تۈركىيەنىڭ ئۇكرائىنا سىياسىتى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (24)

1776984
تۈركىيەنىڭ ئۇكرائىنا سىياسىتى

تۈركىيەنىڭ ئۇكرائىنا سىياسىتى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (24)

(مۇرات يېشىلتاش)

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! «كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ خەۋپسىزلىك تەتقىقاتلىرى دىرىكتورى ۋە يازغۇچىسى مۇرات يېشىلتاش تەرىپىدىن تەييارلانغان «تۈركىيەنىڭ ئۇكرائىنا سىياسىتى» تېمىلىق ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

***** ***** *******  ** ******

تۈركىيەنىڭ ئۇكرائىنا كرىزىسىغا قاراتقان سىياسىتىنى بەلگىلەيدىغان تۆت پارامېتىر بار. بىرىنچىسى تۈركىيەنىڭ ئۇكرائىنا بىلەن بولغان دوستانە مۇناسىۋىتى. ئەنقەرە بىلەن كىيېۋنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋىتى بارلىقى مەلۇم. سىياسىي، بىخەتەرلىك ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىدىن باشقا يەنە، مۇداپىئە سانائىتىدىكى مۇناسىۋەتلىرىمۇ ئىنتايىن ياخشى. ئۇكرائىنا تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكلىرىنىڭ بىرى. ئۆزئارا سودا ئومۇمىي سوممىسى 7 مىليارد 400 مىليون دوللاردىن ئاشتى. ئۆتكەن يىلى 2 مىليوندىن ئارتۇق ئۇكرائىنالىق تۈركىيەنى زىيارەت قىلدى. تۈركىيە ئۇكرائىناغا ھەر خىل تاشقى تەھدىتلەرگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇشتا ئۈنۈملۈك رول ئوينايدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنى ساتتى. ئىككى دۆلەت يەنە، بىر قىسىم ئىستراتېگىيەلىك قوراللارنىڭ ماتورىنى ئىشلەپچىقىرىشتەك  ھالقىلىق مەسىلىلەردىمۇ ئورتاق لايىھەلەرنى باشلىدى.

تۈركىيەنىڭ ئۇكرائىنا كرىزىسىدىكى مەيدانىنى شەكىللەندۈرىدىغان ئىككىنچى پارامېتىر بولسا، رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدۇر. تۈركىيە رۇسىيەگە قارىتا بىر ساھە سىياسىتى يولغا قويماقتا. تۈركىيە نۇرغۇن غەرب دۆلەتلىرى تەرىپىدىن يالغۇز تاشلاپ قويۇلغان مەزگىلدە تۈركىيەنىڭ بەزى مەسىلىلەردە رۇسىيە بىلەن ئورناتقان مۇناسىۋىتى تولىمۇ مۇھىم. ئومۇمەن بىر چىقىش ئىستراتېگىيەسى دەپ قارالغان سۈرىيە ۋە لىۋىيە كرىزىسىدىكى رۇسىيە بىلەن بولغان توقۇنۇشلۇق مۇناسىۋەتلەرنىڭمۇ تۈركىيەنىڭ رۇسىيە بولغان بولغان مۇناسىۋەتلىرىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىشىگە يول قويمىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن تۈركىيە روسىيەنىڭ تۈركىيەدە يادرو رېئاكتورى قۇرۇپ بېرىشى ئۈچۈن رۇسىيە بىلەن كېلىشىم ئىمزالىدى. غەرب دۆلەتلىرى ئەنقەرەگە ئۈنۈملۈك مۇداپىئە سىستېمىسى سېتىشنى رەت قىلغان مەزگىلدە، تۈركىيەنىڭ روسىيەدىن S-400 ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنى سېتىۋېلىشى، ئامېرىكانىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، رۇسىيە تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي شېرىكلىرىدىن بىرسى. تۈركىيە ئۆز نۆۋىتىدە يەنە رۇسىيە گازىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى خېرىدارلىرىدىن بىرى ۋە رۇسلار ئۈچۈن ئالدىنقى قاتاردىكى ساياھەت ماكانى. تۈركىيەنىڭ ئۇكرائىنا كرىزىسىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىشلىرىنىڭ بىرسى روسىيەنىڭ چەتكە قېقىلماسلىقى ۋە دىيالوگ يوللىرىنىڭ ئوچۇق تۇتىلىشىدۇر.

 تۈركىيەنىڭ ئۇكرائىنا سىياسىتىنىڭ ئۈچىنچى پارامېتىرى بولسا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدۇر. ئەلۋەتتە بارلىق ئەزا دۆلەتلەر قوشۇلغان تەقدىردە ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئۇكرائىنا كرىزىسىغا بىۋاسىتە ئارىلاشسا، تۈركىيەمۇ ئەزا دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن رۇسىيەگە قارشى مەيدان تۇتۇشى كېرەك. بۇ كرىزىستە تەرەپ بولۇش گېرمانىيە قاتارلىق شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرگە ئوخشاش تۈركىيەگە نىسبەتەنمۇ چىقىمى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، پولشا ۋە بالتىق دېڭىزى دۆلەتلىرىگە ئوخشاش بەزى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر رۇسىيە تەھدىتىگە قارشى تېخىمۇ بەك مۇداپىئەسىز ئەھۋالدا تۇرماقتا. گېرمانىيە ۋە تۈركىيە قاتارلىقلار باشقا ئەزالار بولسا، رۇسىيە بىلەن ئۆز-ئارا تايىنىشنى ئاساس قىلغان مۇناسىۋەتكە ئىگە. بىرىنچى گۇرۇپپا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىن رۇسىيەگە قارشى تەدبىر قوللىنىشنى تەلەپ قىلسا، ئىككىنچى گۇرۇپپا دىپلوماتىك ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىش يولىنى تاللىماقتا.

تۆتىنچى پارامېتىر بولسا، قىرىم يېرىم ئارىلىنىڭ يەرلىك تۈرك خەلقى بولغان قىرىم تاتارلىرىنىڭ ئەھۋالىدۇر. تۈركىيە قىرىمنىڭ رۇسىيەگە قوشۇۋىلىنىشىدىن زىيانغا ئۇچرىغان قىرىم تاتارلىرىنىڭ توقۇنۇشتا تېخىمۇ كۆپ زىيان تارتىشىنى خالىمايدۇ. تۈركىيە دائىرىلىرى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش چىققان تەقدىردە، بىرىنچى بولۇپ قۇربانلىق قىلىنىدىغانلارنىڭ قىرىم تاتارلىرى بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ، شۇڭلاشقا قىرىم مەسىلىسىدە ئۇكرائىنانىڭ تەشەببۇسىنى قوللىماقتا.

يىغىپ ئېيتقاندا، بۇ پارامېتىرلار تۈپەيلىدىن تۈركىيە ئۇكرائىنا كرىزىسىدە تەرەپسىز سىياسەتنى يولغا قويماقتا ۋە مۇرەسسەچىلىك رولى ئوينىماقتا. تۈركىيە ھەم ئۇكرائىنا بىلەن ھەم رۇسىيە بىلەن بىر بىرىگە تايىنىش مۇناسىۋىتى بولغاچقا، كرىزىسنىڭ رايوندىكى بارلىق دۆلەتلەرگە زىيان سالىدىغان چوڭ كۆلەملىك رايون خاراكتېرلىق ئۇرۇشقا ئايلىنىشىنى خالىمايدۇ. شۇڭا تۈركىيە دائىرىلىرى كرىزىسنىڭ تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن تىرىشىشنى داۋاملاشتۇرۇشتا قەتئىي ئىرادىگە ئىگە.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر