ئۇكرائىنا ئۇرۇشى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (26)

1785430
ئۇكرائىنا ئۇرۇشى

ئۇكرائىنا ئۇرۇشى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (26)

(مۇرات يېشىلتاش)

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! «كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ خەۋپسىزلىك تەتقىقاتلىرى دىرىكتورى ۋە يازغۇچىسى مۇرات يېشىلتاش تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئۇكرائىنا ئۇرۇشى» تېمىلىق ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

***** ***** *******  ** ******

پۇتىننىڭ كۈتۈلگىنىدەك ئۇكرائىنا كرىزىسىنى دىپلوماتىك مۇزاكىرە ئارقىلىق ھەل قىلىشنىڭ ئورنىغا دونباس رايونىدىكى ئاتالمىش ​​لۇخەنسك ۋە دونېتسىك جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ مۇستەقىللىق تەلىپىنى قوبۇل قىلىپ، رۇسىيە تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىنى رايونغا ئەۋەتىش ئارقىلىق كىرىزىسنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تاللىدى. ئارقىدىنلا ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىشقا باشلىدى. شۇنداق قىلىپ، 2014-يىلدىن بۇيان ھەل قىلىش چارىسى ئۈچۈن سۆھبەتنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلغان مىنسىك كېلىشىمنامىسىمۇ ئەمەلىي نۇقتىدىن كۈچىنى يوقاتقان بولدى. پۇتىن بۇنىڭلىق بىلەنلا قالماي، يېڭى شەرتلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. قىرىمنىڭ رۇسىيەگە قوشۇۋېلىنىشىنى ئېتىراپ قىلىش، ئۇكرائىنانىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولىشىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، ئۇكرائىنانى رەت قىلىش ۋە ئاخىرىدا ئۇكرائىنانى قورالسىزلاشتۇرۇش.

كرىزىس يېتىپ كەلگەن ھازىرقى باسقۇچتا گەرچە دونباس رايونى ئاساسلىق قىزىق نۇقتا سۈپىتىدە كۆزگە كۆرۈنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما كرىزىس ھەل قىلىنىدىغان تۈگۈن نۇقتىسى دونباس بولمايدۇ. ھېچ بولمىغاندا پۇتىن ھازىر كرىزىسنى كۈچەيتىش ئۈستۈنلۈكىنىڭ ئالقىنىدا ئىكەنلىكىنى ئويلاشماقتا ۋە ھەر بىر قەدەمنى تېخىمۇ چوڭ گېئوپولىتىكىلىق نىشانغا يېتىش ئۈچۈن ئەستايىدىللىق بىلەن تاشلاشقا تىرىشماقتا.  ئۇكرائىنانىڭ ئىشغال قىلىنىشىمۇ بۇنىڭ ئىچىدە.  

پۇتىننىڭ ئۇكرائىنانى ھەم رۇسىيە گېئوپولىتىكىلىق تەسەۋۋۇرىنىڭ مۇھىم ئېلېمېنتى، ھەم غەرب بىلەن ئۆزى ئوتتۇرىسىدىكى ھېسابلىشىش مەيدانى دەپ قاراۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلىنغاندا، دونباس بىلەنلا چەكلەنگەن بىر كرىزىس ھەل قىلىش چارىسىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقى ئېنىق. باشقىچە ئېيتقاندا، دونباس رۇسىيەنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى ۋە غەربكە قارشى گېئوپولىتىكىلىق ئەندىشىلىرىنى ھەل قىلىپ بېرەلەيدىغان چارە ئەمەس.

بۇ نۇقتىدا ئەقلىمىزگە كېلىدىغان بىرىنچى سوئال؛ پۇتىننىڭ دونباسنىڭ قالغان قىسمى ئۈچۈن قانداق ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىدۇر. رۇسىيەنىڭ 1999-يىلدىكى چېچىنىيە، 2008-يىلىدىكى گرۇزىيە، 2014-يىلىدىكى قىرىم ۋە يېقىن ئەتراپىدىن سىرتقى ھەربىي مۇداخىلە جەدۋەل ئارخىپىغا قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ تۇنجى ھەرىكىتى ئۇكرائىنانى دونباس رايونىنىڭ باشقا جايلىرىدىن چېكىنىشكە مەجبۇرلاش بولۇشى مۇمكىن. بۇ سىنارىيەنىڭ ئىشقا ئېشىشى بىلەن ئۇكرائىنا 2014-يىلىدىن پەرقلىق ھالدا، مۇداپىئەلىنىشنى تاللىماسلىقى، ھازىر كونتروللۇقى ئاستىدىكى يەرلەردىن ۋاز كېچىشى، غەربنىڭمۇ تەدرىجىي ھالدا يۈرگۈزمەكچى بولغان ئېمبارگولىرىنىڭ ئۈنۈمسىز ھالغا كېلىشى ۋە رۇسىيە ئارمىيەسى مەجبۇرلاش خاراكتېرلىق ھەربىي كۈچىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، ئۇكرائىناغا  تولۇق بىر ئۇرۇش تەھدىتى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.

ئىككىنچى خىل ئېھتىماللىق بولسا، ئالدىنقى سەپكە ھۇجۇم قىلىش ۋە بۇ يەردە ئولتۇراق رۇس ئاز سانلىقلىرىنى قوغداشنى باھانە قىلىپ، مەيداندا ئەمەلىي ئۇرۇش باشلاش ئارقىلىق ئۇكرائىنانى بۆلگۈنچى جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ خەرىتىدە كۆرسىتىلگەن بارلىق چېگرالىرىدىن چېكىنىشكە مەجبۇرلاشتۇر. چۈنكى پۇتىن مەزكۇر ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ مۇستەقىللىق تەلىپىنى قوبۇل قىلغان يازما ھۆججەت پۈتكۈل دونباس رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. باشقىچە ئېيتقاندا، ئۇكرائىنا ئارمىيەسى ئۆز زېمىنىدا رۇسىيە ئېلان قىلغان ئېتىراپ قىلىش ھۆججىتىگە ئاساسەن  «ئىشغالچى» قىسىمغا ئايلانغان بولىدۇ. بۇ ئەھۋال ئۇكرائىنانىڭ ھازىر%70 نى كونتروللۇقى ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان دونباس رايونىدىن چېكىنىشى ۋە ئەڭ مۇھىمى ئازاق دېڭىزىغا جايلاشقان شۇنداقلا ھازىر ئۇكرائىنانىڭ كونتروللۇقىدا تۇرۇۋاتقان مارىپول پورتىنىڭمۇ دونېتسىك «ۋاكالەتچى دۆلەت» نىڭ ئالقىنىغا ئۆتۈپ كېتىشى دېگەنلىك بولىدۇ.

ئەگەر بۇ سىنارىيە ئەمەلگە ئاشسا، رۇسىيەنىڭ ئازاق دېڭىزىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئەۋزەللىكى مۇستەھكەملەنگەن ۋە ئۇكرائىنانىڭ ئەڭ مۇھىم ئىقتىسادىي ئۇلىنىش نۇقتىسى رۇسىيەنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتكەن بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ، رۇسىيە قىرىمغا قۇرۇقلۇقتىن بىر ئۇلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرغان بولىدۇ. ئۇكرائىنا ئارمىيەسى 2014-يىلى بۆلگۈنچىلەرنىڭ ھۇجۇمىغا قارشى بۇ ئىستراتېگىيەلىك رايوننى قوغداپ قالالىغان ئىدى، بەلكىم ئۇكرائىنا رۇسىيەنىڭ بۇ ئىشقا تېخىمۇ كۆپ ئارىلىشىشى بىلەن پەيدا بولغان كۈچ تەڭپۇڭلىقىغا بەرداشلىق بېرەلمەسلىكى ھەمدە شەھەرنى رۇسىيەگە تارتقۇزۇپ قويۇشى مۇمكىن. بۇ ئەھۋال كرىزىسنىڭ ھەم ئىستراتېگىيىلىك، ھەم  سىمۋوللۇق خاراكتېرى نۇقتىسىدىن ئۇكرائىناغا زىيانلىق ھالغا كەلگەنلىكىنى  كۆرسىتىدۇ. چۈنكى مارىپول ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، ئۇكرائىنانىڭ دونباس رايونىدىكى ھەرىكەتلىرىنى باشقۇرىدىغان ئاساسلىق قوماندانلىق مەركەزلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىمىدۇر. بۇ يەنە، ئىقتىسادىي زىيانلا ئەمەس، بەلكى تىرانسپورت جەھەتتىمۇ دونباس رايونىغا مۇداپىئە يەتكۈزۈش لىنىيەسىنىڭ ئاجىزلاشقانلىقى بولىدۇ. شۇڭا ئەگەر رۇسىيەنىڭ كېيىنكى نىشانى دونباسنىڭ قالغان قىسمىنى ئىگىلەش بولسا، قولىدىكى تاللاشلار رۇسىيەنى مەيداندا ئەمەلىي ئۇرۇشقا مەجبۇرلىشى مۇمكىن. بۇنداق ئۇرۇش روسىيە ئۈچۈن ئاسان ئەمەس. چۈنكى پۇتىن ھازىر ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ پايدا-مەنپەئەت ئانالىزى ئېلىپ بارماقتا. بۇ ۋەجىدىن پۇتىن بىرىنچى باسقۇچتا مەجبۇرلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق دونباسنىڭ ۋاكالەتچى دۆلەتلەر تەرىپىدىن قولغا چۈشۈرۈلىشىنى سىنپ باقىدىغانلىقى ئېنىق.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر