14- ماي سايلىمى ۋە نەتىجىلىرى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (38)

1988349
14- ماي سايلىمى ۋە نەتىجىلىرى

14- ماي سايلىمى ۋە نەتىجىلىرى

14- ماي سايلىمى ۋە نەتىجىلىرى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (38)

(مۇرات يېشىل تاش)

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! «كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ دىرېكتورى شۇنداقلا يازغۇچىسى دوتسېنت دوكتور مۇرات يېشىل تاش تەرىپىدىن تەييارلانغان «14- ماي سايلىمى ۋە نەتىجىلىرى» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

**** ****** ***** ****** ****

تۈركىيە دېموكراتىك تاكامۇللىقى بىلەن تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بىر سايلامنى ئېلىپ باردى. دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەر تۈركىيەدىكى سايلامنى يېقىندىن كۆزەتتى. %88.92 لىك بېلەت تاشلاش نىسبىتى بىلەن مىللىي ئىرادە ساندۇقتا نامايان بولدى ۋە تۈركىيەنىڭ دېموكراتىيەسى يەنە بىر قېتىم كۈچىنى كۆرسەتتى. جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان %49.5 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئىككىنچى ئورۇندىكى قىلىچداروغلۇدىن %5 پىرسەنتلىك يۇقىرى نەتىجە بىلەن سايلامنى تاماملىدى. ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدىكى جۇمھۇر ئىتتىپاقىمۇ 322 نەپەر پارلامېنت ئەزاسىغا ئېرىشىپ، پارلامېنتتا  كۆپ سانلىقنى قولغا كەلتۈردى. بۇ نەتىجىلەر ئەردوغاننىڭ ئىككىنچى باسقۇچلۇق سايلامغا ئاز دېگەندە مۇنداق ئۈچ ئەۋزەللىك بىلەن قەدەم قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ: پارلامېنتتىكى كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگەن بولۇش، بىرىنچى ئورۇندا بولۇش ۋە زور پەرق بىلەن ئۈستۈنلۈك قازانغان بولۇش.

 بۇ قېتىمقى بېلەت تاشلاشتا ئۇتۇشقا ئاران %0.5 قوشۇمچە بېلەتكە ئېھتىياجلىق بولغان ئەردوغاننىڭ ئىككىنچى باسقۇچلۇق سايلامدا ئاسانلا غەلىبە قىلىشى كۈتۈلمەكتە. چۈنكى شۇ كېچىسى ئەردوغاننىڭ پارتىيە مەركىزىدىكى بالكون نۇتۇقىدا نامايان قىلغان ھەممىنى قۇچاقلىغۇچى خاتىرجەملىكى  ۋە ئۆزىگە بولغان قەتئىي ئىشەنچى بۇنى نايان قىلىپ بەردى.  بۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئىككىنچى باسقۇچلۇق سايلام سەپەرۋەرلىك ئۈچۈنمۇ ياخشى باشلىنىش بولدى.

يەنە بىر تەرەپتىن ئۆكتىچىلەر  بولسا، نۇرغۇن پارامېتىرلاردا ئۇتتۇرۇپ قويغاندەك قىلىدۇ. ئۆكتىچىلەرنىڭ سايلامدىن ئىلگىرى ئۆز ياڭراتقۇلىرى، تەكشۈرۈش شىركەتلىرى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئوتتۇرىغا قويغان مۆلچەرى سايلىغۇچىلىرىدا ئېغىر چۈشكۈنلۈك پەيدا قىلدى. پارلامېنتتا كۆپ سانلىقنى قولغا كەلتۈرۈشتىن سىرت قىلىچدارئوغلۇنىڭ بىرىنچى باسقۇچتىلا %55 لىك بېلەتكە ئېرىشىپ، سايلامدا غەلىبە قىلىدىغانلىقىغا ئىشەندۈرۈلگەن سايلىغۇچىلىرىنىڭ نارازىلىقىنىڭ جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىگە ۋە قىلىچدارئوغلۇغا يۈزلىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە. ئۆكتىچىلەر ۋەكىللىرىنىڭ سايلام كېچىسىدىكى باياناتلىرى ئۆزلىرىنىڭ سايلىغۇچىلىرىنى بىئارام قىلىپلا قالماي، ھەمدە يەنە ئىمامئوغلۇ، ياۋاش ۋە قىلىچدارئوغلۇنىڭ سايلام نەتىجىسى سانلىق مەلۇماتلىرىغا زىت سۆزلىرى ۋە بىردەك بولمىغان ئەيىبلەشلىرى (ھەتتا قىلىچدارئوغلۇنى 13-نۆۋەتلىك جۇمھۇر رەئىس دەپ ئېلان قىلىشلىرى) ئىككىنچى باسقۇچلۇق سايلام ئۈچۈن تولىمۇ ناچار باشلىنىش بولدى.

ئۆكتىچىلەر يېڭى بىر سايلامغا قاتنىشىدىغاندەك تەشۋىقات ئېلىپ بارماقچى بولماقتا. ئىككىنچى باسقۇچلۇق سايلامنىڭ سەپەرۋەرلىكىدە ئەردوغاننىڭ ئەكسىچە ئۇلار بىرىنچى كۈنى كەچتە سەلبىي نۇقتىدىن  قەدەم تاشلىغان بولدى. قىلىچدارئوغلۇ ئىككى شەھەر باشلىقى ۋە 5 پارتىيە رەئىسى بىلەن بىللە سەھنىگە چىققاندىن كېيىن 1 مىنۇت 51 سېكۇنتتلۇق نۇتىقىدا سۆزلىگەنلىرى ئەردوغاننى ئەيىبلەش ۋە  «بىز ئىككىنچى باسقۇچلۇق سايلامدا غەلىبە قىلىمىز» دېيىشتىنلا ئىبارەت بولدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە قىلىچدارئوغلۇ «مەن بۇ يەردە» ناملىق سىن بىلەن ئىككىنچى باسقۇچلۇق سايلامدىن بەكرەك ج ھ پ نىڭ رەئىسلىكىنى داۋاملاشتۇرۇش ھەققىدە ئۇچۇر بەرگەندەك قىلىدۇ. مىللەت ئىتتىپاقى پارتىيەلىرىنىڭ سايلىغۇچىلىرىنى ئىككىنچى باسقۇچلۇق سايلامغا ئېلىپ بارالىشى تولىمۇ مۈشكۈلدەك كۆرۈنمەكتە.

قىلىچدارئوغلۇ ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە %44 لىك ئاۋازنى ئاساس قىلىپ ئۆزىنىڭ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويسىمۇ، ئەمما جۇمھۇر رەئىس نامزاتى چىقارغان  بىر پاتىيەنىڭ، يەنى ج ھ پ نىڭ ئاۋازغا ئېرىشىش نىسبىتىنىڭ ئاران %25 تە قېلىشى ئېغىر بىر چېگىشلىك ھېسابلىنىدۇ. يەنە كېلىپ بۇ نەتىجە 4 ئوڭچى قانات پارتىيەنى ج ھ پ تىزىملىكىگە كىرگۈزگەندىن كېيىن يېتىپ كېلەلىگەن نۇقتا.

ئوڭ قانات پارتىيەلەر ئۆزلىرىنىڭ 34-35 پارلامېنت ئەزاسىغا ئېرىشىپ ج ھ پ بىلەن ياخشى سودىلىشالىغانلىقىنى نامايان قىلدى. ئەمما  ج ھ پ سايلىغۇچىلىرى بۇ پارتىيەلەرگە بەرداشلىق بەرگەنلىكىنىڭ ھېچقانداق نەتىجىسىنى كۆرەلمىدى. ئاقشەنەر قىلىچدارئوغلۇنى غەلىبە قىلالمايدىغان نامزات دەپ ئېلان قىلغان ئىدى، قارىغاندا ئۇنىڭ توغرا ئېيتقانلىقى ئىسپاتلانغاندەك قىلىدۇ. ئىمامئوغلۇ يېنىغا ئالغان ياۋاش بىلەن پارتىيە رەئىسى بولۇشقا ئۇرىنامدۇ – يوق؟ بۇ تېخى ئېنىق ئەمەس.

سايلامنىڭ يەنە بىر مۇھىم نەتىجىسى مىللىيەتچى سايلىغۇچىلارنىڭ سىياسىي تەڭلىمىدىكى ئېغىرلىقى بولدى. بولۇپمۇ  مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى%10 ئاۋازغا ئېرىشىپ، بىزنىلا ئەمەس، بەزى راي سىناش شىركەتلىرىنىمۇ ھەيران قالدۇردى. ياخشى پارتىيەسىمۇ %10 كە يېقىنلاشتى، سىنان ئوگان %5 تىن ئارتۇق ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئىككىنچى باسقۇچلۇق سايلامنىڭ مىللىيەتچى سايلىغۇچىلار تەرىپىدىن شەكىللىنىدىغانلىقىنى نامايان قىلدى. جۇمھۇر ئىتتىپاقى كۆپ سانلىققا ئېرىشىپ، ھ د پ/ي س پ نىڭ %8 كە چۈشۈپ قېلىشىغا ئەگىشىپ، ي س پ نىڭ ئاچقۇچلۇق ئورۇندا تۇرۇش داۋاسى پۈتۈنلەي يوقالغاندەك قىلىدۇ. ھەمدە يەنە ي س پ بىلەن ھەرىكەت قىلغان نامزاتنىڭ ئۇتتۇرۇپ قويىدىغانلىقى ئايدىڭلاشقان ۋەزىيەتتە تۇرماقتا.

شۈبھىسىزكى، 14-مايدىكى سايلامدا غەلىبە قىلغۇچى ئەردوغان ۋە پاتىيەسى بولدى.  21 يىللىق ھاكىمىيىتىنىڭ  يۈكىگە قارىماستىن، AK پارتىيەسى %35 تىن ئارتۇق بېلەتكە ئېرىشتى. جۇمھۇر ئىتتىپاقى بولسا، %50 ئاۋازنى ۋە پارلامېنتتىكى كۆپ سانلىقنى قولغا كەلتۈردى. ئەردوغان ئىككىنچى باسقۇچلۇق سايلامغا ناھايىتى خاتىرجەم قەدەم تاشلىماقتا. ئۇنىڭ ئۈستىگە MHP نىڭ %10، يېڭى رېفاھنىڭ %2.8 ۋە بۈيۈك بىرلىك پاتىيەسىنىڭ %1  ئاۋازغا ئېرىشكەنلىكى ئەردوغان بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىدىغان پارتىيەلەرنىڭ غەلىبە قىلدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئەردوغاننىڭ يېڭى غەلىبىسى، پەقەت ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى سايلام مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىلەن رىقابەتلەشكەندەك قىلىدۇ. ئوخشاش بىر رەھبەر بىلەن بىر پارتىيەنىڭ 26 يىللىق دېموكراتىك ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇشنى ئۈزۈلۈكسىز داۋاملاشتۇرالىشى نە تۈركىيە، نە دۇنيا تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىقان تۇنجى ئىش بولۇپ تارىختىن ئورۇن ئالدى.

ئىككىنچى باسقۇچلۇق سايلام نەتىجىسى تۈركىيە سىياسىتىگە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن مەسىلىلەرنى قايتىدىن كۈن تەرتىپىگە ئېلىپ كەلگۈسى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر