كونيا تونۇر پۆرىسى (سامسىسى)

ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تۈركىيەنىڭ رايونلارغا ئاساسەن تىزىمغا ئېلىنغان مەھسۇلاتلىرى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ يىللىق تۇنجى سانىدا، «كونيانىڭ تونۇر پۆرىسى» توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

2084678
كونيا تونۇر پۆرىسى (سامسىسى)

كونيا تونۇر پۆرىسى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا ئانادولۇ رايونىغا جايلاشقان تارىخىي شەھەر كونيا، تۈرك يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىنىڭ ئوخشىمىغان تۈرلىرىگە ساھىبخانلىق قىلماقتا. بۇ يېمەك – ئىچمەك مەدەنىيىتىنىڭ كېلىپ چىقىشى، كۆچمەن تۇرمۇشتىن مۇقىم تۇرمۇشقا ئۆتۈشنىڭ ئىزنالىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان بولۇپ، تائاملارنى تەييارلاشتا تونۇردىن پايدىلىنىش ئانادولۇدىكى ئەنئەنىۋى ئادەتلەرنىڭ بىرى. كونيا شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن، 2023- يىلى تۈركىيەنىڭ رايونلارغا ئاساسەن تىزىمغا ئېلىنغان مەھسۇلاتلىرى سېپىگە قوشۇلغان «كونيا تونۇر پۆرىسى»، بۇغداي ئۇنى، سۇ، تۇز ۋە يېڭى ئېچىتقۇ بىلەن يۇغۇرۇلغان خېمىرنىڭ ئىچىگە قىيما ياكى باشقا نەرسىلەر سېلىنىپ، تونۇردا پىشۇرۇلىدۇ. ئېچىلغان خېمىرنىڭ ئىچىگە ئادەتتە قوي سۈتىدىن تەييارلانغان پىشلاق بىلەن رايوننىڭ دورا ئۆسۈملۈكلىرىدىن تەييارلانغان ئارىلاشما خۇرۇچلار سېلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا پىياز بىلەن ئارىلاشتۇرۇلغان قىيما ياكى  بەرەڭگە سالىدىغان ئەھۋاللارمۇ بار. پۆرىنى تەييارلاش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن يوغۇرۇلۇپ بىر دەم تىندۇرۇلغان خېمىر، تەڭ ئالتە بۆلەككە ئايرىلىدۇ. زۇۋۇللانغان ئالتە پارچە خىمېر 20 سانتىمېتىر چوڭلۇقتا يۇمىلاق ئېچىلىپ، ئوتتۇرىسىغا تەخمىنەن 100 گرام ئەتراپىدا خۇرۇچ قويۇلىدۇ، ئاندىن خېمىرنىڭ ئوڭ ۋە سول قىسمى ئۈستى تەرەپتە بىرلەشتۈرۈلىدۇ. پۆرىنىڭ خېمىرى تەخمىنەن 25 سانتىمېتىر كەلگۈدەك شەكىلدە ئاستى تەرەپكە سوزۇلىدۇ. تەييارلانغان خېمىر ئوتۇن سېلىپ تىندۈرۈلغان تونۇرغا يېقىلىدۇ. كۆيۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، پۆرىنىڭ ئوتقا قارايدىغان تەرىپى ھۆل قىلىنىدۇ. پىشىش جەريانىدا، ئۆرلەپ دۇمباقلىشىۋېلىپ، ئىچىدىكى خۇرۇچلارنىڭ تۆكۈلۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، پۆرىنى ئۈستى تەرىپى تېشىۋېتىلىدۇ. 10 – 15 مىنۇت ئىچىدە ئوتقا قاقلانغان قىسمى قىزىرىدىغان پۆرە، تۆمۈر قىسقاچ بىلەن تونۇردىن ئېلىنىپ، قىزىق چېغىدىلا خېمىر بىرلەشتۈرۈلگەن يەرلىرىدىن كېسىلىدۇ.  بۇ جەرياندا، باشقا بىر قاچىدا ئېرىتىپ تەييارلانغان سېرىق ماي، پۆرىنىڭ ئۈستى ۋە ئىچىگە تۆكۈلىدۇ. كونيا تونۇر پۆرىسى قىزىق ھالىتىدە مېھمانلارغا تەقدىم قىلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر