تۈركىيە دۆلەتلىك ئىستىخبارات تەشكىلاتى (MIT)

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (09)

1898653
تۈركىيە دۆلەتلىك ئىستىخبارات تەشكىلاتى (MIT)

تۈركىيە دۆلەتلىك ئىستىخبارات تەشكىلاتى (MIT)

تۈركىيەدۆلەتلىك ئىستىخبارات تەشكىلاتى (MIT)

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (09)

(جان ئاجۇن)

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! «كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ تاشقى سىياسەت تەتقىقاتچىسى جان ئاجۇن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تۈركىيە دۆلەتلىك ئىستىخبارات تەشكىلاتى (MIT)» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

***** ** **** *** *** ****

تۈركىيە دۆلەتلىك ئىستىخبارات تەشكىلاتى (MIT) يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىراق ۋە سۈرىيەدە ئېلىپ بارغان مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەرىكەتلىرى بىلەن نام چىقىرىشقا باشلىدى. دۇنيادا پەقەت بىر قانچە ئىستىخبارات تەشكىلاتىلا ئىگە بولغان ئىنسان ۋە تېخنىكا ئىقتىدارى بىلەن نۇرغۇن رايونلاردا بىرلا ۋاقىتتا مەشغۇلات ئېلىپ بارالايدىغان ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرماقتا. بولۇپمۇ تۈركىيەنىڭ 2015 – ۋە 2016-يىللىرى قۇرغان يېڭى بىخەتەرلىك بەلگىلىمىسى بىلەن دۆلەت بىخەتەرلىكىگە قارىتىلغان تەھدىتلەرنى مەنبەسىدىن يوقىتىش ئىستىرتىگىيەسىنى ئىجرا قىلىشتا ئاچقۇچلۇق ئورگانلىرىنىڭ بىرسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىنى نامايان قىلماقتا.

دەرۋەقە تۈركىيە تولىمۇ مۇرەككەپ جۇغراپىيىلىك رايوندا ئوت چەمبىرى ئىچىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشقا تىرىشىۋاتقان ۋە كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان رايون كۈچىدۇر. ئوتتۇرا شەرقتىن ئافرىقاغىچە، بالقان رايونىدىن ئوتتۇرا ئاسىياغىچە كەڭ قۇرۇقلۇق لېنىيەسىگە ئىگە ۋە بۇ رايونلاردا سۆز ھەققىگە ئىگە بولۇشقا تىرىشىپ، ھەم يۇمشاق كۈچ ئېلېمېنتلىرى، ھەم قاتتىق ھەربىي كۈچى بىلەن تەسىرىنى ئۈنۈملۈك ھالغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىۋاتقان بىر ئاكتىيوردۇر. يېقىنقى يىللاردا، بولۇپمۇ مۇداپىئە سانائىتى ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان سىستېمىلىرى بىلەن دۇنياۋى تەسىر پەيدا قىلىشتا مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن بىر دۆلەتكە ئايلاندى.  بىراق شۇنداقتىمۇ تۈركىيەنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى ئېلىپ كەلگەن زور خىرىسلارغا دۇچ كەلگەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز.

ئەلۋەتتە، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغىنى قوشنا دۆلەتلەردىكى ھاكىمىيەت بوشلۇقى ۋە تېرورلۇقتۇر. گەرچە تۈركىيە ئۇزۇن يىل بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى كۈرەش قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئىراق ۋە سۈرىيەدە كۆرۈلگەن تېررورلۇق دولقۇنى تېررورلۇقنىڭ خاراكتېرىنى ۋە قايتۇرىلىدىغان ئىنكاسىنىمۇ ئۆزگەرتكەن ئەھۋالدا تۇرماقتا. 2016-يىلى 15 - ئىيۇلدىكى سىياسىي ئۆزگىرىش ئۇرۇنىشىدىن كېيىن، تۈركىيە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە قارىتىلغان تېرورلۇق تەھدىتلىرىگە قارشى «تەھدىدلەرنى مەنبەسىدىن يوقىتىش» ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويدى. بۇ يېڭى ئىستراتېگىيە چېگرا ھالقىغان ھەربىي ھەرىكەتلەر دېگەنلىك بولاتتى. فىرات قالقىنى، زەيتۇن شېخى ۋە قەتئىيلىك ھەرىكىتى قاتارلىق ئاساسلىق ھەرىكەتلەر ئېلىپ بېرىلدى. ئەنئەنىۋى ھەربىي ئۇسۇلدىن باشقا يەنە، تۈركىيە دۆلەتلىك ئىستىخبارات تەشكىلاتىغا زور مەبلەغلەرنى سېلىپ، ئىستىخبارات تەشكىلاتىنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تەڭ بىرلا ۋاقىتتا ھەرىكەت ئېلىپ بارالايدىغان قۇرۇلمىغا ئايلاندۇردى.

2012 - يىلى ئارمىيە باش ئىشتاب ئېلېكترونلۇق سىستېمىسى (GES) قوماندانلىق ئورگىنىنىڭ تۈركىيە ئىستىخبارات تەشكىلاتىغا كىرگۈزۈلۈشى ۋە ئىستىخبارات تەشكىلاتى قانۇنىدا ئېلىپ بېرىلغان قانۇنىي تەرتىپ خىزمەتلىرى ئۈنۈملۈك رول ئوينىدى. بۇ ئارقىلىق ئۆزگىرىۋاتقان دۇنيا شارائىتى ۋە بىخەتەرلىك تەھدىتى ئالدىدا ئىستىخبارات تەشكىلاتىنى ئۆزىنىڭ قانۇنىي ئۇل ئەسلىھەلىرى، تېخنىكا، تور ۋە ئىنسان ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش نىشان قىلىندى. تەشكىلات باشلىقى خاقان فىداننىڭ خۇسۇسىي تەسەۋۋۇرى ۋە رەھبەرلىكى بۇ يەردە موھىم ئامىل سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقتى.  بۇنىڭدا ئەلۋەتتە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ سىياسىي ئىرادىسى ۋە قەتئىيلىكى ھەل قىلغۇچ رول ئوينىدى. ئەردوغان قۇدرەتلىك تۈركىيە ئۈچۈن كۈچلۈك بىر ئىستىخبارات مۇلازىمىتىنىڭ زۆرۈرلىكىنى تونىغان شەكىلدە ھەرىكەت قىلدى.

شۇنداق قىلىپ، بارلىق مۇناسىۋەتلىك ساھەلەردە ئىقتىدارى ئاشقان ئىستىخبارات تەشكىلاتى بولۇپمۇ ئىراق ۋە سۈرىيەدە پ ك ك ۋە ئۇنىڭ تارماقلىرىغا قارشى ئىنتايىن مۇھىم ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى. تېررورلۇق تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمى تازىلىنىپ، قوماندانلىق ۋە كونترول قۇرۇلمىسى ئاجىزلاشتۇرۇلدى. تېررورلۇق تەشكىلاتىنى رىغبەت ۋە پىسخىئولوگىيە جەھەتتىنمۇ يىمىرىش نىشان قىلىندى. بۇ دائىرىدە زور ئۇتۇقلار قولغا كەلتۈرۈلدى. 2016 – يىلىدىن ئېتىبارەن ئىراق ۋە سۈرىيەدە 400 دىن ئارتۇق مۇھىم تېررورچىلار تۈركىيە ئىستىخبارات تەشكىلاتى ئەترەتلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن بىتەرەپ قىلىندى.  دىيار غارىپ قاتارلىق پ ك ك/ ك ج ك مەكىزىي ئىجرائىيە كومىتېتى ئەزالىرىدىن تارتىپ، شەنگاللى قاتارلىق سىنجار كاتتىۋاشلىرىغىچە بولغان تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھالقىلىق شەخىسلىرى بىر - بىرلەپ يوقۇتىلدى. بەزى ھەرىكەتلەر تۈركىيە چېگرا لىنىيەسىدىن 275 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقلارغىچە ئېلىپ بېرىلدى. بۇ ھەرىكەتلەردە قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار ئىنتايىن ئۈنۈملۈك ئىشلىتىلدى. تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ نۇرغۇن ئەمەلدارلىرى تىرىك قولغا چۈشۈرۈلۈپ، تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىندى. كۆرۈنۈشلىرى بىلەن بىرگە ھەمبەھىرلەنگەن بەزى ھەرىكەتلەر نەتىجىسىدە، پ ك ك نىڭ ئىچىدە ئېغىر پارچىلىنىشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكى مەلۇم. چۈنكى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىچىدىكى قورقۇنچنى ۋە ۋەھىمىلىك كەيپىياتنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق تەشكىلاتنىڭ پارچىلىنىشى ۋە پىسخىئولوگىيەلىك يىمىرىلىشى تېزلىتىلدى.

ئاخىرىدا تۈركىيە بىر تەرەپتىن مۇنتىزىم ھەربىي ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ھەر ساھەدە ئۆزىنىڭ ئىقتىدارى ۋە قابىلىيىتىنى ئۆستۈرگەن شۇنداقلا يېڭى ئىستراتېگىيەلىك نىشانغا ئىگە بولغان ئىستىخبارات تەشكىلاتى ئارقىلىق نۇرغۇن دۆلەتلەردە تەڭ بىرلا ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتلەر نەتىجىسىدە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت بولغان ئۇنسۇرلار يوقىتىلدى. دۇنيادا پەقەت بىر قانچە دۆلەتنىڭلا ئىستىخبارات تەشكىلاتى ئېرىشەلەيدىغان ئىقتىدارغا ئىگە تۈركىيە دۆلەتلىك ئىستىخبارات تەشكىلاتى (MIT) دۇنيا مىقياسىدا قەد كۆتۈرۈۋاتقان بىر تەشكىلات سۈپىتىدە كۆزگە كۆرۈنمەكتە ۋە تۈركىيەگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم كۆپەيتكۈچ كۈچكە ئايلانغان ۋەزىيەتتە تۇرماقتا.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر