تۈركۈلوگىيەنىڭ ئاتىسى - مەشھۇر تىلشۇناس ۋىلخېلم رادلوف

نازگۈل قادىروۋا تەرىپىدىن تەييارلانغان «ھاياتىنى تۈرك دۇنياسىغا بېغىشلىغانلار» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، تۈركولوگىيە ساھەسىدە «تۈركۈلوگىيەنىڭ ئاتىسى» دەپ ئاتىلىۋاتقان مەشھۇر تىلشۇناس ۋىلخېلم رادلوف ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.

2154464
تۈركۈلوگىيەنىڭ ئاتىسى - مەشھۇر تىلشۇناس ۋىلخېلم رادلوف

تۈركۈلوگىيەنىڭ ئاتىسى - مەشھۇر تىلشۇناس ۋىلخېلم رادلوف

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تۈركولوگىيە، بولۇپمۇ تۈرك دىئالېكتولوگىيەسىنىڭ قۇرغۇچىسى دېيىلگەن ھامان، كىشىلەرنىڭ ئەقلىگە تۇنجى بولۇپ ۋىلخېلم رادلوف كېلىدۇ. زامانىۋى تۈركولوگىيە پېنىنىڭ قۇرۇلۇشىغا باشلامچىلىق قىلغان فىرېدرىخ ۋىلخېلم رادلوف، تۈرك دۇنياسىغا قىلغان خىزمەتلىرى سەۋەبىدىن «تۈركولوگىيەنىڭ ئاتىسى» دەپ ئاتىلىدۇ. رادلوف 1837-يىلى بېرلىندا بىر ساقچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ 1854-يىلى بېرلىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەلسەپە فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن ۋە پەلسەپە بىلەن بىرلىكتە، تىلشۇناسلىققىمۇ قىزىقىپ قېلىپ، مۇھىم تىلشۇناسلارنىڭ دەرسلىرى ۋە يىغىنلىرىغا قاتناشقان. ئۇنىڭ تىللارغا بولغان قىزىقىشى ئىبرانىيچە، ئەرەبچە، پارسچە، خىتايچە ۋە مانجۇچە قاتارلىق شەرق تىللىرىغىچە تەرەققىي قىلغان. رادلوفنىڭ شەرق تىللىرى مۇتەخەسسىسى بولۇپ يېتىلىشىدە گېرمان ئالىمى ۋ. شوت (W. Schott) ئاساسلىق رول ئوينىغان. رادلوف شوتتىن موڭغۇلچە، تاتارچە، مانجۇچە ۋە خىتايچە دەرسلەرنى ئالغان. بۇ قىزىقىشنىڭ تۈرتكىسىدە رۇسىيەگە بېرىپ، رۇسچە ئۆگىنىشنى باشلىغان. ئۇ 1858-يىلى جېنا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ۋە شۇ يىلى رۇسىيەگە بېرىپ، سانت پېتىربورگ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىمتىھان بېرىپ، ئوقۇتقۇچىلىق دىپلومىغا ئېرىشكەن ۋە بارناۋۇلدىكى بىر مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىققا تەيىنلەنگەن.

رۇسىيەگە كۆچكەن رادلوف دىققىتىنى تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ تىلى، تارىخى، فولكلورى ۋە ئېتنوگرافىيەسىگە مەركەزلەشتۈرگەن. رادلوفنىڭ ھەقىقىي ئىلمىي خىزمىتى ئەمدىلا 22 ياشقا كىرگەن چېغىدا سىبىرىيەگە بېرىپ، 12 يىل تۇرۇشى بىلەن باشلانغان. ئۇ قىشتا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ، يازلىرى سىبىرىيە ۋە تۈركىستاندا ياشايدىغان ئوخشىمىغان قەبىلىلەر ئارىسىدا ساياھەت قىلىپ، تىل ۋە مەدەنىيەتكە مۇناسىۋەتلىك مەنبەلەرنى خاتىرىلىگەن. رادلوف ساياھەتلىرى جەريانىدا تۈرك تىلى، خەلق ئەدەبىياتى، فولكلور، ئارخېئولوگىيە ، جۇغراپىيە، ئىستاتىستىكا ۋە ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەرگە  ئائىت ماتېرىياللارنى توپلىغان. بىز 1866-يىلى نەشر قىلىنغان «تۈرك قەبىلىلىرىدىكى خەلق ئەدەبىياتى مەسىلىسى» ناملىق تۇنجى ئەسىرىنىڭ كىرىش سۆزىدىن ئۇنىڭ تۈرك قەۋملىرىنى يېقىندىن تونۇغانلىقىنى بىلەلەيمىز. ئۇ مەزكۇر كىرىش سۆزىدە تۈرك قەبىلىلىرىگە: «دۇنيادىكى ھېچقانداق تىل ئائىلىسى تۈركچىدەك كەڭ رايونلارغا تارقالغان ئەمەس. ئافرىقانىڭ شەرقىي شىمال رايونلىرىدىن تۈركىيەگىچە، رۇسىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىن سىبىرىيەنىڭ جەنۇبى ۋە گوبى قۇملۇقىنىڭ ئىچكى قىسىملىرىغىچە بولغان جايلاردا تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان قەبىلىلەر ياشايدۇ. ئىسلامنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى باشقا مىللەتلەرنىڭ، بولۇپمۇ دىن قېرىنداشلىرى بولغان ئەرەبلەر بىلەن پارسلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ، ئەدەبىي ئەسەرلەردە بۇ تەسىرنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تىلىغا ماس كەلمەيدىغان ئەرەب يېزىقىنى قوللىنىپلا قالماي، يەنە ئۇلارنىڭ يېزىق تىلىدىن مىڭلىغان سۆزلەرنى ئېلىپ بىر يېزىق تىلى ياراتتىكى، بۇ تىلنى رەڭگارەڭ ياماقلار سېلىنغان بىر كىيىمگە ئوخشىتىشقا بولىدۇ. بۇ يېزىق تىلى تەبىئىي ھالدا تۈرك خەلقى چۈشىنەلمەيدىغان بىر ھالقىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، خەلقلەرنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ ئورنىغا، خەلق مەدەنىيىتىنىڭ يېڭى يېشىللىقلىرىغا ئوزۇق بېرەلمىگەچكە، ئۆز-ئۆزىنى خۇنۇكلەشتۈرمەكتە» دەپ باھا بەرگەن.

رادلوفنىڭ رۇسىيەدىكى ھاياتى ۋە ئىلمىي پائالىيەتلىرى ئالتاي، قازان ۋە پېتىربورگدىن ئىبارەت ئۈچ دەۋرگە ئايرىلىدۇ. ئۇ 1859-يىلدىن 1871-يىلغىچە بولغان دەسلەپكى دەۋرىدە، ئالتاي ۋە غەربىي سىبىرىيە تۈركلىرىنىڭ تىلى، ئېتنوگرافىيەسى ۋە فولكلورىغا ئائىت ماتېرىياللارنى توپلىغان. شەرقىي قىرغىز بوزقىرلىرى، خاكاسسىيە ۋە يەتتىسۇ رايونىدا تەتقىقاتلار ئېلىپ بارغان. 1871-يىلدىن 1884-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتىكى «قازان دەۋرى»دە بولسا، پېداگوگىكا ۋە مەمۇرىي خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان. 1884-يىلدىن 1918-يىلغىچە بولغان «پېتىربورگ دەۋرى» بولسا، ئۇنىڭ ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ تارىخى ۋە ئەدەبىياتى ساھەسىدە «كەسپىي ئاكادېمىك» ئۇنۋانىغا ئېرىشىشى بىلەن باشلانغان. ئۇنىڭ تۈركولوگىيەگە قوشقان مۇھىم تۆھپىلىرىنىڭ بىرى رۇنىك يېزىقلىرىنى بايقاش بولۇپ، رادلوف باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى 1891-يىلى موڭغۇلىيەگە بېرىپ، تەتقىقات ئېلىپ بارغان. ئۇ يەنە شۇ يىللاردىكى «Codex Cumanicus» ۋە «قۇتادغۇ بىلىك» قاتارلىق نادىر ئەسەرلەر تەتقىقاتلىرىغا زور تۆھپە قوشقان. ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئەسىرى 1888-يىلى نەشر قىلىنغان «تۈرك دىيالېكتلىرى» توغرىسىدىكى يېرىك توپلىمىدۇر. رادلوف يەنە ئۇيغۇر قوليازمىلىرى ۋە ئەسەرلىرىگىمۇ يېقىندىن كۆڭۈل بۆلگەن بولۇپ، بۇ تېمىدا نۇرغۇن ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان. ئۇ بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانسا، يەنە بىر تەرەپتىن مەمۇرىي خىزمەتلەر بىلەنمۇ شۇغۇللانغان. ئۇ 1885-1890-يىللىرى ئارىسىدا ئاسىيا پەنلەر ئاكادېمىيەسى مۇزېيى ۋە 1894-1918-يىللىرى ئىنسانشۇناسلىق ۋە ئېتنوگرافىيە مۇزېيىنىڭ مۇدىرى بولغان. ئۇ رۇسىيە جۇغراپىيە جەمئىيىتى، سىبىرىيە تەتقىقات جەمئىيىتى ۋە رۇسىيە ئارخېئولوگىيە جەمئىيىتى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتناشقان. گەرچە ئۇ ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇتقۇچىلىق قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما ن. ف. كاتانوف، پ. م. مېلىئورانىسكىي، س. ئە. مالوف، ئا. ن. سامويلوۋىچ قاتارلىق نۇرغۇن داڭلىق ئالىملارنىڭ يېتىلىشىگە زور تۆھپە قوشقان. رادلوفنىڭ ماقالىلىرى ۋە ساياھەت خاتىرىلىرىدىن باشقا، جەمئىي 20 پارچە مۇھىم ئەسىرى ئېلان قىلىنغان. بىز 1918-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى پېتىربورگدا ۋاپات بولغان رادلوفنىڭ تۈركولوگىيە ساھەسىنىڭ «باشلامچى»سى ئىكەنلىكىنى ئۇنىڭ تۆۋەندىكى سۆزلىرىدىن كۆرۈۋالالايمىز: «مەن ئۆمرۈمدە يېڭى بىر ئىلىم تۈرىنىڭ — تۈركولوگىيەنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنى باشتىن كەچۈردۈم ھەمدە كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە بۇ ئىلىمنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت قىلدىم. شۇڭلاشقا، مېنىڭ تەتقىقاتىم باشقىلارنىڭ ياردىمىنى تەقەززا قىلىدىغان بۇ ئىلىم تارمىقىنىڭ تاماملىنىشى ۋە تۈركولوگىيەنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن، بىر ئۇل تېشى بولۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.»

ۋىلخېلم رادلوف تۈرك دۇنياسىنى ئوخشىمىغان تەرەپلەردىن تەتقىق قىلغان، تۈركولوگىيە تارىخىدا يېڭى دەۋر ئاچقان ۋە 81 يىللىق ھاياتىنىڭ 60 يىلىنى بۇ تەتقىقاتلارغا بېغىشلىغان تۈركشۇناس بولۇش سۈپىتى بىلەن تارىختا مەڭگۈ قالىدۇ.

*  *  *  *

مەنبەلەر:

1. G. Selcan SAĞLIK. (2008). Wilhelm Radloff'un hayatı ve Sibirya Türk halklarının kültür dokusu üzerine görüşleri. Hacettepe Üniversitesi Türkiyat Araştırmaları Dergisi S.9, s. 471-486.

2. Oya AKDENİZ. (1998). WİLHELM RADLOFF, Ana Dili Dergisi, TÖMER Yay., Say.:7, Temmuz-Ağustos.

3. A. KOLESNİKOV, İ. KAMALOV (2011). Avrasya Türkologları Sözlüğü, 1. Cilt. s. 148-150.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر