مەۋلانانى خاتىرلەش كۈنى

10 – 17 – دېكابىر مەۋلانا جەلالىددىن رۇمىنى خاتىرىلەش كۈنى ۋە شەبئى ئارۇز.

1917266
مەۋلانانى خاتىرلەش كۈنى

ئانادولۇنىڭ ئەڭ سۆيۈلگەن دىنى رەھبىرى ۋە شائىرلىرىدىن بىرسى  بولغان مەۋلانا جەلالىددىن رۇمىنى رەھمەت تىلەكلىرىمىز بىلەن ئەسلەيمىز.

ئۇنىڭ سۆزى بويىچە «ئۆلۈم كۈنى؛ سۆيگۈنىنىڭ ۋىسالىغا يېتىدىغان كۈن» بولۇپ، ئۇ بۇ كۈندە يىغلاش ۋە ئازابلىنىشنى مەنئىي قىلغان ئىدى. مەۋلانا جەلالىددىن رۇمىنىڭ ئانادولۇ ساماسىدا ياڭرىغان ئەقىل دۇردانىلىرى بۈگۈنكى كۈندىمۇ يالغۇز بىزنىڭ دۆلىتىمىزدىلا ئەمەس، بەلكى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا  كەڭ ياڭرىماقتا. ھەر يىلى 17 – دېكابىر كۈنى كونيادا ئۆتكۈزۈلىدىغان «شەبئى ئارۇز» مۇراسىملىرىغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى بۇلۇڭ – پۇچقاقلىرىدىن مىڭلارچە كىشى ئۇنىڭ «مەيلى كىم بولۇشىڭدىن قەتئىي نەزەر يەنە كەل!» دېگەن چارىقىرىغا ئاۋاز قوشۇپ، بەس – بەستە ئىشتىراك قىلماقتا.

مەۋلانا جەلالىددىن رۇمىنىڭ ئىنساننىڭ قەدىر - قىممىتىنى ئالدىنقى پىلانغا چىقىرىدىغان پەلسەپەسى دۇنيايىمىزنى يورۇتۇپ كەلمەكتە. بىز مەۋلانا جەلالىددىن رۇمىنى يەنە بىر قېتىم چوڭقۇر ھۆرمەت ۋە ئاللاھتىن رەھمەت تىلەش بىلەن يەنە بىر قېتىم ئەسلەيمىز.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر