تۈركىيەنىڭ شىۋىتسىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشىغا تۇتقان پوزىتسىيىسى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (44)

2005453
تۈركىيەنىڭ شىۋىتسىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشىغا تۇتقان پوزىتسىيىسى

تۈركىيەنىڭ شىۋىتسىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشىغا تۇتقان پوزىتسىيىسى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (44)

(مۇرات يېشىل تاش)

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! «كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ دىرېكتورى شۇنداقلا يازغۇچىسى دوتسېنت دوكتور مۇرات يېشىل تاش تەرىپىدىن تەييارلانغان «تۈركىيەنىڭ شىۋىتسىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشىغا تۇتقان پوزىتسىيىسى» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

**** ****** ***** ****** ****

رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانى ئىشغال قىلىشقا ئۇرۇنىشىدىن كېيىن، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولمىغان ۋە تارىختا بىتەرەپ تۇرغان بالتىق دېڭىزى دۆلەتلىرى زور خەۋپكە دۇچ كەلدى. جۇغراپىيەلىك ئورنى رۇسىيەگە يېقىن بولغانلىقى سەۋەبىدىن، فىنلاندىيە ۋە شىۋىتسىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئىلتىماس سۇنۇپ، ئەزالىق مۇساپىسىنى تېزلىتىشنى تەلەپ قىلدى. تۈركىيەنىڭ ئەندىشىسىنى پەسەيتىشتە مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن فىنلاندىيە ئەزا بولالىدى. تۈركىيە شىۋىتسىيەدىن 1-ئىيۇندىن ئېتىبارەن يولغا قويۇلغان «تېرورلۇققا قارشى كۈرەش قانۇنى» نىڭ ئەمەلى ئىجرا قىلىنىشى توغرىسىدا كونكرېت قەدەملەرنىڭ تاشلىنىشىنى كۈتمەكتە. شىۋىتسىيەنىڭ ئەزا بولۇشىدىن  مۇناسىۋەتسىز ھالدا تۈركىيە ھەر قايسى خەلقئارالىق مۇنبەرلەردە داۋاملاشتۇرغىنىغا ئوخشاش خەلقئارا تېرورلۇققا قارشى كۈرەشنى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئىچىدىكى ئورتاق نىشاننىڭ بىرىگە ئايلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ كەلمەكتە.

2000-يىلدىن بۇيان ياۋروپا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي نوپۇز تالىشىش توقۇنۇشىنىڭ مەركىزىگە ئايلانغان ئۇكرائىنا غەربكە يېقىنلاشقانلىقى ئۈچۈن زور بەدەل تۆلەشكە مەجبۇر بولدى. رۇسىيە ئىشغالدىن ئىلگىرى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ كېڭىيىشىنى توختىتىشىنى ۋە ئۇكرائىنانىڭ ئىتتىپاققا ئەزا بولماسلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن بەزى شەرتلەرنى تاڭغان ئىدى. ئۇكرائىنانىڭ مىللىي ئىگىلىك ھوقۇقىنى مادارا قىلىشىنى بىلدۈرىدىغان رۇسىيەنىڭ مەزكۇر شەرتلىرىنىڭ مەقسىتى؛ ھەل قىلىش چارىسى تېپىش ئەمەس، بەلكى ئىشغالىيەتكە ئاساس يارىتىش تەييارلىقى قىلىش ئىدى.  بۇ ئەھۋالغا قارىتا  شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا كىرمىگەن فىنلاندىيە ۋە شىۋىتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ ئوخشاش تەھدىتكە دۇچ كەلمەسلىك ئۈچۈن ئەزا بولۇش ئىلتىماسى سۇندى.

رۇسىيەنىڭ كۆپ قارشىلىققا ئۇچرىماستىن ئۇكرائىنانى ئىشغال قىلىش ۋە ئۇنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىش پىلانى بىرقانچىلىغان سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مەغلۇپ بولدى. رۇسىيە 2014-يىلى قىرىمنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن ئۇكرائىنا ئارمىيەسى جىددىي بىر يېڭىدىن قۇرۇلما باسقۇچىغا ئۆتتى ۋە  2022-يىلى تېخىمۇ كۈچلەندى. ئامېرىكا ئىستىخبارات ئورگىنى ئىشغالىيەتتىن ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇپ، رۇسىيەنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى. كىيېۋنى تاشلاپ دۆلەتتىن ئايرىلىشنى رەت قىلغان زېلېنسكىينىڭ رەھبەرلىكىمۇ ھالقىلىق رول ئوينىدى. رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ كۈتۈلگىنىدىن زىيادە تەييارلىقسىز ۋە نەتىجىسىسىز بولۇشىمۇ رۇسىيەگە نىسبەتەن تېز مۇۋەپپەقىيەتنى مۇمكىن ئەمەس ھالغا كەلتۈردى. بۇ مەنزىرىنى كۆرگەن بالتىق دېڭىزى دۆلەتلىرى رۇسىيەنىڭ ھەربىي ساھەدە ئويلىغاندەك ئۇنچە كۈچلۈك ئەمەسلىكىنى كۆردى. ئەمما ئىشغالىيەتنىڭ دەسلەپكى ئايلىرىدا رۇسىيەنىڭ ئۇرۇشنى شەرقىي ياۋروپا ۋە بالتىق دېڭىزىغا كېڭەيتىشى مۇمكىنلىكىگە بولغان ئەندىشىلىرى يۇقىرى پەللىگە چىقتى.

ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ئارقا كۆرۈنۈشىدە، فىنلاندىيە ۋە شىۋىتسىيەنىڭ بىخەتەرلىك قاراشلىرىنى ئۆزگەرتىپ، بىتەرەپ مەيدانىدىن ۋاز كېچىشى ھەر جەھەتتىن تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ھېسابلىنىدۇ. لېكىن تۈركىيە ئۇزۇندىن بۇيان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيە تارمىقى بولغان ي پ گ غا بىۋاسىتە ۋە ۋاسىتىلىق ياردەملەرنى قىلىىۋاتقانلىقىدىن ئىنتايىن بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلمەكتە. تۈركىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئىلگىرىكى يىغىنىلىرىدىمۇ بۇ مەسىلىنى ھەم سۈرىيە مەسلىسى نۇقتىسىدىن، ھەم  خەلقئارا تېرورلۇققا قارشى كۈرەش نۇقتىسىدىن نۇرغۇن قېتىم كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ي پ گغا  قىلىۋاتقان ياردەملىرىنى چەكلەش ۋە ئاخىرىلاشتۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشماقتا.

تۈركىيە فىنلاندىيە ۋە شىۋىتسىيە ئىمزالىغان ئۈچ تەرەپ كېلىشىمىنىڭ تەقەززالىرىنى فىنلاندىيەگە سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ ئاستا يولغا قويىۋاتقان شىۋىتسىيەگە قارىتا پەرقلىق پوزىتسىيە تۇتتى. جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ئەڭ ئاخىرىقى باياناتىدا تۈركىيەنىڭ ئىيۇل ئېيىدىكى ۋىلنيۇس باشلىقلار يىغىنىدىن ئىلگىرى بۇ مەسىلىدە تېز قەدەملەرنى تاشلاشقا ئالدىرىمايدىغانلىقىنى نامايان قىلىپ بەردى.

تۈركىيە ئىلگىرى ھەم گرۇزىيەنىڭ ھەم ئۇكرائىنانىڭ ئەزالىقىغا ئېتىراز بىلدۈرمىگەن بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ كېڭىيىش ئۈچۈن دەرۋازىسىنى ئوچۇق تۇتۇش سىياسىتىنى قوللاپ كەلگەن  بولۇپ،  شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ كېڭىيىشىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئەۋزەللىكلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلگىنىگە ئوخشاش، رايون خاراكتېرلىك توقۇنۇشلارنى ئېلىپ كېلىشىدىنمۇ ئەندىشە قىلىش بىلەن بىرگە دېموكراتىك قىممەت قارىشىنى قوغداش ئۈچۈن باشقا دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئەندىشىلىرىگە سەل قارايدىغان شىۋىتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پوزىتسىيەرلىرىگىمۇ قاتتىق قارشى تۇرۇپ كەلمەكتە. بۇ پوزىتسىيەنىڭ شىۋىتسىيەگىلا خاس ئەمەسلىكى، ئامېرىكا، گېرمانىيە ۋە فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭمۇ تۈركىيەنىڭ تېررورلۇققا بولغان ئەندىشىلىرىگە سەل قاراۋاتقانلىقى مەلۇم. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دۇنيا مىقياسىدا ئۆزىنى يېڭىلاشقا تىرىشىۋاتقان مۇھىتتا، تۈركىيەنىڭ تېررورلۇقنى ئاساسلىق كۈنتەرتىپىدىن بىرىگە ئايلاندۇرۇش تىرىشچانلىقى تامامەن قانۇنلۇق ۋە مۇۋاپىق بىر سىياسەتتۇر. لېكىن شىۋىتسىيەنىڭ بۇ مەسىلىگە يېتەرلىك سەزگۈر مۇئامىلە قىلماسلىقى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ مۆلچەردىكى كېڭىيىش مۇساپىسىگە تەسىر كۆرسەتمەكتە. نەتىجىدە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ كېڭىيىش باسقۇچىغا تەسىر كۆرسەتكەن ئەھۋالدا تۇرماقتا، شۇنى ئېنىقكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ شىۋىتسىيەنى ئەزا سۈپىتىدە قوبۇل قىلىشى پەقەت ۋە پەقەت تۈركىيەنىڭ تەستىقى بىلەنلا مۇمكىن بولىدۇ.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر