يېقىنلىشىپ قالغان يېڭى سايلام ۋە تېرورلۇققا قارشى كۈرەش

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (35)

1980633
يېقىنلىشىپ قالغان يېڭى سايلام ۋە تېرورلۇققا قارشى كۈرەش

يېقىنلىشىپ قالغان يېڭى سايلام ۋە تېرورلۇققا قارشى كۈرەش

 

يېقىنلىشىپ قالغان يېڭى سايلام ۋە تېرورلۇققا قارشى كۈرەش

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (35)

(جان ئاجۇن)

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! «كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ تاشقى سىياسەت تەتقىقاتچىسى جان ئاجۇن تەرىپىدىن تەييارلانغان «يېقىنلىشىپ قالغان يېڭى سايلام ۋە تېرورلۇققا قارشى كۈرەش» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

***** ** **** *** *** ****

تۈركىيە يېڭى سايلام باشقۇچىغا كىرگەن ئەمدىكى ۋەزىيەتتە تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئاتالمىش ​​رەھبەرلىرىنىڭ سايلام ھەققىدە داۋاملىق باياناتلارنى ئېلان قىلىشى شۇنداقلا ئەردوغانغا رەقىپ نامزاتلارنى ۋە ئىتتىپاقلارنى قوللاپ قۇۋۋەتلىشى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. ئاخىرقى ھېسابتا ئۆز خاراكتېرىنىڭ تەقەززاسى بويىچە سىياسىي يول بىلەن ئەمەس، بەلكى تېررورلۇق ۋە زوراۋانلىق بىلەن نەتىجىگە ئېرىشىشنى مەقسەت قىلىدىغان پ ك ك نىڭ بۇ يېڭى مەشغۇلات ئۇسۇلىنىڭ ئارقىسىدا ئەسلىدە چوڭقۇر ۋەيرانچىلىق  پاتقىغا پاتقانلىقىنى ۋە ئاتالمىش رەھبەرلىك قاتلىمىدىكىلەرنىڭ تۈگەشكەنلىك ئۇنىۋېرسال كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇ.

پ ك ك/ك ج ك نىڭ ئىجرائىيە كېڭىشى ئەزاسى دۇران قالقان مەتبۇئاتلارغا بەرگەن باياناتىدا، ئەردوغان رەھبەرلىكىدىكى ھۆكۈمەتنىڭ چوقۇم ئاغدۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئەسلىدە  تۈركىيە سايلام مەيدانىغا قەدەم قويغان  ئەمدىكى مەزگىلدە پ ك ك نىڭ ئاتالمىش ​​يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بايانلارنى قىلماقتا. جەمىل بايىك، مۇرات قارايىلان، بوسە خوزات قاتارلىق كاتتىۋاشلىرى ئاق پارتىيە (ئادالەت ۋە تەرەققىيەات پارتىيەسى)-مىللىيەتچى ھەرىكەت پاتىيەسى ئىتتىپاقلىقىدىكى ھاكىميەتنىڭ مەيلى ھەر قانداق بەدەل تۆلەشكە قارىماي ئاغدۇرۇلىشى كېرەكلىكىنى ھەمدە ئۇنىڭ ئورنىغا مۇۋاپىق باشقا ھاكىميەتنى بارلىققا كەلتۈرۈش كېرەكلىكىنى تەكىتلەشمەكتە. ھەتتا بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بوسە ھوزات تەشكىلات نامىدىن ئېلان قىلىنغان باياننامىسىدا،  14-مايدىكى سايلامنىڭ باشقا ھېچبىر سايلاملارغا ئوخشىمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ھ د پ نىڭ كامال قىلىچدارئوغلۇنى قوللاپ نامزات چىقارماسلىقىنىڭ توغرا بولغانلىقىنى ۋە سايلام ئاخىرلاشقۇچە «ھەربىي (تېررورلۇق) ھەرىكەتلىرىنى» توختاتقانلىقلىرىنى جاكارلىدى.  ئاندىن ھ د پ ۋە  زاپاس پارتىيە سۈپىتىدە قۇرۇلغان يېشىل سولچىلار پارتىيەسى (ي س پ) نىڭ كامال قىلىچدارئوغلۇ ۋە مىللەت ئىتتىپاقىغا قوشۇلۇپ كېتىشى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. پ ك ك/ك ج ك نىڭ قانۇنۇق سالاھىيەتكە ئىگە سىياسىي قۇيرۇقچىسى بولغان ھ د پ/ي س پ كامال قىلىچدارئوغلۇ بىلەن كۆرۈشۈپ، ھەر خىل مۇزاكىرىلەرنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، نامزات كۆرسەتمەسلىك ۋە قىلىچدارئوغلۇنى قوللاش قارارى ماقۇللاشتى.

بۇ يەردە پ ك ك/ك ج ك تېرورلۇق تەشكىلاتىنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن سايلام باسقۇچىغا ئېسىلىۋېلىپ، ئەردوغانغا قارشى تۇرۇشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

خاراكتېرى نۇقتىسىدىن قانۇنلۇق سىياسىي تۈزۈم ۋە سايلام باسقۇچلىرىدىن يىراق تۇرۇشى كېرەكلىك بولغان بىر تېررورلۇق تەشكىلاتى نېمە ئۈچۈن سىياسىي سەپەرۋەرلىك ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى؟ دېگەن سوئالغا دىققات قىلىش لازىم.

دۇران قالقان ئەڭ ئاخىرقى باياناتىدا، پ ك ك نىڭ بۇ ھەرىكەت جەريانىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«ئەردوغان مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتىنى سەپەرۋەر قىلىپ، بىزنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن تىزىملىكتە ئىسملىرىمىزنى ئېلان قىلدى. ھەر كۈنى ئۆلتۈرۈۋاتىدۇ، ھېچكىم سادامۇ چىقارمايۋاتىدۇ. بىز ئاخباراتتا، مۇداپىئە رايونلىرىدا، باكۇردىكى تونېللاردا... ۋە ھەممىلا يەردە ھۇجۇم ئاستىدا تۇرىۋاتىمىز. قاندىلدا، شېنگالدا ۋە روجوۋادىمۇ ئۆلتۈرۈلىۋاتىمىز. ئۇلار ھەر كۈنى ئۆلتۈرىۋاتىدۇ. ھېچكىشىدىن سادا چىقمايۋاتىدۇ. بىزنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىمىز ھەققىدە تىزىملىك ​​تۈزغۇزۇپتۇ. قىزىل تىزىملىك، سېرىق تىزىملىك​​، يېشىل تىزىملىك، كۈلرەڭ تىزىملىك​​، يەنى ئۇلار ھەر بىر تىزىملىككە 30 ياكى 40 كىشى ۋە ئۇلارنىڭ رەسىمىنى قويۇپتۇ. بۇلار ئىزدەپ تۇتۇپ قولغا ئالىدىغانلارنىڭ تىزىملىكى ​​ئەمەس. ئاشكارا ئۆلتۈرۈلىدىغانلارنىڭ تىزىملىكىدۇر».

بۇ بايانات ئەسلىدە پ ك ك/ك ج ك نىڭ قانداق بېسىم ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ۋە ئالدىنقى قاتاردىكى رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ ھەرىكەت قىلالماس ۋە ئەزالىرىنى باشقۇرالماس ھالغا كېلىپ قالغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

تۈركىيەنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى ئاكتىپ ھەركىتى ۋە پۈتۈن ساھەلەردە پ ك ك نى يەنچىپ تاشلاش ھەرىكىتى زور نەتىجىلەرنى ياراتقان ئەھۋالدا تۇرماقتا. تۈركىيە ئىچىدە ئاساسەن دېگۈدەك ھەرىكەت قىلالمايدىغان دەرىجىگە چۈشۈرۈپ قويۇلغان تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىراق ۋە سۈرىيەدىمۇ تۈرك ئەسكەرلىرىنىڭ چېگرا ھالقىغان ھەربىي ھەرىكەتلىرى بىلەن رايونلىرىنى يوقۇتۇپ قويماقتا. دۇران قالقان ئىپادىلىگەن ۋە تەكىتلىگەن مەزكۇر كۈرەش ئۇسۇلىنى مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى داۋاملاشتۇماقتا. مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى يېڭى بىخەتەرلىك تەلىماتى دائىرىسىدە پ ك ك نىڭ رەھبەرلىك قىسمىنى يوقۇتۇش ئۈچۈن «يىلاننىڭ بېشىنى كېسىش» ھەرىكىتىنى باشلانغان 2015-يىلدىن بۇيان 500 گە يېقىن ئۇنسۇرنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى. تېررورلۇق  تەشكىلاتنىڭ ھەرىكەت ئۇسۇلىدا زور ئۆزگىرىش پەيدا قىلىنىشىغا سەۋەب بولدى. دۇران قالقاننىڭ  18-ئاپرېلدا ئېلان قىلغان باياناتىدا جەزملەشتۈرگىنىدەك، تېروررلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھەرىكەت ۋە ئالاقە ئىقتىدارى ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران بولغانلىقىنى شۇنداقلا رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ تۈگەشكەنلىك ئۇنىۋېرسال كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى جەزملەشتۈرۈشكە بولىدۇ.  

بۇ نۇقتىدىن  پ ك ك/ك ج ك تېرورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئاتالمىش ​​رەھبەرلىرى نۆۋەتتىكى ھالاكەتلىك ھالەتتىن ئۆزلىرىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن تۈركىيەدىكى سايلامنى تارىخىي پۇرسەت دەپ قارىماقتا. ئۇلار ئەردوغاننىڭ ئاغدۇرۇلۇشى بىلەن تېرورلۇققا قارشى تۇرۇشتىكى قەتئىي ئىرادىنىڭ ئاجىزلايدىغانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى ھەربىي ھەرىكىتىنى توختىتىدىغانلىقىنى، تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ قانۇنىي قۇرۇلمىسى بولغان ھ د پ/ي س پ نىڭ قايتىدىن كۈچلىنىپ، شەرقىي رايونلاردا ئۆرلىرىگە (يەنى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا)  ئورۇن ھازىرلايدىغانلىقىنى ھېسابلاشماقتا. ئەپسۇسكى ئاساسلىق ئۆكتىچى پارتىيەنىڭ رەھبىرى كامال قىلىچدارئوغلۇنىڭ بەزى باياناتلىرى، سەپداشلىرى ۋە ئۆزىنىڭ ھ د پ/ي س پ بىلەن بولغان ئىچ قويان تاش قويان مۇناسىۋىتى  تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ بۇ پوزىتسىيەسىگە ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرمەكتە.

ۋەھالەنكى تېرورلۇققا قارشى كۈرەش تۈركىيەگە نىسبەتەن ئىچكى سىياسەتتىن ھالقىغان  دۆلەت بىخەتەرلىك مەسىلىسىدۇر. پ ك ك يوقىلىشقا ئاز قالغان بىر پەيتتە مەۋجۇت بىخەتەرلىك تەلىماتىنى قەتئىيلىك بىلەن داۋاملاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر