تېفلوننىڭ كەشىپ قىلىنىش ھېكايىسى

ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تۇرمۇشنى قولايلاشتۇرغان تاسادىپىي بايقاشلار» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ يىللىق تۇنجى سانىدا، تېفلون (پولىتېترافتورولوئېتىلىن)نىڭ كەشىپ قىلىنىش ھېكايىسىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

2105599
تېفلوننىڭ كەشىپ قىلىنىش ھېكايىسى

تېفلوننىڭ كەشىپ قىلىنىش ھېكايىسى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئۆتمۈشتىن ھازىرغىچە ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى بۆسۈش خاراكتېرلىك بايقاشلار ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىنى ئاسانلاشتۇردى ۋە مەدەنىيىتىمىزنىڭ تېز سۈرئەتتە گۈللىنىشىگە كاپالەتلىك قىلدى. قەدىمكى مىسىردىن تارتىپ تا بۈگۈنگە قەدەر، ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە، بىيولوگىيە ياكى ئاسترونومىيە قاتارلىق ساھەلەردە كېچە –كۈندۈز تەتقىقات ئېلىپ بارغان ئالىملار، پەن – تەتقىقاتچىلارنىڭ يەتمەكچى بولغان بىرلا نىشانى بار ئىدى. ئۇ بولسىمۇ، بىلىم نۇرى ئاستىدا سەرپ قىلغان ئەمگەكلىرىنىڭ مېۋىسىنى ئۈزۈپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇش ئىدى. ئەمما بەزىدە ئىشلار ئۇلار ئويلىغاندەك بولمىدى ياكى نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى. تەتقىقاتلىرى جەريانىدا، بەزىدە تەجرىبىخانا مۇھىتىدا يۈز بەرگەن بىرەر ھادىسە، تەتقىق قىلىنىۋاتقان خىمىيەلىك ماددا ياكى مېتاللارنىڭ ئويلىمىغان يەردىن ئىنكاس قايتۇرۇشى ۋەياكى بىپەرۋالىقلار تۇرمۇشىمىزنى ئاسانلاشتۇرىدىغان بىر قىسىم بۆسۈش خاراكتېرلىك كەشپىياتلارنىڭ بارلىققا كېلىشىگە شارائىت ھازىرلاپ بەردى. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھەممىگە مەلۇملۇق بولغىنى، قازاننىڭ قىيمىقىنى قىرىشنى يامان كۆرىدىغان ئائىلە ئاياللىرىغا نىسبەتەن بىر ئەسىرنىڭ مۇنەۋۋەر كەشپىياتى دېيىشكە بولىدىغان «تېفلون» بولۇپ، ئۇنى بايقىغان كىشى ئامېرىكالىق خىمىيەشۇناس دوختۇر روي ج.پلۇنكېت. 1910-يىلى 26-ئىيۇن دۇنياغا كەلگەن دوختۇر پلۇنكېت، كىچىكىدىن تارتىپلا خىمىيە ساھەگە ناھايىتى قىزىققان ۋە بۇ ساھەدە ئوقۇغان. ئامېرىكانىڭ نىيۇ جېرسىي ئىشتاتىدىكى جېكسون تەجرىبىخانىسىدا خىمىيە تەتقىقاتچىسى بولۇپ ئىشلىگەن دوختۇر پلۇنكېت، 1938-يىلى 4-ئاينىڭ 6-كۈنى ئەتىگەندە ئۆزىمۇ ھېس قىلماستىنلا ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىنى ئاسانلاشتۇرىدىغان ئەڭ مۇھىم كەشپىياتلاردىن بىرىنى ئىجاد قىلدى. ئەمەلىيەتتە، دوختۇر پلۇنكېت يېڭى تىپتىكى بىر خىل توڭلاتقۇ ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتاتتى. ئۇ بىر كۈنلۈك خىزمىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىشتا ئىشلىتىپ ئېشىپ قالغان خام ئەشيانى ئەتىسى ئىشلىتىش ئۈچۈن، بىر پولات تۇڭغا سېلىپ قويۇپ، ئۆيىگە قايتتى. ئەتىسى ئادىتى بويىچە ئەتىگەندىلا كېلىپ ئىشقا چۈشتى؛ چالا قالغان ئىشلەپچىقىرىشنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئالدىنقى كۈنى قالدۇق نەرسە-كېرەكلەرنى سېلىپ قويغان تۇڭنىڭ ئاغزىنى ئاچتى. ھەيران قالارلىقى، تۇڭدىن گاز چىقمايۋاتاتتى. دوختۇر پلۇنكېت بۇ يەردە غەلىتە بىر ئىشنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلدى. چۈنكى تۇرۇبىدىن گاز چىقمىغان بولۇشىغا قارىماي، تۇڭنىڭ ئېغىرلىقىدا ئۆزگىرىش يوق ئىدى. بۇ تۇڭدىكى ماددىنىڭ سىرتقا چىقىپ كەتمىگەنلىكىنى كۆرسىتەتتى. ئۇنداقتا، خام ئەشيا قەيەردە؟ قىزىقىشىنى كونترول قىلالمىغان دوختۇر پلۇنكېت، تۇڭنى تەتۈر ئۆرۈپ كىلاپاننى پۈتۈنلەي ئېلىۋەتتى. شۇ چاغدا، تۇڭدىن قولغا چاپلاشمايدىغان، سىلىق ۋە ئىسسىققا چىداملىق بىر خىل ئاق پاراشوك چىقتى. پلۇنكېت، تۇرۇبا ئىچىدىكى گازنىڭ سولياۋغا ئوخشايدىغان بىر ماددىغا ئايلانغانلىقىنى ھېس قىلدى. 1938-يىلى بايقالغان «تېفلون» ناملىق بۇ خام ماددا، دەسلەپكى چاغلاردا ئاتوم بومبىسى ئىشلەپچىقىرىشتىن تارتىپ ئالەم تەتقىقاتىغىچە بولغان نۇرغۇن ھەربىي ساھەدە ئىشلىتىلدى. 1956-يىلىغا كەلگەندە، تېفلون بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىپ، ئىنسانلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا قەدەم قويدى. ئاشخانا سايمانلىرى ئىشلەپچىقىرىدىغان بىر شىركەت تېفلوننى ئاليۇمىن قازانلارنىڭ ئىچىنى قاپلاش ئۈچۈن ئىشلەتتى. ئامېرىكا ئائىلە ئاياللىرى دەسلىپىدە ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلغان تېفلون قازانلار، كېيىنچە «چاپلاشماس» دېگەن شوئارى بىلەن كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزغا كىرىپ، ئاياللارنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇپ، ئاشخانىلىرىمىزدىكى تەۋرەنمەس ئورنىنى ئالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر