تىپىك تۈرك ناشتىلىقىدا كەم بولسا بولمايدىغان نەرسىلەر

يېڭى شەيئىلەر گۈزەل بولىدۇ - 29

1796602
تىپىك تۈرك ناشتىلىقىدا كەم بولسا بولمايدىغان نەرسىلەر

تىپىك تۈرك ناشتىلىقىدا كەم بولسا بولمايدىغان نەرسىلەر

يېڭى شەيئىلەر گۈزەل بولىدۇ - 29

غامزە دەمەچ

***********

ھۆرمەتلىك تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشىنىڭ قەلب دوستلىرى! قىشنىڭ بۇ گۈزەل كۈنىدە پايتەخت ئەنقەرەدىن ھەممىڭلارغا سالام. ھايات گۈزەلدۇر، ھەمدە يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگىنىشمۇ شۇنداق… پروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلىمىدە تىپىك تۈرك ناشتىلىقىدا كەم بولسا بولمايدىغان نەرسىلەرنى تونۇشتۇرىمىز.

تۈرك ناشتىلىقى دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدە كۈننى باشلاشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى. تۈرك ناشتىلىقى كۆپ خىل، ھەم مول بولۇپ، ھەممە ئادەم ئۆزى خالىغاننى ئۇچرىتالايدۇ، شۇڭا ھەر بىر ئېغىزنى تەملەندۇرەلەيدۇ.

تۈرك ناشتىلىقىدا كەم بولسا بولمايدىغان نەرسىلەر

تۈرك ناشتىلىقى دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدە بۇ كۈننى باشلاشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى. تۈرك ناشتىلىقى سىزگە لازىملىق بارلىق ئنېرگىيەنى بېرىدۇ ھەمدە بۇنى ساغلام ئۇسۇلدا قىلىدۇ. تۈرك ناشتىلىقىدىكى يېمېكلىكلەر كۆپ خىل بولغاچقا ھەممە ئادەم ئۆزى خالىغان نەرسىنى تاپالايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، تۈرك ناشتىلىقى گۆشسىز ۋە گۆشلۈقمۇ بولىدۇ. گۆش سۆيەرلەرگە نۇرغۇن تەملەرنى سۇنالايدۇ. قىسقىسى، ھەر قانداق ئېغىزنى خۇشال قىلالايدۇ. قېنى ئەمىسە تىپىك بىر تۈرك ناشتىلىقىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىغا يېقىندىن قاراپ باقايلى!

تۈركىيەدە رايون مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىنى ئېسىڭىزدىن چىقارماڭ. بىراق بىز ھازىر سۆزلەيدىغان تەملەر تۈركىيەنىڭ ھەممە يېرىدە دېگۈدەك ناشتىدا چوقۇم بولىدۇ. يەرلىك مەھسۇلاتلار بولسا بۇ تەملەرگە قوشۇلۇپ ناشتىلىقنى تېخىمۇ ئۇنتۇلغۇسىز ھالغا كەلتۈرىدۇ.

تۈرك چاي كۈلتۈرى

تۈركىيەدىكى ھەربىر كېڭەيتىلمە ناشتىلىق چاي، ھەر خىل ئىستاكان ۋە تەخسىلەر بىلەن بېزىلىدۇ. چاي گەرچە تۈرك تۇرمۇشىغا كېچىكىپ كىرگەن بولسىمۇ، 5000 يىللىق تارىخى بار ۋە ھازىر ئۇ تۈرك كۈلتۈرىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان بىر قىسمىغا ئايلاندى. بۇ مۇۋەپپەقىيەتتە تۈرك ئۇسلۇبىدا دەملەش ۋە سۇنۇس تېخنىكىسىنىڭ مۇھىم ھەسسىسى بار. چاي كۈننىڭ ھەممە سائىتىدە ئىستېمال قىلىنىدۇ، ناشتىدا كەم بولسا بولمايدىغان بىردىن بىز ئامىل بىر ئىستاكان تۈرك چېيىدۇر. قارا دېڭىز رايونىدىن يىغىلىدىغان چاي يوپۇرمىقىدا دەملەنگەن چاينى ئىچىشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ.

پەمىدۇر ۋە تەرخەمەك

ھەر بىر تۈرك ناشتىلىقىدا پەمىدۇر ۋە تەرخەمەك كەم بولسا بولمايدۇ، كۆپۈنچە يېشىلمۇچ قوشۇلىدۇ، بولۇپمۇ نورمال تەرخەمەكلەردىن كىچىك بولىدىغان چەنگەلكۆي تەرخەمەكلىرىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. پەمىدۇر ۋە تەرخەمەكنىڭ تەمىنى تېخىمۇ ياخشى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئۈچۈن ھەمىشە زەيتۇن يېغى ۋە بىر چىمدىم تۇز ئېلاۋە قىلىنىدۇ.

پىشلاق

ئاق پىشلاق ھەر قانداق تۈرك ناشتىلىقىدا چوقۇم كەم بولسا بولمايدۇ. ئەمما تىپىك بىر تۈرك ناشتىلىقىدا ئونلارچە تۈرلۈك پىشلاق بولىدۇ. ئانادولۇدا پىشلاقنىڭ تۈرلىرى چەكسىز  دېسەكمۇ بولىدۇ. قارس كاشار پىشلىقى، كارس گراۋيەرى پىشلىقى، ۋان ئۆسۈملۈك پىشلىقى، تۇزى ئاز ۋە مېيى ئاز پىشلاق،  سۇيۇق پىشلاق قاتارلىقلار... تۇلۇم پىشلىقى (ئۆچكە تېرىسىدە ساقلانغان پىشلاق) تۈركىيەنىڭ ھەممە يېرىدە داڭلىق. تۇلۇم پىشلىقى بىلەن ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن ياڭاق بىلەن يېڭى پىشقان نان كەم بولسا بولمايدۇ. چۆكەلەك پىشلىقى (قېتىقتىن ياسالغان قېتىقسىمان پىشلاق) خېمىر ئىشلىرى ئۈچۈن ناھايىتى ماس كېلىدۇ، دائىم تەم قوشۇش ئۈچۈن دورا دەرمەك ئېلاۋە قىلىنىدۇ. ئەگەر ئاددىي مۇلازىمەت قىلىنماقچى بولسا، ئومۇمەن زەيتۇن يېغى ۋە سىيادان بىلەن قوشۇپ سۇنۇلىدۇ. مارمارا رايونىدىن مىخالىچ پىشلىقى بولسا، تۇزلۇق ۋە كەسكىن تەمى بىلەن مەززىلىك كاۋاپداندا پىشۇرۇلغان پىشلاقلىق ساندىۋىچلەر ئۈچۈن ئەڭ ياخشى تاللاشتۇر.

زەيتۇن

ئادەتتە ھەم قارا، ھەم يېشىل تۈرلىرى دوسقانغا قويىلىدۇ. تۈرك زەيتۇنلىرىنىڭ ئىلگىرى ھېچ تېتىپ باقمىغان دەرىجىدە ياخشى ۋە مەززىلىك بولىدىغانلىقىغا تەييارلىقىڭىز بولسۇن!

تۇخۇم

ھەر قانداق تۈرك ناشتىلىقىدا مەلۇم شەكىلدە پىشۇرۇلغان  تۇخۇم ئۇچرىتىسىز. لېكىن پېشۇرۇش ئۇسۇلى ئوخشىماسلىقى مۇمكىن. ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغانلىرى تۇخۇم، پەمىدۇر، يېشىلمۇچ ۋە دورا دەرمەك بىلەن پېشۇرۇلغان ھەمدە ئۈستىگە تۇز ۋە قارامۇچ سېپىلگەن ئەنئەنىۋى تاۋا توخۇم قورۇمىسى بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭغا پىشلاقنىمۇ قوشقىلى بولىدۇ.  قانداق خالىسىڭىز شۇنداق يەڭ، تەملىك ۋە مەززىلىكتۇر. ئەگەر بۇ سىزنىڭ ياقتۇرۇشىڭىزغا ماس كەلمىسە، قاينىتىلغان تۇخۇم، قورۇلغان توخۇم ۋە سۇجۇق بىلەن پېشۇرۇلغان تۇخۇملارنىمۇ تۈرك ناشتىلىقىدا كۆپ ئۇچرىتالايسىز.

نان

نان تۈرك ناشتىلىقىنىڭ يەنە بىر مۇھىم پارچىسىدۇر. سىرتى چۈرۈك، ئىچى يۇمشاق نورمال ئۆلچەملىك ئاق نان تونۇردا پىشۇرۇلىدۇ ۋە ھەر دائىم ئىسسىق، يېڭى بولىدۇ. تۈرك ناشتىلىقىنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك كۈنجۈتلۈك نان بولىدۇ. ناشتىلىق دوسقىنى بۇلاردىن باشقا يەنە، پىشلاقتىن زەيتۇنگىچە، بەرەڭگەدىن قىيمىلىق گۆشكىچە بولغان نۇرغۇن نەرسىلەر  بىلەن تولدۇرۇلغان بولىدۇ. ئاچما ۋە پوغچا نانلارمۇ ناشتىلىقتا سۇنىلىدۇ. يېڭى نان شۈبھىسىزكى ناشتىلىق قورۇمىسى ۋە يېڭى كۆكتاتلارنى تېخىمۇ مەززىلىك ھالغا كەلتۈرىدۇ.

ھەسەل-قايماق

ھەسەل-قايماق كۆپىنچە ناشتىلىقتا ئەڭ كۆرۈنەرلىك ۋە ياخشى كۆرىلىدىغان مەھسۇلات. سۈت پۇرايدىغان تەبىئىي قايماق بىلەن رايوننىڭ ئۆسۈملۈكلىرىگە ئاساسەن تەمى ئوخشىمايدىغان تەبىئىي ھەسەل بىر يەرگە كەلگەندە، ئۆزگىچە بىر لەززەت بارلىققا كېلىدۇ. تەبىئىي قايماق بىلەن مەيلى سۈزمە ھەسەل ياكى كۆنۈكلۈك ھەسەل بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، تۈرك ناشتىلىقىنى ئەڭ ياخشى ئۇسۇلدا ھازىرلاشتا ھەسەل-قايماق كەم بولسا بولمايدىغان ئامىلدۇر.

سېرىق ماي

سېرىق ماي تۈركىيەدە سۈت قايمىقى ۋە قېتىقتىن ئىبارەت ئىككى خىل ماتېرىيالدىن ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. يېڭى ياكى سۈزۈلگەن قېتىقتىن ياسالغان سېرىق ماي «تەرەيېغى» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ مەززىلىك مەھسۇلات تۈركىيەدە ئەسىرلەردىن بۇيان ئەنئەنىۋىي شەكىلدە ئىشلەپچىقىرىلىپ كەلمەكتە.

ئاجۇكا قىيامى

ھەر قايسى رايونلاردا ئوخشاشمايدىغان ئاجۇكا قىيامى ئاساسەن پەمىدۇر ۋە ياكى قىزىلمۇچ قىيامى، ياڭاق ۋە دورا دەرمەكلەر بىلەن ھازىرلىنىدىغان بىر ئەزمە بولۇپ،  تۈرك ناشتىلىقىنىڭ مۇھىم بىر پارچىسىدۇر.

 مۇراببا ۋە قىياملار

تۈرك تاماق تۈرلىرى مۇراببا كۈلتۈرىگە پەۋقۇائاددە باي ۋە كۆپىنچە رايونلارنىڭ ئۆزىگە خاس مۇراببا تۈرلىرى بولىدۇ. تۈركىيەنىڭ مەيلى قەيىرىدە بولۇشىڭىزدىن قەتئىي نەزەر، نەچچە ئون تۈرلۈك يەرلىك مۇراببا تۈرىنى ئۇچرىتىسىز. ھەممىسى% 100 تەبىئىي ۋە مەززىلىك بولىدۇ.  نۇرغۇن رايونلاردا مۇراببا ياسالىدىغان مېۋىلەر ئىنتايىن تاتلىق بولۇپ، بۇ مېۋىلەر بىلەن مۇراببا تەييارلىغاندا شېكەر قوشۇشنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ.

تۈرك تاماق تۈرلىرى ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى دەۋرىدىن تاكى بۈگۈنگە قەدەر مۇراببا كۈلتۈرىگە پەۋقۇلئاددە باي بولۇپ، مۇراببا ئوسمانلى دەۋرىدە ئالىي ۋە كەم بولسا بولمايدىغان يېمەكلىك ئىدى. ئاشخانىنىڭ بىر قىسمى مۇراببا ياساش ئۈچۈنلا ئاجرىتىلاتتى، ئۇ يەردە ئاشپەزلەر پۈتۈن كۈن بويى مۇراببا ياسايتتى. مۇراببا ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئوسمانلى تائاملىرىدا شىپالىق يېمەكلىك دەپمۇ قوبۇل قىلىناتتى.

شېكەر تۇنجى قېتىم ئوسمانلى دەۋرىدە دورىگەرلەر تەرىپىدىن ئىشلىتىلگەن. ئۇ دەۋرلەردە مېۋىلىك دەرەخ چېچەكلىرىنىڭ سالامەتلىككە بولغان پايدىسى ئوسمانلى دوختۇرلىرى تەرىپىدىن بايقالغان ئىدى. ئوسمانلى تائاملىرىدا قوغۇن، تاۋۇز،  يېشىل لىمون، بادام، ئورمان ياڭىقى، گۈل، چېچەك قاتارلىق نۇرغۇن ئۆسۈملۈكلەردىن مۇراببا ئىشلەپچىقىرىلاتتى. مۇراببالار ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان مەھسۇلاتلارنى  ئالاھىدە يېتىشتۈرۈش باغچىلىرى قۇرۇلغان ئىدى. «مۇراببالار پادىشاھى» دەپ تونۇلغان گۈل مۇرابباسى ئۈچۈن ئەدىرنە ئوردىسى باغچىسىدا ئالاھىدە گۈللەر ئۆستۈرۈلەتتى. مۇراببانىڭ سۇنۇلىشى ئىنتايىن مۇھىم ئىدى. مەخسۇس مۇراببا قاچىلىرى بار ئىدى ۋە تۈرك قەھۋەسىنى بېرىشتىن بۇرۇن مېھمانلارغا مۇراببالار سۇنۇلاتتى. ئوردىدا كاتتا كەچلىك زىياپەتتىن كېيىنمۇ مۇراببا سۇنۇلاتتى. بۇنداق زىياپەتلەردە، ياۋروپادىن ئىمپورت قىلىنغان نەپىس ۋە چاقناپ تۇرىدىغان مۇراببا قاچىلىرى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتاتتى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر