەي يولغا قويۇلغان بۇ يول ياساش سىياسىتى ئىمپېرىيەنىڭ كېڭىيىشى، ئۈنۈملۈك باشقۇرۇلىشى ۋە ھەربىي ئۈستۈنلۈكىنى داۋاملاشتۇرۇش جەھەتتە ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدى.

بۇ يول لىنىيەلىرى سايىسىدا مەۋجۇت يوللارنىڭ ھەممىسىنىڭ بىر شەكىلدە ئىمپېرىيەنىڭ پايتەختى رىمغا تۇتىشىدىغانلىقىنى ئاسانلا كۆگىلى بولىدۇ. ئەمما، «بارلىق يوللار رىمغا تۇتىشىدۇ» دېگەن سۆزنىڭ ئارقىسىدا باشقا بىر سەۋەب بار ئىدى. 1175 - يىلى فىرانسىيە شائىرى ئالېن دې لىل تەرىپىدىن تۇنجى قېتىم قوللىنىلغان بۇ سۆز مىلادىيە 14 - يىلى ۋاپات بولغان ئىمپېراتور ئاۋگۇسۇس بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىكتۇر. ئاۋگۇسۇس رىمنىڭ ۋە ئۆزىنىڭ دۇنيانىڭ مەركىزى ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن پايتەختكە تىكلىگەن ئابىدە تېشىنى، «بارلىق يوللارنىڭ ھېسابلىنىشىنىڭ باشلىنىشى» دەپ ئېلان قىلغان ئىدى. تەخمىنەن 300 يىلدىن كېيىن تەختكە چىققان كونىستانتىن بولسا، بۇ تاشقا ئوخشايدىغان مىلون تېشىنى ئىمپېرىيەنىڭ يېڭى پايتەختى ئىستانبۇلدا تىكلەتكۈزۈپ، «دۇنيانىڭ مەركىزىي بۇ يەر» دەپ ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر