ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇمى ۋە رايون خاراكتېرلىك ئەگەشمە تەسىرى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (63)

2062851
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇمى ۋە رايون خاراكتېرلىك ئەگەشمە تەسىرى

 

(جان ئاجۇن)

«كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ تاشقى سىياسەت تەتقىقاتچىسى جان ئاجۇن تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇمى ۋە رايون خاراكتېرلىق ئەگەشمە تەسىرى» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

***** ** **** *** *** ****

7-ئۆكتەبىر (2023) دىكى ھاماسنىڭ ھۇجۇمىدىن كېيىن، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ۋەھشيىلەرچە ھۇجۇمىنىڭ رايون خاراكتېرلىك ئەگەشمە مەسىلىلەرنى پەيدا قىلىدىغانلىقى ئېنىق، ئەلۋەتتە. ئىسرائىلىيە قىسىملىرى غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرى جەريانىدا بۈگۈنگە قەدەر مىڭلىغان پۇقرالارنى ئۆلتۈردى. غەززەگە قارشى ئېلىپ بارغان قۇرۇقلۇق ھەرىكىتى نەتىجىسىدە، غەززەلىكلەرنى سىنا چۆلىگە سۈرگۈن قىلىش پىلانى ئىيوردانىيە تەرىپىدىن ئىككىنچى قېتىملىق ئۇرۇش سەۋەبى دەپ ھېسابلىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى. گەرچە ئىسرائىلىيە قۇرۇقلۇق ھەرىكىتىنى باشلىغان بولسىمۇ، ئولتۇراق رايونلاردا ھېچقانداق ئەھمىيەتلىك ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرەلمىدى ۋە داۋاملىق پۇقرالارغىلا ھۇجۇم قىلىشى غەرب دۇنياسىنىڭ پايتەختلىرىدىمۇ كۈچلۈك نارازىلىق نامايىشلىرىنى پەيدا قىلدى. دۇنيا جامائەتچىلىكىنڭ پىكرى بارغانسېرى ئىسرائىلىيەگە قارشى ھالغا كەلمەكتە. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئۇرۇشنىڭ سۈرىيەگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىمۇ ھەممەيلەننى قىزىقتۇرىۋاتقان مەسىلىگە ئايلانماقتا.

«ئىسرائىلىيە-ھاماس ئۇرۇشىنىڭ سۈرىيە تەرەپتىكى ئەڭ چوڭ ئاكتىيورى ھىزبۇللاھ » دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئەمما ھەسەن نەسرۇللاھنىڭ يېقىنقى باياناتلىرى ھىزبۇللاھنىڭ تۆۋەن سىجىللىقتىكى جىددىيچىلىكنى داۋاملاشتۇرۈپ، ئۇرۇشقا قاتناشمايدىغاندەك تەسىر پەيدا قىلدى. ئىككىنچى ئاكتىيور بولۇش سۈپىتىدە ئامېرىكا ۋە شىئە مىلىتانلىرىنى ئوتتۇرىدىكى ھەربىي جىددىيچىلىككە تەسىر كۆرسەتكۈچ ئامىل دەپ قاراشقا بولىدۇ. گەرچە ئىسرائىلىيە غەززەگە قارىتا قۇرۇقلۇق ھەرىكىتىنى باشلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئىراننىڭ يەمەندىكى خۇسىيلارنى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئۇرۇشنىڭ ئاكتىپ سېپىدىن يىراق تۇرىدىغانلىقىنى نامايان قىلغانلىقى مەلۇم. ئىراق ۋە سۈرىيەدە ئامېرىكا بىلەن بولغان ھەربىي جىددىيچىلىكنىڭمۇ ئۆتمۈشتە ئوخشىشى كۆرۈلگىنىدەك ھەربىي زىيان كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىن يىراق دېيىشكە بولىدۇ. بۇ بارلىق نۇقتىلارنى ئاساس قىلغان ھالدا ئىسرائىلىيە-ھاماس تۇقۇنىشىنىڭ سۈرىيەگە كۆرتسىتىدىغان تەسىرىنىڭ چەكلىك بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرەلەيمىز.

دەرۋەقە ئامېرىكانىڭ شەرقىي ئاق دېڭىزغا كۈچ توپلىشى ئىرانغا قارشى چېكىندۈرۈگۈچ ئامىل سۈپىتىدە كۆرۈلىشى مۇمكىن. ئامېرىكالىق مەسئۇللارنىڭمۇ بۇ يۆنىلىشتە بايانات ئېلان قىلىشلىرى ئۇرۇشنى غەززەدە باشلاپ ئاخىرلاشتۇرۇش سىياسىتىنى ئاشكارىلىماقتا. ئىسرائىلىيەمۇ بۇ ئۇسۇلنى ئۆزلەشتۈرگەندەك قىلىدۇ. لېكىن ئىسرائىلىيە ئەگەر غەززەنى تولۇق كونترول قىلىشنى نىشان قىلغان بىر پوزىتسىيەدە بولغان تەقدىردە، تەخمىنەن 2 مىليون 300 مىڭ غەززەلىك سىنا چۆلىگە كۆچۈشكە مەجبۇر بولىدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ. ئىيوردانىيە بۇ ئەھۋالنى ئۇرۇش سەۋەبى ھېسابلايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. مىسىرمۇ ئوخشاشلا  بۇ ئەھۋالنى قىزىل سىزىق دەپ تەرىپلىمەكتە. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ھەقىقىي چېگىشلىك ۋە رايون خاراكتېرلىق ئۇرۇش خەۋىپى دەل مانا مۇشۇ يەردە.

ئۇرۇش مەيدانىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە قارايدىغان بولساق، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە ھېچقانداق ئەھمىيەتلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرەلمىگەنلىكى كۆرۈلىدۇ. تېخىچە ئۇلار ئولتۇراق رايونلاردىن بەكرەك، يوللار ۋە ئىنسانسىز رايونلارنى كونتروللۇقى ئاستىغا ئېلىشقا ئۇرىنىۋاتقانلىقى ھەمدە يەنە شىمالىي تەرەپتە دېڭىز ساھىلىغا يېتىپ بېرىپ، غەززەنىڭ شىمالىنى مەلۇم مەنىدىن مۇھاسىىرىگە ئالماقچى بولىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىشقا بولىدۇ. لېكىن ھاماسنىڭ تونىل تورى سەۋەبىدىن ئىسرائىلىيەنىڭ رايوننى تولۇق مۇھاسىرىگە ئالالىشى ناھايىتى قىيىندەك قىلىدۇ. ئىسرائىلىيەنىڭ 7-ئۆكتەبىردىن بۇيانقى ئىلگىرىلەش سۈرئىتىگە قارىغاندا، ئۇرۇشنىڭ ئۇزۇن مۇددەت داۋاملىشىدىغانلىقى ئېنىق. ئىسرائىلىيەنىڭ پۈتۈن غەززەنى كونتروللۇقى ئاستىغا ئېلىشتا  زور قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ۋە كۈنسىرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بېسىمى كۈچىيىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشمۇ تەس ئەمەس.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر