رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ سۈرىيەگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (30)

1809479
رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ سۈرىيەگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى

 

رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ سۈرىيەگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (30)

(مۇرات يېشىلتاش)

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! «كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ خەۋپسىزلىك تەتقىقاتلىرى دىرىكتورى ۋە يازغۇچىسى مۇرات يېشىلتاش تەرىپىدىن تەييارلانغان «رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ سۈرىيەگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى» تېمىلىق ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

***** ***** *******  ** ******

رۇسىيە ئۇكرائىناغا قارىتا ئىشغلىيەتىنى باشلىغاندىن كېيىن، ئۇكرائىنانىڭ مۆلچەردىكىدىنمۇ يۇقىرى قارشىلىق كۆرسىتىشى ۋە بۇنىڭغا چېتىلغان ھالدا رۇسىيە ئارمىيەسى ئۇچرىغان ئېغىر زىيانلار رۇسىيەنىڭ ھەربىي ئىقتىدارىنى مۇنازىرە قىلىنىدىغان يەرگە ئەكىلىپ قويدى.  بۇنىڭدىن باشقا يەنە، رۇسىيەنىڭ ئىشغاللىيەتچىلىكىگە قارشى غەرب دۇنياسىنىڭ ئېمبارگولىرىنىڭ بارغانسىرى ئېغىرلىشىپ كېتىشى روسىيەنىڭ ھەرىكەت دائىرىسىنى  ئىنتايىن چەكلىك سەۋىيەگە چۈشۈرۈپ قويدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە غەربنىڭ رۇسىيەنى چەكلەشتىكى ئېمبارگولىرى ئۇكرائىناغا قاراتقان ھەربىي ياردەمدىن ھالقىپ كېتەمدۇ-يوق؟ دېگەن ئانالىزلار قىلىنىشقا باشلىدى.

بولۇپمۇ ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرى رۇسىيە بىلەن بولغان جىددىيچىلىكنى مەلۇم سەۋىيەدە ساقلاشقا تىرىشىۋاتقاندەك كۆرۈنسىمۇ، رۇسىيەگە قارشى كۈرەشنىڭ باشقا ساھەلەرگە تەسىرى بولىدىغانلىقى ئانالىز قىلىنماقتا. سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشىنى ۋە رۇسىيەنى تەنقىد قىلىپ، غەرب دۆلەتلىرىنى سۈرىيەدە ھەرىكەت قىلىشقا ئۇندىمەكتە. ئەمما غەربلىكلەرنىڭ سۈرىيىگە تېخىچە ھەقىقىي توغرا پوزىتسىيەدە بولۇپ باقمىغانلىقى مەلۇم.  بۇ نۇقتىدىن ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشىنىڭ سۈرىيەدىكى ئۇرۇش مەيدانىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئانالىز قىلىش كېرەك.

ئۇرۇشنىڭ ھەربىي تەسىرى نۇقتىسىدىن، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇكرائىناغا قارشى ئېغىر ئاجىزلىققا دۇچ كەلگەنلىكى كۆرۈلمەكتە. ئۇكرائىنانىڭ بىلدۈرۈشىچە، تەخمىنەن 18 مىڭ رۇسىيە ئەسكىرى ئۇجۇقتۇرۇلدى. روسىيە تاراتقۇلىرىدا ئورۇن ئالغان ۋە كېيىن ئۆچۈرىۋىتىلگەن خەۋەرلەردە 9861 رۇسىيە ئەسكىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ۋە 16153 رۇسىيە ئەسكىرىنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى. ئامېرىكانىڭ ئىراق ۋە ئافغانىستاننى ئىشغال قىلغان يىللىرىغا سېلىشتۇرغاندا بۇ سان خېلىلا يۇقىرى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، رۇسىيەنىڭ ئايروپىلانلىرىدىن ئاپتوموبىللىرىغىچە بولغان مىڭلىغان ھەربىي ئەسلىھەلىرىنىڭ پاچاقلاپ تاشلانغانلىقى كۆرۈلمەكتە. بۇمۇ رۇسىيەنىڭ مۇداپىئە سانائىتى ئېكسپورتىغا سەلەبىي تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، سۈرىيەدىمۇ ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قىلىۋاتقان ھەربىي ياردەملىرىنىڭ ئاستىن ئۈستۈن بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.  

ئۇنىڭ ئۈستىگە، بايراقتار ت ب 2  ئۇچقۇچۇسىز ئايروپىلانلىرى قاتارلىق تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتى مەھسۇلاتلىرىنىڭ جەڭ مەيدانلىرىدىكى يۈكسەك نەتىجىلىرى تۈركىيەنى سۈرىيەدىكى چەڭ مەيدانىدا تېخىمۇ كۈچەيتمەكتە. چۈنكى  2020-يىلى ئېلىپ بېرىلغان «باھار قالقانى» ھەرىكىتىدىمۇ تۈركىيە بىر ھەپتە ئىچىدە ئەسەد ھاكىمىيىتى قىسىملىرىغا ئېغىر زەربىلەرنى بەرگەن ئىدى. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، تۈركىيەنىڭ TB-2 Bayraktars، شۇنداقلا TB-3 ، ۋە  AKINCI A ، ھەمدە ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىدىن Hisar A + ۋە Hisar O + s قاتارلىق ئەسلىھەلىرىنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ قورال تۈرىگە كىرىدىغانلىقى تۈركىيەنى ئەمەلىي ئۇرۇشلاردا ئالدىنقى ئورۇنغا چىقىرىشى مۇمكىن.

رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدىكى مەۋجۇت ۋاگنېر ياللانما ئەسكەر قىسىملىرىنى سۈرىيەدىن ئۇكرائىنا زېمىنىغا يۆتكەيدىغانلىقىغا دائىر سۆزلەر جەزملەشتۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما بەششار ئەسەدنى قوللايدىغان قوراللىق ئۇنسۇرلارنى ئۇكرائىناغا يۆتكىگەنلىكى ئىسپاتلانغىنى يوق. بەششار ئەسەد قوراللىقلىرىنىڭ رۇسىيە تەرىپىدىن ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا قاتناشتۇرىلىشى يالغۇز رۇسىيە ئۈچۈنلا ئەمەس، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئۈچۈنمۇ ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. غەرب دۇنياسى بەششار ئەسەد بىلەن بولغان ھەربىي كۈرەشنى بىر چەتكە قايرىپ قويسىمۇ، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە مەۋجۇتلۇقى غەرب دۇنياسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت بولىدىغان جەريان تەتۈرگە ئايلىنىشى مۇمكىن.

نەتىجىدە، ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ سۈرىيەگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىگە ئاساسەن ، پىسخىكا جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكنىڭ تۈركىيەگە ئۆتكەنلىكىنى ئېيتىشقا بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، تۈركىيەنىڭ ئەنئەنىۋى ھەربىي تېخنىكىدا تەرەققىي قىلغانلىقىنى ۋە جۇغراپىيىلىك ئەۋزەللىكىنىڭ تېخىمۇ پايدىلىق ھالغا كەلگەنلىكىنى تىلغا ئېلىشقا بولىدۇ. بۇ بارلىق ئامىللارنى بىر يەرگە جۇغلىغاندا، تۈركىيەنىڭ قولىدىكى رۇسىيەگە قارشى سودىلىشىش كوزىنىڭ ئاشقانلىقىنى ئېيتىشقا بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر