كاپىتاننىڭ ساياھەت خاتىرىسى - گىرەسۇن (2)

نەسىلخان دەگىرمەنچىئوغلۇ تەرىپىدىن تەييارلانغان «كاپىتاننىڭ ساياھەت خاتىرىسى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ يېڭى سانىدا گىرەسۇن ئارىلى، كۇزالان تەبىئەت باغچىسى ۋە دەلىكلىتاش دېڭىز ساھىلى قاتارلىقلارنى ساياھەت قىلىمىز...

1982481
كاپىتاننىڭ ساياھەت خاتىرىسى - گىرەسۇن (2)

كاپىتاننىڭ ساياھەت خاتىرىسى - گىرەسۇن (2)

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ھاۋا ئوچۇق، دېڭىز كېمىمىز «سەيياھ»نى بوش دولقۇنلىرى بىلەن تەۋرەتمەكتە، ئىزغىرىن شامال يەلكەنلىرىمىزگە پۇۋلەشنى كۈتمەكتە. ئەگەر ھەممە «سەيياھ»تىكى ئورۇنلىرىغا جايلىشىۋالغان بولسا، بۈگۈنكى سەيلىمىزنى ئۆتكەن ھەپتە ئارزۇ قىلغان بولساقمۇ كۆرۈشكە ۋاقتىمىز يار بەرمىگەن گىرەسۇن ئارىلىدىن باشلايمىز.

قارا دېڭىز رايونىدا ئاراللار بىر قەدەر ئاز،  باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇ يەردە بىر قانچىلا ئارال بار. ئۇلارنىڭ ئىچىدە پەقەت ئىككىلا ئارالدا ئادەملەر ياشىيالايدۇ. شۇنداق، خاتا ئاڭلاپ قالمىدىڭلار، قارا دېڭىزدىكى ئىككىلا ئارالدا ئادەملەر ياشىيالايدۇ. بۇ ئاراللارنىڭ بىرى گىرەسۇن ئارىلى بولۇپ، ئۇ شەرقىي قارا دېڭىز رايونىدىكى قەدىمكى ۋە ئوتتۇرا ئەسىرلەردە كىشىلەر ئولتۇراقلاشقان بىردىنبىر ئارال. بۇ گېنوۋا ۋە ۋېنىتسىيە ماتروسلىرىغا پاناھگاھ بولغان جاي. گىرەسۇن ئارىلى توغرىسىدىكى رىۋايەتلەر ياكى ئەپسانىۋى ھېكايىلەر ئۇنىڭغا مەلۇم دەرىجىدە سىرلىق كەيپىيات قوشىدۇ. ئەمدى قىرغاققا لەڭگەر تاشلاپ، بۇ قىزىقارلىق ئارالنى بىرلىكتە سەيلە قىلايلى. ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان رىۋايەتكە قارىغاندا، بۇ ئارالنى جەڭچى ئامازون ئاياللىرى قۇرغان. گىرېك ئەپسانىلىرىدە ھېراكلېس ۋە رىم رىۋايەتلىرىدە «ھېركۇلېس» دەپ ئاتالغان كۈچلۈك ئىلاھ، «ئالتۇن تون»نى تېپىش ئۈچۈن، ئاراگوناتلار بىلەن بىرلىكتە گىرەسۇن ئارىلىغا كېلىدۇ. گىرېتسىيەلىكلەر ھەر يىلى ئارالغا كېلىپ، ھەزرىتى يۈسۈپنىڭ ھەيكىلىنى ئىزدەيدۇ. ھەر يىلى مايدا ئېتىقادچىلىرى موللۇق ۋە بەرىكەتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ، دەپ قارايدىغان بىر قىيا تاشنىڭ ئەتراپىدا كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ. گىرەسۇن ئارىلى ھەم رىۋايەتلىرى ھەمدە خىلمۇخىل مۇراسىملىرى بىلەن ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلماقتا. كېلىڭلار ھەممىمىز بىرلىكتە، سېپىل قالدۇقلىرى، موناستىرلار، چېركاۋلار ۋە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىدە ئاساسلىق رول ئوينايدىغان، ئىسمى لاتىنچە «تۇغۇلۇش» دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدىغان ھېلىقى قىزىقارلىق تاشنى كۆرەيلى. ئاندىن گىرەسۇننىڭ تەبىئىي گۈزەللىكلىرىنى تاماشا قىلىش ئۈچۈن، «سەيياھ»ىمىزغا ئولتۇرۇپ يولىمىزنى داۋاملاشتۇرايلى.

*  *  *  *

ھۆرمەتلىك يولۇچىلىرىمىز، پورتتىن گىرەسۇن ئارىلىغا بېرىشقا يېرىم سائەت ۋاقىت كېتىدۇ. سىلەر دېڭىزنىڭ مەيىن شاماللىرىدىن ھۇزۇرلانغاچ ئارام ئېلىۋېلىڭلار. چۈنكى، ياپيېشىل ئورمانلىق ۋە كەڭ يايلاقلار بىلەن قاپلانغان كۇزالان تەبىئەت باغچىسى بىزنى كۈتمەكتە. كۇزالان تەبىئەت باغچىسىنىڭ باشقا باغچىلاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان بىر ئالاھىدىلىكى، ئۇنىڭدا دۇنيادىكى ناھايىتى ئاز ئورمانلىقلاردا شەكىللىنىدىغان چوڭ ھەجىملىك ھاك چېچەكلىرى بار. بۇ ھاك چېچەكلىرىنى كۆرگىلى بولىدىغان يەرلەرنىڭ بىرى كۇزالان تەبىئەت باغچىسىدىكى گۆكسۇ ھاك چېچەكلىكىدۇر. ھاك چېچەكلىرى يەر ئاستىدىن چىقىدىغان سۇدالىق (گازلىق) سۇدىن ھاسىل بولىدىغان بولۇپ، ئۇ سۇ ئۇنىڭغا ئاجايىپ ئېسىل رەڭلەرنى  بېغىشلايدۇ. ئەمدى يېقىنقى چاغلارغىچە كۆپىنچە كىشىلەر مەۋجۇتلۇقىدىن بىخەۋەر قالغان بىر يەرگە بارايلى. گۆكسۇ ھاك چېچەكلىكىدىن يېرىم سائەت يول يۈرۈپ بارغىلى بولىدىغان ماۋى كۆل، 2014- يىلى بايقالغان بىر تەبىئىي مۆجىزە. ئوخشىمىغان چوڭلۇقتىكى كۆللەر ۋە بۇ كۆللەرنىڭ سۇلىرىنىڭ بىرىدىن يەنە بىرىگە ئېقىشى ھەقىقەتەنمۇ كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. بۇ كۆلنىڭ نامى ھاك تاشلىرى ۋە سۇدالىق سۈ شەكىللەندۈرگەن سېھرىي كۈچكە ئىگە كۆك، يەنى ماۋى رەڭنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىدۇ. بۇ ئېسىل كۆل ھەيۋەتلىك رەڭلىرى ۋە تەبىئىي گۈزەللىكى بىلەن فوتوگراف ھەۋەسكارلىرى ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ كۈچلۈك قىزىقىشىنى قوزغايدۇ.

كۇزالان تەبىئەت باغچىسى كۇمبەت بىلەن قۇلاقكايا يايلاقلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بىر نۇقتىغا جايلاشقان بولۇپ، ھەر ئىككى يايلاق ياپيېشىل ئورمانلار، بولۇق ئوتلاقلار بىلەن قورشالغان. كۇمبەت ۋە قۇلاقكايا گىرەسۇننىڭ ساياھەتچىلەر ئەڭ كۆپ سەيلە قىلىدىغان يايلاقلىرى ھېسابلىنىدۇ.

ئەمدى يايلاقلار، تۆپىلىكلەردىن دېڭىز بويىغا چۈشىدىغان پەيت كەلدى؛ چۈنكى بىزنى گىرەسۇن دېڭىز ساھىلىدىكى كۆرۈشكە تېگىشلىك يەنە بىر جاي كۈتمەكتە. تېگىدىن مەلۇم ئېگىزلىككىچە ئويۇلغاندەك كۆرۈنىدىغان بۇ تاشنىڭ ئىسمى «دەلىكلىتاش (تۆشۈك تاش)». ھەر خىل تەبىئىي ھادىسىلەر ۋە دېڭىزنىڭ ئۇپرىتىشى نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن بۇ شەكىل، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ساياھەتچىلەرنىڭ دائىملىق مەنزىلى ھېسابلىنىدىغان دەلىكلىتاش، مەنزىرىسى يۈزىسىدىنلا ئەمەس، بەلكى ھەققىدىكى ئەپسانىلەر يۈزىسىدىنمۇ زىيارەت قىلىنىدۇ. چۈنكى ناھايىتى قەدىمكى دەۋرلەردىن بۇيان، بۇ تۆشۈكتىن ئۆتكەنلەرنىڭ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشىدۇ، دەپ قارىلىپ كەلمەكتە. تۆشۈك تاشنىڭ ئارقىسىدىكى كىچىك ئۆڭكۈردە بولسا، تاش قەبرىلەر جايلاشقان ئارخولوگىيەلىك بىر رايون بار. دەلىكلىتاش دېڭىز ساھىلى ئەپسانىلەر، تارىخ ۋە تەبىئەت ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەن گۈزەل بىر جاي. كېلىڭلار، سىلەرمۇ بۇ تۆشۈكتىن ئۆتۈش جەريانىدا بىر نەرسىلەرنى ئارزۇ قىلىپ بېقىڭلار، ئارزۇيۇڭلار ئەمەلگە ئېشىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس!



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر