يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە قۇتادغۇ بىلىك

نازگۈل قادىروۋا تەرىپىدىن تەييارلانغان «ھاياتىنى تۈرك دۇنياسىغا بېغىشلىغانلار» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىدىكى سانىدا، قاراخانىيلار دەۋرىنىڭ بىباھا ئەسىرى «قۇتادغۇ بىلىك» ۋە ئۇنىڭ ئاپتورى يۈسۈپ خاس ھاجىبنىڭ ھاياتى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتىمىز.

2087359
يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە قۇتادغۇ بىلىك

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە «قۇتادغۇ بىلىك»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تۈرك دۇنياسىنىڭ قەدىمكى دەۋرلەردىن قالغان ئورخۇن-يېنسەي يادىكارلىقلىرىدىن كېيىنكى قىممەتلىك نادىر ئەسەرلىرىنىڭ بىرى، 11 – ئەسىردە يېزىلغان بالاساغۇنلۇق يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇ بىلىگ» ناملىق ئەسىرى بولۇپ، ئۇ قاراخانىيلار دەۋرى تۈركچىسىدىكى بىردىنبىر چوڭ ھەجىملىك ​​ئەدەبىي ئەسەر بولۇشى  نۇقتىسىدىن ئىنتايىن مۇھىم.

قۇتادغۇ بىلىگ 1069 ~ 1070- يىللىرى ئارىلىقىدا يېزىلغان بولۇپ، بىز ئۇ دەۋرنى «ئوتتۇرا تۈركچە» دەۋرى دەپ ئاتايمىز. بۇ ئەسەر شېئىرىي ئۇسلۇبتا يېزىلغان بىر مەسنەۋى بولۇپ، ئۇنى سىياسەتنامە ياكى نەسىھەتنامە، دەپ ئاتاشقىمۇ بولىدۇ. ئاپتور 6645 بېيتتىن تەركىب تاپقان بۇ ئەسىرىدە، ئۆز دەۋرىدىكى دۆلەت باشقۇرۇش چۈشەنچىسىنى قەلەمگە ئالغان. گەرچە «قۇتادغۇ بىلىگ» ھازىرقى زامان تۈركچىسىگە تەرجىمە قىلىنغىنىدا، «سائادەتكە ئېرىشتۈرگۈچى بىلىم» دېگەن مەنىنى بىلدۈرسىمۇ، ئەمما ئۇ ھەقىقىي مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بىر سىياسەتنامەدۇر. ئىسلام روھى بىلەن يېزىلغان بۇ ئەسەر، كىشىلەرگە ھەر ئىككى دۇنيادا تولۇق مەنىدە بەختلىك بولۇشقا يېتەكلەيدىغان يولنى كۆرسىتىپ بېرىشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئەسەردە تۆت ئاساسلىق قەھرىمان بار بولۇپ، ۋەقەلەر ئۆزئارا سوئال - جاۋاب شەكلىدە داۋاملىشىدۇ. قەھرىمانلار ئىچىدىكى ھۆكۈمدار گۈندوغدۇ ئادالەتكە، ئۇنىڭ ۋەزىر ئايتولدى بەختكە، ھۆكۈمدارنىڭ ئوغلى ئۆگدىلمىش ئەقىل، ئىدراك، چۈشەنچكە، ئودگۇرمۇش ئاقىۋەتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ. دىيالوگ ئۇسلۇبىدا يېزىلغان ئەسەر «قۇتادغۇ بىلىگ»دە ياخشىلىق قىلىشنىڭ پايدىلىرى؛ بىلىم ۋە ئەقىلنىڭ پايدىلىرى؛ دۆلەتنىڭ سۈپىتى؛ ئادالەتنىڭ ئۆلچىمى؛ ھۆكۈمدارنىڭ، ۋەزىر، قوماندان، ئەلچىلەر، باش ئاشپەزلەر ۋە خىزمەتچىلەرنىڭ سۈپەتلىرى؛ دۇنيانىڭ كەمچىلىكى؛ ئاخىرەتلىكنى قولغا كەلتۈرۈش؛ خوجايىنلارغا خىزمەت قىلىش ئۇسۇللىرى، ئۆلىمالار، دوختۇرلار، سېھىرگەرلەر، چۈش تەبىرچىلىرى، مۇنەججىم (ئاسترونوملار)، شائىرلار، دېھقانلار، سودىگەرلەر، ھايۋان باققۇچىلار، نامراتلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەر؛ نىكاھ، بالا تەربىيەلەش؛ زىياپەتكە بېرىشنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرى؛ دۆلەتنى تەرتىپ – ئىنتىزامغا سېلىش ئۇسۇلى؛ ھەققانىيلىققا ھەققانىيلىق، ئىنسانىيلىققا ئىنسانىيلىق نامايان قىلىش ۋە دوستلۇق تېمىلىرىغا ئورۇن بېرىلگەن. ئەسەردە ئاساسىي جەھەتتىن تۈركچە سۆزلەرنىڭ ئىشلىتىلىشى مۇھىم نۇقتا بولۇپ، ئەينى دەۋرنىڭ شارائىتىنى نەزەرگە ئالغاندا، تۈرك تىلىنى ئەرەب، پارس تىلى ۋە مەدەنىيىتى ئالدىدا ئۇلۇغلاش ۋە قوغداش جەھەتتە مۇھىم مۇۋەپپەقىيەت ھېسابلىنىدۇ. ئەسەرنىڭ ئاپتورى بالاساغۇنلۇق يۈسۈپ ھەققىدە بىز ئېرىشەلەيدىغان بىردىنبىر مەنبە، ئەسەرگە كېيىنچە ئىلاۋە قىلىنغان ئۇچۇرلاردىن ئىبارەت. بۇ ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، يۈسۈپ 11-ئەسىردە بالاساغۇندا ئېسىل – نەسەپلىك بىر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ئەسىرىگە قارىغاندا، ئۇ ئەرەب ۋە پارس تىللىرىنى ناھايىتى پىششىق ئۆگەنگەن. ئۇ بالاساغۇندا يېزىشنى باشلىغان ئەسىرى «قۇتادغۇ بىلىگ»نى قەشقەردە تاماملاپ، شۇ دەۋرنىڭ قاراخانىيلار ھۆكۈمرانى تابغاچ قارا بۇخرا خاننىڭ ھۇزۇرىدا ئوقۇغان. خاقان بۇ ئەسەرنى ناھايىتى ياقتۇرۇپ، يۈسۈپكە «خاس ھاجىپ » دېگەن ئۇنۋاننى بەرگەن. ئۇ ئۆز ئەسىرىدە ئۆزىنىڭ 18 ئاي ئىشلىگەنلىكىنى، 50 ياشقا كىرگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن بولۇپ، مەشھۇر تۈرك تىلشۇناس رەشىت رەھمەتى ئارات بۇ ئۇچۇرلارغا ئاساسەن، ئۇنىڭ 1015-1016-يىللىرى ئارىسىدا تۇغۇلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ ئۆلۈمى توغرىسىدا ھېچقانداق ئۇچۇر يوق. ئۇ پەقەت ئەسەرنىڭ ئاخىرقى قىسمىدا ئۆزىنىڭ قېرىپ قالغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

قۇتادغۇ بىلىگنىڭ بۈگۈنگە قەدەر ساقلىنىپ قالغان ئۈچ نۇسخىسىنىڭ بارلىقى مەلۇم. ئۇيغۇر ھەرپلىرى بىلەن يېزىلغان ئەڭ ئاخىرقى نۇسخىسى ھېراتتا، قالغان ئەرەب ھەرپلىك ئىككى نۇسخىسى مىسىر ۋە فەرغانەدە ساقلانماقتا. بۇ قىممەتلىك ئەسەرنىڭ ئىلىم-پەن دۇنياسىدىكى تەتقىقات جەريانىنى تۈركولوگ ۋامبېري باشلىغان بولسىمۇ، ئەمما رادلوف تولۇق تېكىستىنى ئېلان قىلدى. لېكىن، ئەڭ تەپسىلىي تەتقىقاتنى رەشىت رەھمەتى ئارات ئېلىپ بارغان. تەتقىقات تارىخىغا قارايدىغان بولساق، قۇتادغۇ بىلىگ 19-ۋە 20-ئەسىرلەردە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تۈركولوگىيە ساھەسىدىكى ئەڭ چوڭ بايقاش دەپ قارىلىدۇ. بۇ بايقاش ئارقىلىق، تۈرك مىللىتىنىڭ ئاغزاكى ئەنئەنىگىلا ئىگە ئەمەسلىكى ئىسپاتلاندى. بۇ ئەسەر توغرىسىدىكى تەتقىقاتلار غەرب دۇنياسىدا ئىككى ئەسىردىن بۇيان داۋام قىلماقتا. ھازىرغا قەدەر ياۋروپا، ئامېرىكا، سوۋېت ئىتتىپاقى، خىتاي، ياپونىيە، كورېيە ۋە تۈركىيەدىكى ئاكادېمىكلار تۈرك ئەدەبىياتى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، قۇتادغۇ بىلىگ تەتقىقاتى ساھەسىدە زور تەتقىقاچىلار قوشۇنى شەكىللەندۈردى. ھازىرمۇ تەتقىق قىلىنىۋاتقان بۇ ئەسەر، تۈرك دۇنياسىنىڭ ئىنتايىن قىممەتلىك خەزىنىسى بولۇپ، 11-ئەسىردىكى تۈركچىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ.

مەنبەلەر:

1. Yıldız, H; Apaydın, D. (2016). Prof.Dr. Ahmet Bican Ercilesun ile Kutadgu Bilig Üzerine Konuştuk. Türk Edebiyatı Dergisi, Sayı 518, Aralık, ss. 12-18.

2. Elif Küçüker, (2019), Kutadgu Biligde Kültür Unsurları, Yayınlanmamış YL Tezi.

3. Camal, G; Kafkasyalı, M.S. (2016), Kutadgu Bilig Araştırmaları Tarihi, Ankara.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر