چېقىلمايدىغان ئەينەكنىڭ كەشىپ قىلىنىش ھېكايىسى

ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تۇرمۇشنى قولايلاشتۇرغان تاسادىپىي بايقاشلار» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، «چېقىلمايدىغان ئەينەك»نىڭ كەشىپ قىلىنىش ھېكايىسىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

2105613
چېقىلمايدىغان ئەينەكنىڭ كەشىپ قىلىنىش ھېكايىسى

چېقىلمايدىغان ئەينەكنىڭ كەشىپ قىلىنىش ھېكايىسى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: زامانىۋى تۇرمۇش باشلىنىشتىن ئەسىرلەر مۇقەددەم، ئىنسانلار كېيىنكى دەۋرلەردە «ئوبسىديېن (تاش ئەينەك)» دەپ ئاتىلىدىغان تەبىئىي ئەينەكلەرنى ئىشلىتەتتى. بولۇپمۇ، ئەينەكنىڭ خام ئەشياسىنى شەكىللەندۈرىدىغان سىلتىسىي كۈچلۈك ئېلېكتىر ئېقىمىغا ئىگە چاقماقلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاندا، تەبىئەتتە ئەينەك شەكلىگە كىرەتتى. گەرچە ئۇنىڭ ئەڭ دەسلەپ قاچان ۋە قەيەردە ئىشلەپچىقىرىلغانلىقى ئېنىق بولمىسىمۇ، ئەمما قولىمىزدىكى ئەڭ قەدىمكى ئەينەك بۇيۇملار مىلادىدىن بۇرۇنقى 2500-يىللاردا ئىشلەنگەن قەدىمكى مىسىر مونچاقلىرىدۇر. ئۈستىگە ئىشلەنگەن ۋاقتى يېزىلغان ئەڭ قەدىمكى ئەينەك بولسا، مىلادىدىن بۇرۇنقى 1551 ~ 1527 يىللىرى ئارىلىقىدا ياشىغان پىرئەۋن ئامېنخوتېپنىڭ چوڭ مونچىقىدۇر. بۇ مونچاق نۆۋەتتە ئەنگلىيەنىڭ كبوفورد مۇزېيىدا كۆرگەزمە قىلىنماقتا. دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمكى ئەينەك ياساش رېتسېپى بولسا، مىلادىدىن ئىلگىرىكى 650-يىلى مېسوپوتامىييەدە بىر لاي تاختايغا يېزىلغان. لېكىن، مەيلى قەدىمكى زاماندا، مەيلى زامانىمىزدا ياسالغان بولسۇن، ھاياتىمىزنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلانغان ئەينەكنىڭ گەۋدىلىك بىر كەمچىلىكى بار؛ ئۇ بولسىمۇ، ئۇنىڭ ھەر ۋاقىت چېقىلىپ كېتىش مۇمكىنچىلىكى. دېرىزە، ئىشىك، ئاشخانا سايمانلىرى، زىبۇزىننەت ياكى بېزەك بۇيۇملىرى ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان ئەينەكنىڭ خەتەرلىك تەرەپلىرىمۇ بار. بولۇپمۇ كىشىلەرنىڭ دىققەتسىزلىكىدىن ياكى كىچىك بالىلارنىڭ قولىدا چېقىلىپ كەتسە، ئەجەللىك ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، فىرانسىيەلىك خىمىك ئېدوۋارد بېنېدىكۇسنىڭ تاسادىپىي بايقىشى ئەينەكنىڭ سۇنۇپ كەتكەن بولۇشىغا قارىماي، بىخەتەر بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم.

*  *  *  *

بالىلىق، ياشلىق يىللىرىدىن تارتىپلا ئىلىم-پەنگە، بولۇپمۇ خىمىيەگە بولغان قىزىقىشى ئالاھىدە كۈچلۈك بولغان، ئۇنىۋېرسىتېتتىمۇ بۇ كەسىپتە ئوقۇغان فىرانسىيەلىك خىمىك ئېدوۋارد بېنېدىكۇس، 1903-يىلى تەجرىبىخانىسىدا ئىشلەۋېتىپ، ئېگىزدىكى بۆلمىلەردىن بىر نەرسە ئېلىش ئۈچۈن، كۆچمە شوتىغا چىقىش جەريانىدا، بۆلمىنىڭ لېۋىدە تۇرغان بىر تەجرىبە نەيچىسىنى چۈشۈرۈۋېتىدۇ. تەجرىبە نەيچىسى ئالدى بىلەن ئۈستەلنىڭ چېتىگە، ئاندىن يەرگە چۈشكەن بولۇشىغا قارىماي، چېقىلمايدۇ. تەجرىبە نەيچىسىنىڭ چېقىلىپ چۇل-چۇل بولۇپ كېتىشىنى كۈتۈۋاتقان ئېدوۋارد بېنېدىكۇس، ھەيرانلىقىنى يوشۇرالمايدۇ. يەرگە قاتتىق چۈشكەن تەجرىبە نەيچىسى چېقىلمىغان بولۇپ، ئۈستى ئازراقلا سىزىلىپ كەتكەنىدى. بېنېدىكۇس سىناق نەيچىسىنى تەكشۈرۈپ، نەيچىنىڭ ئىچىگە بۇرۇن  سولياۋ سېللۇلوزا نىترات قويۇلغانلىقىنى ۋە بۇ ماددىنىڭ ئەينەككە چاپلىشىپ، ئۇنى چېقىلىپ كېتىشتىن ساقلاپ قالغانلىقىنى بايقايدۇ.  شۇنداق، فىرانسىيەلىك خىمىك بىر بەختسىز ھادىسە نەتىجىسىدە، ئەينەكنىڭ سۇنۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا كېرەكلىك خىمىيەلىك ماددىنى بايقايدۇ.

*  *  *  *

بۇ ساھەدىكى خىزمىتىنى تېزلەتكەن بېنېدىكۇس، ئىككى نېپىز ئەينەك قەۋىتىنىڭ ئوتتۇرىسىغا سېللۇلوزا نىترات ئورۇنلاشتۇرۇپ، چېقىلماس ۋە بىخەتەر ئەينەكنىڭ كەشپىياتچىسىغا ئايلاندى. نۇرغۇن ئىلمىي كەشپىياتلارغا ئوخشاشلا، چېقىلماس ئەينەكمۇ  ئالدى بىلەن ھەربىي ساھەدە ئىشلىتىلدى. چۈنكى ئۇ ۋاقىتتا، ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئۈچۈن تەلۋىلەرچە قوراللىنىش رىقابىتىگە چۈشكەن بولۇپ، ئەسكەرلەرنى زەھەرلىك گازدىن قوغداش ئۈچۈن كەشىپ قىلىنغان گاز ماسكىسىنىڭ كۆز ئەينىكى ئاسانلا چېقىلىپ كېتەتتى. شۇڭا، بېنېدىكۇسنىڭ بايقىشى تۇنجى قېتىم گاز ماسكىسى ئىشلەپچىقىرىشتا ئىشلىتىلدى. ئاندىن ماشىنا ئىشلەپچىقارغۇچىلىرى ئىشلەتتى. بولۇپمۇ ئاسفالت يوللار ناھايىتى ئاز بولغان 1900-يىللارنىڭ باشلىرىدا، ماشىنىلارنىڭ دائىم دېگۈدەك ئەينەكلىرى چېقىلىپ كېتىپ، شوپۇرلارنى زور خەتەرگە ئىتتىرەتتى. چېقىلماس ئەينەكنىڭ ماشىنىسازلىق سانائىتى ساھەسىگە كىرىشى ئىنقىلاب خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى. ھازىرقى كۈندە چېقىلماس ئەينەكنىڭ ئىشلىتىش دائىرىسى تېخىمۇ كېڭەيدى. يانفونلاردىن ئالەم كېمىلىرىگىچە، ئائىلە بۇيۇملىرىدىن زىننەتلەشلەرگىچە بولغان نۇرغۇن ساھەلەردە فىرانسىيەلىك خىمىك ئېدوۋارد بېنېدىكۇسنىڭ تاسادىپىي كەشپىياتى بولغان چېقىلماس ئەينەكلەر ئىشلىتىلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر