قاراخان تۆپىلىكى ۋە تاشتەپەلەر خارابىلىكى

نەسىلخان دەگىرمەنچىئوغلۇ تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئانادولۇنىڭ تۇنجىلىرى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا، قاراخان تۆپىلىكى ۋە تاشتەپەلەر ھەققىدىكى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

1797413
قاراخان تۆپىلىكى ۋە تاشتەپەلەر خارابىلىكى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئىنساننىڭ يەر يۈزىگە ئاپىرىدە بولۇشى بىلەن بىرلىكتە كۈلتۈرلەر، مەدەنىيەتلەر شەكىللىنىشكە يۈزلەندى. بىزنىڭ مەدەنىيەت تارىخىمىز ئوتنى بايقاش، ئاددىي قوراللارنى ياساش ۋە ئۆڭكۈر تاملىرىغا رەسىم سىزىش بىلەن باشلاندى. بىزنىڭ بۇ يولدىكى ئىلگىرىلىشىمىز تېرىقچىلىقنى ئۆگىنىش، چاقنىڭ ئىجاد قىلىنىشى ۋە يېزىقنىڭ كەشىپ قىلىنىشىغا ئەگىشىپ سۈرئەت بىلەن داۋاملاشتى. مەدەنىيىتىمىز تارىختىن بۇرۇنقى دەۋرلەردىن باشلاپ زەنجىرسىمان ھالەتتە  تەرەققىي قىلدى. بىر مەدەنىيەت يەنە بىر مەدەنىيەتنىڭ داۋامى سۈپىتىدە نامايان بولسا، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئۆزئارا تەسىرنى بايقاش ئاسان. مەسىلەن، بىزنىڭ مەدەنىيەت تارىخىمىز كۆرۈنمەيدىغان رىشتىلەر بىلەن باغلانغان بولۇپ، ئۇ كۆرۈنمەس رىشتىنى چۈشىنىش ئۈچۈن، خۇددى ئىنسانىيەتنىڭ نۆل نۇقتىسى دەپ قارىلىۋاتقان گۆبەكلى تۆپىلىكى (گۆبەكلىتەپە)نىڭ ئاشكارىلىنىشىغا ئوخشاش چوقۇم ھەممىگە مەلۇم قاراشلارنى ئاستىن – ئۈستۈن قىلىۋېتىدىغان بىرەر ھادىسە يۈز بېرىشى كېرەك. مىسلى كۆرۈلمىگەن قۇرۇلمىلىرى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان 12 مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە گۆبەكلى تۆپىلىكى، ئىنسانىيەت تارىخى ھەققىدە بىلىدىغانلىرىمىزنى قايتا سۈزگۈچتىن ئۆتكۈزۈشكە قىستىدى. گۆبەكلى تۆپىلىكىنىڭ سىرى تېخى يېشىلمەي تۇرۇپ، ئانادولۇ زېمىنلىرىدا قاراخان تۆپىلىكى (قاراخانتەپە) دىن ئىبارەت يېڭى بىر ئابىدە يورۇقلۇققا چىقتى.

* * * * *

قاراخان تۆپىلىكى شانلىئۇرفادىكى گۆبەكلى تۆپىلىكىدىن بىر سائەتلىك يىراقلىققا جايلاشقان بولۇپ، ئانادولۇنىڭ سىرلارغا تولغان ئۆتمۈشىنى، مەدەنىيەت خەزىنىلىرىنى نامايان قىلىپ، گۆبەكلى تۆپىلىكىنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. قاراخان تۆپىلىكىنىڭ بايقىلىشى ئالىملارنى ئىنتايىن ھاياجانلاندۇرىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر، بۇ يېڭى قېزىشلار نەتىجىسىدە گۆبەكلى تۆپىلىكىنى چۈشەنگىلى، ئۆتمۈشنى ئايدىڭلاتقىلى بولۇش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. گۆبەكلى تۆپىلىكىگە ئوخشاش قاراخان تۆپىلىكىدىنمۇ تۈۋرۈكلەر ۋە تىك تاشلار تېپىلدى. بايقالغان تىكلىمە تاشلارنىڭ سانى 250 دىن ئارتۇق بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىدە گۆبەكلى تۆپىلىكىگە ئوخشاش تۈلكە ۋە يىلان  قاپارتمىلىرى بار. قېزىش جەريانىدا دىيامېتىرى تەخمىنەن 23 مېتىر كېلىدىغان بىر قۇرۇلما بايقالدى. قۇرۇلمىنىڭ ئەتراپىدا چەمبەر شەكلىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان 12 دانە تىكلىمە تاش، مەركىزىدە بولسا، باشقا تاشلاردىن ئېگىزراق ئىككى تىكلىمە تاش بارلىقى، پەلەمپەيلەر ئارقىلىق چۈشكىلى بولىدىغان قۇرۇلمىدا ئاساسىي گەۋدە تېشىغا بىر ئەر بېشىنىڭ ئويۇلغانلىقى بايقالدى.

 قاراخان تۆپىلىكىنىڭ تارىخى گۆبەكلى تۆپىلىكىدىن 200 - 300 يىل كېيىنكى چاغلارغا توغرا كېلىدۇ. ئۇنى گۆبەكلى تۆپىلىكىدىن پەرقلەندۈرۇپ تۇرىدىغان ئەڭ مۇھىم ئېلېمېنت، بۇ يەردىكى ئىنسان موتىفلىرىنىڭ كۆپلۈكىدۇر. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئەجدادلىرىمىز دەسلىپىدە ئۆزلىرىنى ھايۋانلار بىلەن بىر كۆرگەن، ئەمما بۇ ئەھۋال كېيىنكى 300 يىل ئىچىدە ئۆزگەرگەن. قاراخان تۆپىلىكىدىكى ئىنسانلار تەسۋىرلىرى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ھايۋانلاردىن ئايرىلىشقا ۋە ئۆزلىرىنى كائىناتنىڭ مەركىزىگە قويۇشقا باشلىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى دەپ ئىزاھلىنىدۇ. يىلپىز يۈدۈۋالغان ئىنسان ھەيكىلى، چوڭ تاشقا ئويۇلغان ئىنسان بېشى ۋە باشقىلار قاراخان تۆپىلىكىدە روياپقا چىققان ئىنساننىڭ ئۆزگىرىشىنى كۆرسىتىپ بېرىش نۇقتىسىدىن ئىنتايىن مۇھىم.

* * * * *

تەكشۈرۈشلەر ۋە گېئو ماگنىتلىق ئۆلچەشلەر نەتىجىسىدە قاراخان تۆپىلىكىنىڭ ئوخشىمىغان تۆت قىسىمدىن تەركىب تاپقانلىقى، بۇ يەرنىڭمۇ خۇددى گۆبەكلى تۆپىلىكىگە ئوخشاشلا، ئۈستى تۇپراق بىلەن كۆمۈۋېتىلگەندىن كېيىن تاشلىۋېتىلگەنلىكى ئېنىقلاندى. بۇ قۇرۇلۇشلارنىڭ پاكىز تۇپراق بىلەن تولدۇرۇلغانلىقىنى ۋە ئۈستۈنكى قەۋەتنىڭ چوڭ تەكشى تاشلار بىلەن قاپلانغانلىقىنى بايقىغان ئارخېئولوگلار، بۇ مەقسەتلىك كۆمۈۋېتىش جەريانىنىڭ بىر مۇراسىم بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. ئەجدادلىرىمىزنىڭ زور كۈچ بىلەن تاشلارغا ئويۇلغان، ئېگىزلىكى 5 مېتىردىن ئاشىدىغان بۇ قۇرۇلۇشلارنى نېمە ئۈچۈن ياسىغانلىقى، تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇلارنى نېمىشقا ئىنتايىن ئەستايىدىللىق بىلەن كۆمۈۋەتكەنلىكى توغرىسىدا ھازىرچە ئېنىق ئۇچۇر يوق. بىراق، بۇ ئەھۋال كىشىنىڭ ئەقلىنى توختاۋسىز غىدىقلايدۇ.

قاراخان تۆپىلىكىگە 6 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدىن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قۇرۇلمىلارنىڭ تېپىلىشى قاراخان تۆپىلىكىنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى دەلىللىدى. خاربەتسۇۋان تۆپىلىكى (خاربەتسۇۋان تەپە)دىمۇ 30 ئەتراپىدا تىكلەنمە تاش بايقالدى. ئارخېئولوگلار، يېڭى تاش قوراللار دەۋرىدە كىشىلەرنىڭ مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن قاراخان تۆپىلىكىدىن ئايرىلىپ، خاربەتسۇۋان تۆپىلىكىنى قۇرغانلىقى ياكى بۇ يەرنىڭ قاراخان تۆپىلىكىنىڭ كىچىك بىر ئولتۇراق رايونى ئىكەنلىكى قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. خاربەتسۇۋاننىڭمۇ تەرك ئېتىلىشتىن بۇرۇن پىلانلىق ھالدا قاراخان تۆپىلىكى ۋە گۆبەكلى تۆپىلىكىگە ئوخشاشلا كۆمۈۋېتىلىشى «نېمىشقا؟» دېگەن سوئالنى يەنە بىر قېتىم ئەسلىتىدۇ.

* * * * *

گۆبەكلى تۆپىلىكى، قاراخان تۆپىلىكى ۋە خاربەتسۇۋاندىن كېيىن، شانلىئۇرفادا يەنە بىر تۆپىلىك بايقالدى. خارران تۈزلەڭلىكىدىكى ناھايىتى كەڭ رايونغا تارقالغان بۇ تۆپىلىكلەر، تىكلىمە تاشلىرى بىلەن ئالاھىدە گەۋدىلىنىدىغان بولغاچقا، بۇ رايوننىڭ «تاش تۆپىلىك» دەپ ئاتىلىشى مۇۋاپىق دەپ قارىلىدۇ. دۇنيادىكى تۇنجى ئولتۇراق رايون ۋە دۇنيادىكى تۇنجى ئىجتىمائىي جەمئىيەت ئۈلگىسىگە ساھىبخانلىق قىلىۋاتقان تاش تۆپىلىكلەرنىڭ يەتتىسىدە قېزىش خىزمىتى باشلاندى. شانلىئۇرفادا دىققەت قەيەرگىلا مەركەزلەشسە، ئۇ يەردىن تارىخنىڭ نامەلۇم دەۋرىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان بايقاشلار ئوتتۇرىغا چىقماقتا. شۇڭلاشقا، ئۇ يەردە تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئارخېئولوگىيە تۈرىنى باشلاش قارار قىلىندى. «شانلىئۇرفا يېڭى تاش قوراللار دەۋرى تەتقىقاتى تۈرى» سايىسىدا ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ نامەلۇملىرى ئاشكارىلىنىدۇ دەپ قارالماقتا. ھازىردىن باشلاپلا نۇرغۇن دۆلەتتىن كەلگەن تەتقىقاتچىلار بۇ تۈرگە قاتناشماقتا.

* * * * *

ئىنسانىيەتنىڭ نەچچە يۈز مىڭ يىللىق تەرەققىيات تارىخدىكى بەزى دەقىقە ۋە ھادىسىلەر مەدەنىيەتنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىدۇ. بۇ يۆنىلىشلەر ئالىملار تەرىپىدىن «مەدەنىيەتنىڭ بۆسۈش نۇقتىلىرى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئوۋچىلىق ھاياتىدىن مۇقىم تۇرمۇش ۋە دېھقانچىلىق - چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغان تۇرمۇش ئۇسۇلىغا قەدەم قويۇش يېڭى تاش قوراللار دەۋرىدە روياپقا چىقىدۇ. بۇ دەۋر ئۇنىڭدىن كېيىنكى بارلىق مەدەنىيەتلەرنىڭ ۋە بۈگۈنكى مەدەنىيەتنىڭ ئاساسى بولغان نۇرغۇن تەرەققىياتلارنىڭ قوزغاتقۇچى ئامىلى بولىدۇ. شۇڭا مۇتەخەسسىسلەر،  يېڭى تاش قوراللار دەۋرىگە بۆسۈش نۇقتىسى دەپ ئېنىقلىما بېرىدۇ. تۇنجى قېتىم ئانادولۇ زېمىنلىرىدا — دەسلەپتە نەۋالى چورىدا، ئارقىدىن گۆبەكلى تۆپىلىكىدە ئۆتمۈشىمىزگە دائىر بىلىنگەن ھەممە نەرسە ئۇنتۇلىدۇ، ئويۇن بۇزۇلىدۇ.

بۇنىڭدىن 12 مىڭ يىل ئىلگىرىكى ئەجدادلىرىمىز ئېگىزلىكى 5 مېتىردىن ئاشىدىغان نۇرغۇن تىكلىمە تاشلارنى ياساپ، ئۇلارنى چەمبەر شەكلىدە مەلۇم تەرتىپكە ئاساسەن تىزدى، تاشلارنى ھايۋان ۋە ئىنسان موتىفلىرى بىلەن بېزىدى. مەزكۇر ئابىدىۋى قۇرۇلۇشلاردا سىرى تا بۈگۈنگىچە يېشىلمىگەن بىر قىسىم مۇراسىملارنى ئۆتكۈزدى. شۇنچىلىك چوڭ ۋە ئېغىر تاشلارنىڭ مۇكەممەل شەكىلدە بىر يەرگە جەملىنىشى، ئۇلارنىڭ ئىنژېنېرلىق بىلىمىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا بىز ئويلىغاندەك ئۇنچىۋالا ئىپتىدائىي كىشىلەر ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئەمما بىز گويا ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن قەستەن ئۇنى تۇپراق بىلەن تولدۇرۇپ، ئۈستىنى يېپىۋەتكەنلكىنى بىلمىگىنىمىزدەكلا، تاھازىرغىچە ئۇلارنىڭ نېمە مەقسەتتە ۋە قانداق ياسالغانلىقىنىمۇ بىلمەيمىز. … گۆبەكلى تۆپىلىكى، قاراخان تۆپىلىكى، خاربەتسۇۋان... قىسقىسى، تاش تۆپىلىكلەرنىڭ ھەممىسى كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ، تىكلىمە تاشلار گويا سىرلىرىنى ئېيتىپ بېرىدىغاندەكلا بىزنى ئۆتمۈشكە، نەچچە مىڭ يىل ئىلگىرىكى ھاياتقا شاھىت بولۇشقا چاقىرىدۇ.

تاش تۆپىلىكلەردىكى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشلەر جەريانىدا قېزىۋېلىنغان ئاسارە – ئەتىقىلەر بىزنى يېڭى تاش قوراللار دەۋرىگە ئائىت ئىنتايىن قىممەتلىك سانلىق مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلەيدۇ. قېزىش – تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ داۋاملىشىشىغا ئەگىشىپ، بەلكىم يېشىلمىگەن سىرلار يېشىلىشى،  بەلكىم ئۇلارغا يېڭى سىرلار قوشۇلۇشى، بۇ سايىدا ئانادولۇنىڭ سىرلارغا تولغان قەدىم ئۆتمۈشىنى، ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ قاراڭغۇ دەۋرىنى ئالدىمىزغا تاشلىشىمۇ مۇمكىن.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر