تۈركىيەنىڭ 2023 - يىللىق تاشقى سىياسىتى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (18)

1925446
تۈركىيەنىڭ 2023 - يىللىق تاشقى سىياسىتى

تۈركىيەنىڭ 2023 - يىللىق تاشقى سىياسىتى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (18)

(مۇرات يېشىل تاش)

«كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ دىرېكتورى شۇنداقلا يازغۇچىسى دوتسېنت دوكتور مۇرات يېشىل تاش تەرىپىدىن تەييارلانغان «تۈركىيەنىڭ 2023 - يىللىق تاشقى سىياسىتى» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

**** ****** ***** ****** ****

تۈركىيەنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىكى تەڭپۇڭلۇق سىياسىتى ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغىلا خاس ئەمەس، بەلكى بىرىنچىدىن ئىستراتېگىيەلىك مۇستەقىللىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، ئىككىنچىدىن گېئوپولىتىكىلىق ئەۋزەللىكىنى كۆپ خىللاشتۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭ ئىستراتېگىيەلىك ۋە گېئوپولىتىكىلىق يۈزلىنىشىنىڭ بىر قىسمىدۇر. تۈركىيەنىڭ غەرب بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى ئەمەلىي ھەمكارلىق ۋە تەڭپۇڭلۇقنى ئىزدىنىشى دائىرىسىدە 2023-يىلىمۇ داۋاملىشىدۇ. ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشنىڭ داۋاملىشىشىغا قارىتا تۈركىيەنىڭ 2023-يىلىدىمۇ ھازىرقى تەڭپۇڭلۇق ۋە بىتەرەپلىك سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرىشى مۆلچەرلەنمەكتە. 2023-يىلى يېڭى بىر مۇزاكىرە ساياھەتلىرى ئوتتۇرىغا چىقىشىمۇ مۇمكىن ۋە تۈركىيە بۇ پۇرسەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىپ، تەشەببۇسكارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى مۇمكىن.

تۈركىيەنىڭ تاشقى مۇناسىۋەتلىرىدىكى «سودا دۆلىتى» خاراكتېرىنىڭ 2023-يىلىمۇ داۋاملىشىشى مۆلچەرلەنمەكتە، چۈنكى ئىقتىسادىي مەسىلە قىسقا مۇددەت ئىچىدە ھەل بولۇپ كېتىدىغان تۈردە ئەمەس. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، يەر شارى يۇقۇمنىڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان دۇنيا ئىقتىسادىدا تەننەرخ ئۆرلەپ كېتىشىنىڭ داۋاملىشىشى ۋە 2023-يىلى يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىشى مۆلچەرلىنىۋاتقان بولغاچقا تۈركىيەدىن باشقا بارلىق دۆلەتلەردە دېگۈدەك ئىقتىسادىي ئەندىشە ئاساسلىق مەركەزنى ئىگىلەيدىغاندەك قىلىدۇ.

بۇ ئىقتىسادىي ئەھۋالاغا پاراللېل شەكىلدە، تۈركىيە ۋە شېرىكلىرى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نورماللىشىش، يارىشىش مۇساپىسىنىڭ 2023-يىلىمۇ داۋاملىشىشى شۇنداقلا تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىشى كۈتۈلمەكتە. چۈنكى بۇ جەرياننى باشلاتقۇچى ئامىللار ۋە شارائىتلار 2023-يىلىمۇ كۈچكە ئىگە بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.

تۈركىيە تاشقى سىياسىتىنىڭ نىسبەتەن يېڭى تەركىبىي قىسمى بولغان مۇداپىئە سانائىتى 2022-يىلدىكىگە ئوخشاش 2023-يىلىدىمۇ ئۈزلۈكسىز يۈكسېلىدۇ. تۈركىيە مۇداپىئە مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورت بازىرىنى سان ۋە سۈپەت جەھەتتە كېڭەيتىشتە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئېرىشتى. بۇ كۈچ ئاللىقاچان «ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان دىپلوماتىيەسى» ياكى «مۇداپىئە دىپلوماتىيەسى» دېگەن نامنى ئېلىپ بولدى. ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش رۇسىيەنىڭ نۇرغۇن دۆلەتلەرگە مۇداپىئە مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تۆۋەنلەتتى، ئۇرۇشنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ كېلەر يىلى (2023) رۇسىيەنىڭ ئېكسپورت ئىقتىدارى تېخىمۇ تۆۋەنلەيدۇ. رۇسىيەنىڭ بولۇپمۇ ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرق، ئافرىقا ۋە لاتىن ئامېرىكادا ياراتقان بوشلۇقىنى تۈركىيە تولدۇرۇشقا تەييارلىق قىلماقتا.

 

 

2023-يىلىدا تۈركىيەنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تېررورلۇققا قارشى كۈرەش تىرىشچانلىقلىرى داۋاملىشىدۇ. 2022-يىلى تۈركىيەنىڭ تېرورلۇققا قارشى ھەرىكەتلىرى  بولۇپمۇ شىمالىي ئىراقتا تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى. لېكىن تۈركىيە ئىستراتېگىيەلىك ھەرىكەت نىشانىنى تېخى تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بولغىنى يوق. شۇڭلاشقا تۈركىيەنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تېرورلۇققا قارشى ھەرىكىتىنى تاماملاش تىرىشچانلىقى ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى بايقالغان ي پ گ رەھبەرلىرى ۋە ئەزالىرىغا قارىتا نۇقتىلىق ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشى مۇمكىن. ئىستانبۇلدىكى بومبا ھۇجۇمىدا كۆرۈنگەندەك ي پ گ تۈركىيە ئۈچۈن ھازىرمۇ ھالقىلىق ئورۇندا تۇرىۋاتقان بولغاچقا تۈركىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدا ي پ گ كونتروللۇقىدىكى رايونلارغا قاراتقان چېگرا سىرتى ھەربىي ھەرىكىتى 2023-يىلى باشلىنىدىغاندەك قىلىدۇ.

2023-يىلى تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدە پالاتا تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ رەئىسى بوب مېنېندېز توسۇۋالغان F-16 ئۇرۇش ئايروپىلانى ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش زاپچاسلىرىنى تۈركىيەگە ئېكسپورت قىلىش ئەڭ مۇھىم مەسىلىگە ئايلىنىدۇ.  تۈركىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى ي پ گ غا قارشى ھەربىي ھەرىكىتىمۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى جىددىيلەشتۈرۈش خەۋىپىگە ئىگە. بايدىننىڭ 2023-يىلدىكى تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمىدىن ئىلگىرى تاللىغان ھەرىكەت ئۇسۇلىغا بىنائەن بايدېن ئۆزىنىڭ سايلىمىدا تۇتقاندەك ئوچۇق-ئاشكارە ئەردوغانغا قارشى بىر پوزىتسىيەدە بولسا، تۈركىيەنىڭ ئىچكى سىياسىتىمۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيلىكنىڭ مەنبەسىگە ئايلىنىپ قىلىشى مۇمكىن.

تۈركىيە-گرېتسىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭمۇ ئەگە دېڭىزى ۋە شەرقىي ئاق دېڭىزدىكى دېڭىز-ئوكيان رايونلىرىدا كەسكىنلىشىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى. گرېتسىيەنىڭ دېڭىز رايونى توغرىسىدىكى دەۋالىرى بىلەن تۈركىيە-لىۋىيەنىڭ ئىككى تەرەپلىك ئايرىۋېتىلگەن ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت 2023-يىلى تۈركىيە بىلەن گرېتسىيە ئوتتۇرىسىدا قاتمال ھالەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، چۈنكى گرېتسىيە ئاللىقاچان بۇ رايوننى ھىدرو كاربون  قىزىپ تەكشۈرىشى ئۈچۈن چوڭ ئېنېرگىيە شىركەتلىرىگە ھۆددىگە بەردى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، تۈركىيە-گرېتسىيە يېرىكچىلىكى تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىمۇ ھاياتىي كۈچكە ئىگە. شۇڭلاشقا 2023-يىلى تۈركىيە-گرېتسىيە مۇناسىۋىتىدە يۈز بېرىدىغان يىرىكچىلىكلەر تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىش  ئېھتىماللىقى ئېنىق.

تۈركىيە-ئەزەربەيجان مۇناسىۋىتىدە 2023-يىلى ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنىڭ تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىشى كۈتۈلمەكتە. تۈركىيە يېڭى ئازاد قىلىنغان قاراباغ رايونىنىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقى شۇنداقلا ھەربىي ھەمكارلىقنىڭ داۋاملىشىشى قاتارلىق مەسىلىلەردە ئەزەربەيجاننى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. تۈركىيە يەنە ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي زىددىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش تىرىشچانلىقىنىڭمۇ سالمىقىنى كۈچەيتىدۇ.

تۈركىيەنىڭ 2023-يىلى ئەزەربەيجان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ مەركىزىدە ئېنېرگىيە گېئوپولىتىكاسىنىڭ تەسىرى تېخىمۇ كەڭ بولىدۇ. پۇتىننىڭ تۈركىيەنى ئېنېرگىيە بازىسىغا ئايلاندۇرۇش تەكلىپى ئەمەلگە ئاشسۇن، ياكى ئاشمىسۇن بۇنىڭدىن قەتئىي نەزەر، ئەزەربەيجاندىن تۈركىيە ئارقىلىق ياۋروپاغا سوزۇلغان ھازىرقى ئېنېرگىيە كارىدورىنىڭ سېغىمچانلىق ئىقتىدارى تۈركمەنىستاندىن كېلىدىغان ئېنېرگىيە بىلەن تېخىمۇ ئۆرلىشى مۇمكىن.

ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش 2023-يىلى داۋاملىشىدۇ ۋە تۈركىيەنىڭ كۈن تەرتىپىدىكى مەركىزىي ئورنىنى ساقلاپ قالىدۇ. تۈركىيە ھەم ئۇكرائىناغا، ھەم  رۇسىيەگە بولغان نوپۇز تەسىرىنى ئىشقا سېلىپ، ئاشلىق كېلىشىمىنى قەرەللىك يېڭىلاش تىرىشچانلىقىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. تۈركىيە يەنە 2023-يىلى بويىچە تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق سۆھبىتىنى قايتىدىن باشلاش ۋە يىرىكچىلىكنى پەسەيتىش ئۈچۈن بارلىق پۇرسەتلەرنى ئىشقا سېلىشقا تىرىشىدۇ.

2023-يىلىدا ئوتتۇرا شەرقنىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپى نۇرغۇن دۆلەتلەر ئارىسىدا داۋاملىشىۋاتقان نورماللىشىش ۋە يارىشىش تىرىشچانلىقى بولىدۇ. رايوندىكى نورماللىشىش ۋە يارىشىش تىرىشچانلىقىنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ خەتەر بولسا، ئاشقۇن ئوڭچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېڭى ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى بولىدۇ. شەرقىي قۇددۇس ۋە غەززەدىكى ئېغىر داۋالغۇش نورماللىشىش/ يارىشىش مۇساپىسىنىڭ «ئىبراھىم كېلىشىمى» نىمۇ ۋە تۈركىيە-ئىسرائىلىيەنىڭ ئىزلىرىنىمۇ خىرىسقا دۇچار قىلىشى مۇمكىن.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر