تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىنىڭ يېڭى يۆنىلىشى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (56)

2040622
تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىنىڭ يېڭى يۆنىلىشى

 

تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىنىڭ يېڭى يۆنىلىشى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (56)

(مۇرات يېشىل تاش)

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! «كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ دىرېكتورى شۇنداقلا يازغۇچىسى دوتسېنت دوكتور مۇرات يېشىل تاش تەرىپىدىن تەييارلانغان «تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىنىڭ يېڭى يۆنىلىشى» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

**** ****** ***** ******* **

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ 78-نۆۋەتلىك ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدا قىلغان سۆزى تۈركىيە تاشقى سىياسىتىنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىق ۋە رايون خاراكتېرلىق مۇھىم نۇقتىلىرىنى كۆرسىتىپ بەردى. يەر شارى خاراكتېرلىق ۋە رايون خاراكتېرلىق كۈچ رىقابىتى كەسكىنلىشىۋاتقان، يەرشارىدىكى ئېنىقسىزلىقلار كۆپ خىللىشىۋاتقان ۋە تۈركىيەنىڭ گېئوپولىتكىلىق مۇھىتى بىخەتەرلىك كرىزىسى تەرىپىدىن شەكىللىنىۋاتقان  بىر پەيتتە، تۈركىيە ئەردوغاننىڭ رەھبەرلىكىدە تاشقى سىياسىتىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىشقا مەجبۇر.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ 2023-يىلى مايدىكى سايلامدا غەلبە قىلغاندىن كېيىن تاشقى سىياسەت ئۈچۈن بەلگىلىگەن يۆنىلىشى يېڭى دەۋرنىڭ قانداق شەكىللىنىدىغانلىقى ھەققىدە ئىنتايىن ئوچۇق يىپ ئۇچلىرى بىلەن تەمىنلىدى. ئەردوغاننىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتى ئەندىزىسىنىڭ مەركىزىدە تۈركىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئاپتونومىيەسىنى (ئىستىراتېگىيەلىك مۇستەقىللىقىنى) مۇستەھكەملەش ۋە شۇ ئارقىلىق «تۈركىيە يۆنىلىشى» دەپ ئىپادىلەنگەن بۈيۈك ئىستراتېگىيەلىك نىشانىغا يېتىش ئورۇن ئالىدۇ. «تۈركىيە يۆنىلىشى» نىشانى بولسا، تۈركىيەنى ئۆزگىرىۋاتقان خەلقئارا سىستېمىدا خەلقئارالىق بىر ئاكتىيورغا  ئايلاندۇرىدۇ. باشقىچە ئېيتقاندا، بۇ نىشاننى <تۈركىيەنى ئۈنۈملۈك بىر ئىقتىسادىي، ھەربىي ۋە دىپلوماتىك كۈچكە ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق خالقئارادىكى كۈچ رىقابىتىدە ھەقىقىي بىر ئويۇنچىغا ئايلاندۇرۇش> دەپ تەرىپلەشكە بولىدۇ.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تاشقى سىياسەتتە بىرلا ۋاقىتتا ئىككى نىشاننى ئىشقا ئاشۇرىشى لازىم. بىر تەرەپتىن، تۈركىيە جايلاشقان توقۇنۇشلۇق ۋە رىقابەتلىك جۇغراپىيەنىڭ سىياسىي مۇھىتىدا تۈركىيەنىڭ ئاساسلىق مەنپەئەتىنى قوغدايدىغان ئىنچىكە بىر دىپلوماتىيەنى يولغا قويۇش، يەنە بىر تەرەپتىن، يەر شارى خاراكتېرلىق ۋە رايون ئۆزگىرىشلەنى توغرا ئوقۇپ، تۈركىيەىنى ئۆزگىرىشكە ماسلاشتۇرىدىغان يېڭى قوراللارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتۇر. تۈركىيە ئالدىنقى 100 يىلنى ئارقىدا قالدۇرۇپ، ئىككىنچى 100 يىلغا قەدەم قويغان بىر پەيتتە، بۇ ئىككى نىشاننى بىرلا ۋاقىتتا ئەمەلگە ئاشۇرۇشى يېڭى بىر ئىستراتېگىيەلىك نىشان سۈپىتىدە سىمۋوللۇق مەنىگە ئىگە.

بۇ ئىستراتېگىيەلىك نىشان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ كەلگۈسى بەش يىللىق ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى جەريانىدا ھەم تۈركىيەنىڭ قۇرۇلما ئۆزگىرىشىنى ھەم ئىچكى قۇرۇلما خاراكتېرلىق ئۆزگىرىشكە ماس ھالدا رايون ۋە يەرشارى خاراكتېرلىق رول بەرپا قىلىشىنى تەقەززا قىلىدۇ. قۇرۇلما خاراكتېرلىق ئۆزگىرىش <قانداق بىر تۈركىيە؟> دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلسا، رايون ۋە يەرشارە خاراكتېرلىق رول <قانداق تاشقى سىياسەت؟> دېگەن سوئالنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

يېڭى ئاساسىي قانۇن ۋە يېڭى ئىقتىساد

تارىخقا نەزەر سالىدىغان بولساق، يەر شارىنىڭ سىستېمىلىق ئۆزگىرىشى بىلەن تۈركىيەنىڭ ئىچكى قۇرۇلما ئۆزگىرىشى ئوتتۇرىسىدا كۈچلۈك مۇناسىۋەت بارلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بۇ نۇقتىدىن تۈركىيە تارىخى بۇرۇلۇش نۇقتىلىرىدىكى سىستېمىلىق ئۆزگىرىشلەرگە ئومۇمەن ئىچكى جەھەتتىن كەڭ ئۆزگىرىش بىلەن  جاۋان قايتۇرغان.

تۈركىيەنىڭ قۇرۇلما خاراكتېرلىق ئۆزگىرىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغان ئەڭ مۇھىم ساھەلەرنىڭ بىرى يېڭى ئاساسىي قانۇن تەشەببۇسىدۇر. چۈنكى تۈركىيە ھازىرغىچە ئونلىغان ئۆزگىرىش كىرگۈزۈلگىنىگە قارىماستىن، 1980-يىلدىكى ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن سىياسىي ئۆزگىرىشنى پىلانلىغۇچىلار تەرىپىدىن تەييارلانغان ئاساسىي قانۇن بىلەن باشقۇرۇلماقتا. 1980-يىلدىكى ئاساسىي قانۇن ھەم مەزمۇنى ھەم تۈركىيەنىڭ نۆۋەتتىكى مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش جەھەتتە يېتەرسىز بولغىنىغا ئوخشاش نۇرغۇن مەسىلىلەرنى كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولماقتا. بۇ نۇقتىدا كۈچلۈك ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي تەلەپنىڭ بارلىقىنى ھەمدە تۈركىيەنىڭ پارلامېنتلىق سىستېمىدىن پرېزىدېنتلىق سىستېمىىا ئۆتۈۋاتقانلىقىنى نەزەردە تۇتقاندا، يېڭى ئاساسىي قانۇن ئىستراتېگىيەلىك بىر ئېھتىياج دەپ قارىلىدۇ. شۇڭا جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانمۇ يېڭى ئاساسىي قانۇننى پەقەت يېڭى ئىجتىمائىي توختام ۋە دېموكراتىيەنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش نىشانى نۇقتىسىدىنلا ئەمەس، بەلكى يەر شارى خاراكتېرلىق ئۆزگىرىشلەرگە ماس قەدەمدە ئوتتۇرىغا قويىلىدىغان نىشان تېكىستى دەپ قاراپ، «شۇڭلاشقا، بىزگە ئېھتىياجلىق بولغىنى، سۆزى، روھى ۋە ھەجىمى بىلەن مىللىتىمىزنىڭ دۇنيا ۋە  ھايات قارىشىغا شۇنداقلا دۆلىتىمىزنىڭ تەجرىبىسى ۋە نىشانىغا ئۇيغۇن بىر ئاساسىي قانۇن تېكىستىدۇر» دېگەن ئىدى.

يېڭى ئاساسىي قانۇن تەشەببۇسىدىن باشقا يەنە، تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادتا يېڭى پراۋۇسلاۋىيە سىياسىتىگە قايتىشىنى تاشقى سىياسەتتىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ. يۇقۇمدىن كېيىن يۈز بەرگەن يەرشارى خاراكتېرلىق ئىقتىسادىي چىكىنىش، ئۇكرائىنا ئۇرۇشى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىقتىسادىي ئاجىزلىق، دۇنيا مىقياسىدا ئىقتىسادىي ۋە تېخنىكا رىقابىتىنىڭ كەسكىنلىشىشى ۋە تۈركىيە باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ئىقتىسادىي كرىزىس يېڭى يول خەرىتىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈشنى تەقەززا قىلدى. تۈركىيە باشتىن كەچۈرۈۋاتقان پۇل پاخاللىقى بېسىمىدىن قۇتۇلۇپ، دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بىر گەۋدىلىشىدىغان رىقابەتچى بىر ئىقتىساد ئەندىزىسى يارىتىش شۇنداقلا  سودا مىقدارىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق تەرەققىي قىلىشقا مەجبۇر. بۇنداق بىر نىشان گېئوپولىتكىلىق ۋە گېئوئىقتىسادىي دىنامىكلەرنى تەڭ بىرلا ۋاقىتتا باشقۇرۇشنى تەقەززا قىلىدۇ. بۇ ۋەجىدىن، ھۆكۈمەت ئۆتكەن ھەپتىلەردە ئېلان قىلغان ئوتتۇرا مەزگىللىك ئىقتىسادىي پروگرامما تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادتا قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئارقىلىق ئىقتىسادىي ئاجىزلىقىدىن قۇتۇلىشىنى ۋە دۇنيا ئىقتىسادىدىكى ھەسسىسىنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.

گېئوپولىتلىق مۇناسىۋەت

يېڭى ئاساسىي قانۇن ۋە چىداملىق ئىقتىساد، سىياسىي مۇقىملىقنى تېخىمۇ مۇستەھكەم ئاساستا بەرپا قىلىدۇ، شۇنىڭدەك تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىنىڭ گېوپولىتىكىلىق مۇناسىۋتىنىڭمۇ تېخىمۇ ساغلام ئۇسۇلدا ئورنىتىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. بۇ نۇقتىدا، تۈركىيەنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىق ئۆزگىرىشلەرنى قانداق چۈشەنگەنلىكىگە قاراش پايدىلىق بولىدۇ.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدىكى نۇتۇقىدا تەكىتلىگەندەك، يەر شارى سىستېمىسى ئومۇميۈزلۈك ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈرمەكتە.  بۇ ئۆزگىرىشنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى چوڭ كۈچ رىقابىتىنىڭ قايتىپ كەلگەنلكىدۇر. گەرچە بۇ كۈچ رىقابىتى ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقاندەك كۆرۈنسىمۇ، بارلىق ئاكتىيورلارغا بىۋاستە تەسىر كۆرسەتمەكتە ۋە ئاكتىيورلارنىڭ ئۆز مەيدانىغا قايتا قاراپ چىقىشىنى مەجبۇرىي ھالغا كەلتۈرمەكتە. گەرچە ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتى سىستېمىلىق سەۋىيەدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولسىمۇ، رايون خاراكتېرلىق يېڭى ئىتتىپاقداش سىستېمىلارنىڭ قايتا شەكىللىنىشىگە سەۋەب بولماقتا. يېقىندا <AUKUS>، <QUAD>، <BRICS> ۋە <IMEC> كە ئوخشاش يېڭى جەريانلار تۈركىيەنىڭ يەر شارى تاشقى سىياسەت يۆنىلىشى جەھەتتە ئەنئەنىۋى مۇناسىۋەت شەكلىنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرىشىنى مەجبۇرىي ھالغا كەلتۈرمەكتە.  يەر شارى سىستېمىسى بۇنچە ھەرىكەتچان بولۇۋاتقان مۇھىتتا، تۈركىيەنىڭ پەقەت گېئوپولىتىكىلىق ئورنىنىلا مەركەز قىلغان تاشقى سىياسەت ئىستراتېگىيەسى بىلەن ئىلگىرىلەشنىڭ ئورنىغا، تاشقى سىياسەتتىكى رايون خاراكتېرلىق كۆپ خىللىقىنى ئاشۇرۇشى ئىنتايىىن زۆرۈر.

بەلكىم تۈركىيەنىڭ گېئوپولىتىكىلىق مۇناسىۋەتتىكى ئەڭ ھالقىلىق تەرىپى ئۇنىڭ توقۇنۇشلۇق ۋە رىقابەتچى بىر مۇھىتقا جايلاشقانلىقىدۇر. ئۇكرائىنادا داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇش تۈركىيە-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتكەندەك، تۈركىيەنىڭ ياۋروپا، غەرب ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىمۇ قايتىدىن شەكىللەندۈرمەكتە. رۇسىيە تەھدىتى ئالدىدا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن قايتىدىن ئىتتىپاقلىشىش ۋە مۇستەھكەملىنىشكە ئۇرۇنۇۋاتقان ياۋروپا، تۈركىيە بىلەنمۇ يېڭى مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا تىرىشماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تۈركىيەمۇ بۇ يېڭى باسقۇچقا ئاپتونوم (مۇستەقىل) سىياسەت بىلەن ماسلىشىشقا تىرىشماقتا. سۈرىيە ۋە ئىراققا ئوخشاش قوشنا دۆلەتلەردە داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇش ۋە ئاجىزلىق تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىكنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشىنى زۆرۈر ھالغا كەلتۈرمەكتە. ئوتتۇرا شەرق چوڭ كۈچ رىقابىتىنىڭ سايىسىدا قايتىدىن شەكىللىنىۋاتقان بىر پەيتتە، تۈركىيە ئوتتۇرا شەرق بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى قايتىدىن لايىھىلىمەكتە. گ20 دۆلەتلەر گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىدا ئېلان قىلىنغان <IMEC>  لايىھەسىگە قارىتا تۈركىيەنىڭ تەرەققىيات يولى لايىھەسىنى تېزلىتىش تىرىشچانلىقى گېئوپولىتىكىلىق ۋە گېئوئىقتىسادىي دىنامىكلىرىنى بىرلا ۋاقىتتا قانداق ھەرىكەت قىلدۇرىۋاتقانلىقىنىڭ مۇھىم مىسالىدۇر.

تاشقى سىياسەت بىر تەرەپلىمە جەريانلادىن بەكرەك ئۆز-ئارا تەسىر كۆرسىتىدىغان  ئىستراتېگىيەلىك ساھەدۇر. باشقىچە ئېيتقاندا، ئىستراتېگىيە مۇناسىۋەتلەرنى ئاساس قىلغان بولۇشى لازىم. چۈنكى تاشقى سىياسەت بىرلا ئويۇنچىسى بولغان  ساھە بولۇشتىن بەكرەك، كۆپ ئاكتىيورلۇق مۇرەككەپ ساھەدۇر. جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ب د ت باشلىقلار يىغىنىدىكى نۇتۇقى، تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىنىڭ 360 گرادۇسلۇق نەزەر بىلەن لايىھەلەنگەنلىكىنى ۋە بىر يەرشارى خاراكتېرلىق يۆنىلىشى بارلىقىنى  كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر