رەئىسىنىڭ چۈشۈپ كەتكەن تىك ئۇچارى ۋە تۈركىيەنىڭ ئۇچقۇلىرى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (21)

2143551
رەئىسىنىڭ چۈشۈپ كەتكەن تىك ئۇچارى ۋە تۈركىيەنىڭ ئۇچقۇلىرى
REISI.jpg

رەئىسىنىڭ چۈشۈپ كەتكەن تىك ئۇچارى ۋە تۈركىيەنىڭ ئۇچقۇسى

«كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ تاشقى سىياسەت تەتقىقاتچىسى جان ئاجۇن تەرىپىدىن تەييارلانغان «رەئىيىسنىڭ چۈشۈپ كەتكەن تىك ئۇچارى ۋە تۈركىيەنىڭ ئۇچقۇلىرى» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

**** ** ****** ****** *****

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئەزەربەيجان چېگراسىدا پىرېزىدېنت ئەلىيېۋ بىلەن سۇ توسمىسىنىڭ ئېچىلىش لىنتىسىنى كەسكەندىن كېيىن، تەبرىزگە ئىران پىرېزىدېنتىنى ئېلىپ ئۇچقان تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىپ، پىرېزىدېنت رەئىسى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇللاھىيان قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر قازا قىلدى. تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئىران قۇتقۇزۇش ئەترىتى ئايروپىلان قالدۇقىنى ئۇزاققىچە تاپالماي، تۈركىيەدىن ياردەم سوراشقا مەجبۇر بولدى. تۈركىيە بۇ تەكلىپكە ناھايىتى تېز ئىنكاس قايتۇردى ۋە ئاقىنچى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنى قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قاتناشتۇردى. تۈركىيەنىڭ تاشلىغان بۇ قەدىمى دۇنيادا زور تەسىر قوزغىدى. مىليونلىغان كىشى ئانادولۇ ئاگېنتلىقى ۋە <FlightRadar24> قاتارلىق مۇنبەرلەردىن ئاقىنچى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈپ كەتكەن تىك ئۇچارنى تېپىش خىزمىتىنى نەق مەيداندىن كۆردى.  

تىك ئۇچار سۇيىقەست يۈزىسىدىن چۈشۈپ كەتتىمۇ ياكى ھادىسىگە ئۇچرىدىمۇ؟ دېگەن سوئال تېخىچە ئېنىقسىزلىقىنى داۋاملاشتۇرماقتا.  

  ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ ۋە ئىران پىرېزىدېنتى ئىبراھىم رەئىسى ئىككى دۆلەت چېگراسىدىكى قىز قەلئەسى ۋە خۇدافەرىن سۇ توسمىلىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان ئىدى. ئەزەربەيجان چېگراسىدا ئەلىيېۋ بىلەن بىرلىكتە ئېچىلىش مۇراسىمىنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئىران پىرېزىدېنتىنى ئېلىپ تەبرىزگە قاراپ ئۇچقان تىك ئۇچارنىڭ تۇيۇقسىز ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قېلىشى، خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئىران تەرىپىدىن ئوخشاش بولمىغان باياناتلارنىڭ ئېلان قىلىنىشى ۋە رەئىسىنىڭ ئاقىۋىتىگە دائىر ئېنىقسىزلىقلار ۋەزىيەتنىڭ ئېغىرلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئاخىرىدا پىرېزىدېنت رەئىسى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇللاھىياننىڭ ھەمراھلىقىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى ئېلىپ ماڭغان تىك ئۇچارنىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىكى مۇئەييەنلەشتى. ئىران دۆلەت ئاپپاراتلىرى ۋە قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى تىك ئۇچار قالدۇقىنى ئۇزاققىچە تاپالمىغان بولغاچقا، تۈركىيەدىن ياردەم سوراشقا مەجبۇر بولدى.

  تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىىنىڭ باياناتىدا، ئىران دائىرىلىرى بىلەن ئالاقىلاشقاندىن كېيىن دەرھال كېچىدە كۆرۈش سىستېمىسى بولغان ئاقىنچى ئۇچقۇسىنى رايونغا ئەۋەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

  ئاقىنچى تىھا ئۇچقۇسى ناھايىتى تېزلا رايونغا يېتىپ بېرىپ، ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قاتناشتى.  ئاقىنچى تىھا ئۇچقۇسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان سىنلاردا رايوننىڭ ھاۋا رايى شارائىتىنىڭ ئىنتايىن ناچار ئىكەنلىكى، بوران ۋە تۇماننىڭ خىزمەتنى قىيىنلاشتۇرۇۋاتقانلىقى كۆرسىتىلدى. <SAT com> ۋە <TürkSAT> سۈنئىي ھەمراھلىرىنىڭمۇ ياردىمى بىلەن ئاقىنچى ئۇچقۇسى تىك ئۇچارنىڭ خارابىلىكىنى ئۇتۇقلۇق ھالدا تېپىپ چىقتى ۋە نەق مەيداننىڭ كوردىناتىنى ئىران دائىرىلىرىگە يەتكۈزدى.

تۈركىيەنىڭ بۇ قەدىمى خەلقئارادا زور تەسىر قوزغىدى، ئانادولۇ ئاگېنتلىقى ۋە <FlightRadar24> قاتارلىق مۇنبەرلەردىن ئاقىنچى ئۇچقۇسىنىڭ چۈشۈپ كەتكەن تىك ئۇچارنى تېپىش خىزمىتىنى نەق مەيداندىن مىليونلىغان كىشى كۆردى. ئەتىگەن سەھەرگە يېقىن قۇتقۇزۇش ئەترىتى قالدۇقلار بار چايغا يېتىپ باردى. تىك ئۇچاردىكى پىرېزىدېنت ئىبراھىم رەئىسى قاتارلىق ھەممەيلەننىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى.

سۇيىقەستمۇ ياكى ھادىسەمۇ؟

ئىبراھىم رەئىسىنىڭ تىك ئۇچارى ناچار ھاۋا رايى سەۋەبىدىن چۈشۈپ كەتتىمۇ ياكى سۇيىقەست بارمۇ؟ ھازىرغىچە ئېنىقلانغىنى يوق. ئىراننىڭ مۇناسىۋەتلىك دائىرىلىرى ئىنچىكە تەكشۈرۈپ ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشقا تىرىشماقتا. ئەلۋەتتە  ئەگەر سۇيىقەست بولسا،  بىرىنچى بولۇپ ئىنساننىڭ ئەقلىگە ئىسرائىلىيە كېلىدۇ. بىلگىنىڭلاردەك، غەززەنى ئىشغال قىلىش باشلانغاندىن كېيىن، ئىران بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا ئالدى بىلەن ۋاكالەتچى ئامىللار ئارقىلىق، ئاندىن بىۋاسىتە ھەربىي توقۇنۇشلار يۈز بەردى. ئەمما ئامېرىكانىڭ ئىسرائىلىيەگە نەسىھەت قىلىشى نەتىجىسىدە توقۇنۇشنىڭ تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدى ئېلىندى. شۇنداق قىلىپ، ئىسرائىلىيە ئىراننىڭ بىر قەدەر كۈچلۈك ھۇجۇملىرىغا تولۇق جاۋاب قايتۇرالمىغان بولدى. ئىسرائىلىيە ئەمەلدارلىرى «ئىران ۋاقتى كەلگەندە بىزنىڭ جاۋابىمىزنى كۆرىدۇ» دېگەن تەرزدە باياناتلارنى ئېلان قىلىشقا باشلىدى.

شۇنداقتىمۇ رەئىسى ئولتۇرغان تىك ئۇچارنىڭ كەم دېگەندە 30 يىللىق ئىكەنلىكى، قىيىن ھاۋ ارايى شارائىتىدا ئۇچالايدىغان يېتەرلىك تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلەرگە ئىگە ئەمەسلىكىمۇ مەلۇملۇق بولۇپ، رايوندىكى غايەت زور بوران ۋە تۇماننى نەزەردە تۇتقاندا، ناچار ھاۋا رايى سەۋەبىدىن ھادىسە يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىنىڭمۇ يۇقىرى ئىكەنلىكى مەلۇم.

 ئاخىرىدا، سۇيىقەستمۇ ئەمەسمۇ؟ تېخنىكىلىق تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن ئاشكارىلىنىدۇ. لېكىن ئىران دۆلىتىنىڭ ئىقتىدارىغا قارىتا ئېغىر تەنقىدلەر مەيدانغا كېلىشى تۇرغانلا گەپ. ھەم تىك ئۇچارنىڭ تېخنىكىلىق يېتەرسىزلىكى، قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ ئاجىزلىقى ۋە تۈركىيەدىن ياردەم تەلەپ قىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقى ھەققىدە ئېغىر تەنقىدلەرگە ئۇچرايدىغانلىقى ئېنىق.

مەسىلىگە تۈركىيە نۇقتىسىدىن قارايدىغان بولساق، ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە قوشنىدارچىلىق بۇرچىنى ئادا قىلغان  بىر دۆلەتنى كۆرىمىز. چۈنكى ئىراننىڭ ياردەم تەلىپى دەرھال ئورۇنلىنىپ، بارلىق تېخنىكىلىق ۋاسىتىلەر سەپەرۋەر قىلىندى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، تۈركىيەنىڭ ئاقىنچى ئۇچقۇسى <SAT com> ۋە <TürkSAT> سۈنئىي ھەمراھلىرىنىڭمۇ مۇۋەپپەقىيىتى دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتىنىڭ ھازىرقى يېتىپ كەلگەن سەۋىيەسىنى نامايان قىلدى. شۇنىمۇ تەكىتلەپ ئۆتۈش كېرەككى، تۈركىيە يېتىپ كەلگەن ھازىرقى ئىقتىدار دۇنيادا ئامېرىكا قاتارلىق بىر ياكى ئىككى دۆلەتتىلا مەۋجۇت.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر