كىرىكلارئىلى براكانا تاتلىق تۈرۈمى
تۈركىيەنىڭ رايونلارغا خاس تىزىمغا ئېلىنغان مەھسۇلاتلىرى -21
![كىرىكلارئىلى براكانا تاتلىق تۈرۈمى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/08a8/2545/7e33/65d5f08c2c9fc.jpg?time=1722043699)
![KIRKLARELİ BRAKANA TATLISI](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/78cf/f087/b2a2/66473e049e455.jpeg?time=1722043699)
كىرىكلارئىلى براكانا تاتلىق تۈرۈمى
ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تۈركىيەنىڭ رايونلارغا خاس تىزىمغا ئېلىنغان مەھسۇلاتلىرى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، «كىرىكلارئىلى براكانا تاتلىق تۈرۈمى » نى تونۇشتۇرىمىز.
كىرىكلارئىلى بىراكانا تاتلىق تۈرۈمىنىڭ تۈركىيەنىڭ رايونلارغا خاس مەھسۇلاتلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ۋاقتى: 13.11.2023
****** ********* ******
تۈركىيەنىڭ بۇلغارىيە چېگراسىغا جايلاشقان كىرىكلارئىلى شەھىرىگە قاراشلىق بابا ئەسكى ناھىيەسىدە ئىشلەپچىقىرىلغان براكانا تاتلىق تۈرۈمى 2023 - يىلى بۈيۈكماندىرا قول ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى ۋە تەبىئىي ھايات جەمئىيىتىنىڭ ئىلتىماسى بىلەن تۈركىيەنىڭ رايونلارغا خاس تىزىمغا ئېلىنغان مەھسۇلاتلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن ئىدى.
براكانا تاتلىق تۈرۈمى بۇغداي ئۇنى، سۈت، تۇخۇم، قوي يېغى ۋە سۇيېغى بىلەن تەييارلىنىدىغان شەربەتلىك تاتلىق تۈرۈم بولۇپ، ئۆتمۈشى 1877 - يىلى رايوندا ئولتۇراقلاشقان پوماكلارغا تۇتىشىدۇ. بۇ تاتلىق تۈرۈمنىڭ ئەڭ ئۆزگىچە ئالاھىلىكى شۇكى، ئۇنى ياساشتا ئالدى بىلەن خېمىر يۇغۇرۇلىدۇ ۋە خېمىر سۇغۇق ۋاقتىدا تۇخۇم قوشۇلىدۇ. ئاندىن قاتتىق ماي (قوي يېغى)، سۇيېغى ۋە سۈت بىر قازاندا قاينىتىلىدۇ، ئاندىن ئۇن ئارىلاشتۇرۇلۈپ، ئوچاق ئۆچۈرۈلۈپ سوۋۇتىلىدۇ. ئارىلاشمىغا سوۋۇغاندىن كېيىن 2 تۇخۇم ۋە 2 تۇخۇمنىڭ سېرىقى قوشۇلىدۇ. خېمىرنىڭ سوغۇق بولۇشى ۋە تۇخۇمنى پىشۇرماسلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىنىدۇ. ئاندىن پىشۇرۇش پاراشوكى ۋە پىشۇرۇش سودىسى قوشۇلغاندىن كېيىن، خېمىر كىچىك پارچىلارغا بۆلۈنۈپ يۇماقلىنىدۇ ۋە ئوتتۇرىسى بارماق بىلەن بېسىپ ئازراق ئۆرەك پەيدا قىلىنىدۇ. ئاندىن لېگەنگە تىزىلىپ، ئىسىقلىقى 180 سېلسىيە گرادۇسلۇق تونۇردا پىشۇرۇلىدۇ. خېمىر ئازىراق ھالرەڭگە كەلگەندە ئۈستىگە شەربەتنىڭ يېرىمى سۈركىلىدۇ، خېمىر قوڭۇررەڭگە كەلگەنگە قەدەر يەنە 6-5 مىنۇت تونۇردا پىشۇرۇلىدۇ. ئاندىن تونۇردىن چىقىرىلىپ خېمىرنىڭ ئۈستىگە شەربەتنىڭ قالغان يېرىمى تۆكىلىدۇ. تاتلىق تۈرۈم تىزىلغان لېگەننىڭ ئۈستى يەنە باشقا بىر لېگەن بىلەن يېپىلىپ دەم يېيىشكە قويۇپ قويۇلىدۇ. بىراكانا تاتلىق تۈرۈمى تولۇق سوۋۇغاندىن كېيىن ئىستېمالغا سۇنىلىدۇ.
FOTOĞRAF KODU: TCTÜ- KIRKLARELİ BRAKANA TATLISI
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشقان يالغانچىنى ھىدايەت قىلمايدۇ](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/0b98/a17e/6e4b/5deb55f1a1994.jpg?time=1722043699)
ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشقان يالغانچىنى ھىدايەت قىلمايدۇ
ئەگەر بىزگە ئاللاھنىڭ ئازابى كەلسە، ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشقا بىزگە كىم ياردەم بېرىدۇ؟