جۇمھۇرىيەت تارىخىدىكى تۇنجى مۇزېي بىناسى: ئەنقەرە ئېتنوگرافىيە مۇزېيى

يېڭى شەيئىلەر گۈزەل بولىدۇ - 23

1772370
جۇمھۇرىيەت تارىخىدىكى تۇنجى مۇزېي بىناسى: ئەنقەرە ئېتنوگرافىيە مۇزېيى

جۇمھۇرىيەت تارىخىدىكى تۇنجى مۇزېي بىناسى: ئەنقەرە ئېتنوگرافىيە مۇزېيى

يېڭى شەيئىلەر گۈزەل بولىدۇ - 23

گامزە دەمەچ سىبىچ

***********

ھۆرمەتلىك تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشىنىڭ قەلب دوستلىرى! قىشنىڭ بۇ گۈزەل كۈنىدە پايتەخت ئەنقەرەدىن ھەممىڭلارغا سالام. ھايات گۈزەلدۇر، ھەمدە يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگىنىشمۇ شۇنداق… بۈگۈن بىز سىلەرگە «جۇمھۇرىيەت تارىخىدىكى تۇنجى مۇزېي بىناسى: ئەنقەرە ئېتنوگرافىيە مۇزېيى» نى تونۇشتۇرىمىز.

تۈركىيەنىڭ مۇزېي سۈپىتىدە سېلىنغان تۇنجى بىناسى، ھەم بىناكارلىق ئالاھىدىلىكى، ھەم ئۆز ئىچىگە ئالغان يادىكارلىقلىرى بىلەن ئانادولۇنىڭ تارىخىنى يورۇتۇپ بەرمەكتە.  ئوسمانلى دەۋرىدە نامازگاھ چۇقۇسىدا تۈرلۈك پائالىيەتلەر ۋە يىغىلىشلار ئۆتكۈزۈلەتتى ۋە چوڭ جامائەت بىلەن جۈمە نامىزى ئوقۇلاتتى. 91 يىلدىن بۇيان پائالىيەت قىلىۋاتقان ئەنقەرە ئېتنوگرافىيە مۇزېيىمۇ شەھەرنىڭ مەركىزىدىكى دەل ئەشۇ تارىخى نامازگاھ چۇقىسىغا سېلىنغان ئىدى.

پايتەخت ئەنقەرەدە دۆلەت مۇزېيى قۇرۇش پىكرى بىلەن مىمار ئارىف ھىكمەت قويۇنئوغلۇ مائارىپ مىنىستىرلىقىغا چاقىرىلغان ئىدى. ئۇنىڭدىن تۈرك بىناكارلىق سەنئىتى ئالاھىدىلىكىنى ئەڭ ياخشى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان بىر بىنا سېلىش تەلەپ قىلىندى. ئارىف ھىكمەت قويۇنئوغلۇ  ئانادولۇ تارىخىغا ۋە  قەدىمىي تۈرك بىناكارلىق سەنئىتىگە ماھىر بولۇپ، قۇرۇلۇشنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تاماملىدى. مۇزېي بىناسنىڭ قۇرۇلۇشى 1925-يىلى 25-سېنتەبىردە باشلىنىپ 5 يىل ئىچىدە پۈتتى ۋە ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

قەدىمىي تۈرك بىناكارلىقىنىڭ مۇجەملەشتۈرىلىشى

تۈرك-ئىسلام مەدەنىيىتىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان ئېتنوگرافىيە مۇزېيى، تۈركىيەدىكى ئەڭ مۇھىم مۇزېيلارنىڭ بىرسى ھرسابلىنىدۇ. ئۇچلۇق ئەگمە ۋە مۇكارناس تۈۋرۈكى، تاج دەرۋازىسى ئالاھىدىلىكى بولغان كىرىش ئېغىزى، ئالدى تەرەپتىكى سىممېترىك ھۇنەر ۋە تورىسىغا ئىشلەنگەن داندان بېزەكلىرى، سىلجۇقىي بىناكارلىقىنىڭ ئىزنالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كىرىش ئېغىزىدىكى گۈمبەز ۋە قول ھۇنەر سەئىتى بىلەن بېزەلگەن نەقىشلەر ئوسمانلى دەۋرىنىڭ ھەيۋىتىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ.

گۈمبەز ئىسلام دۇنياسىدىكىگە ئوخشاش بۇ بىنادىمۇ خەلقنى بىر ئۆگزە ئاستىغا توپلاش ئۇقۇمىنى بىلدۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، گۈمبەزدىكى ئۈچ يوپۇرماقلىق پالما، ئاسماندا، يەر يۈزىدە ۋە يەر ئاستىدا تۈرك-ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ مەڭگۈ ياشنايدىغانلىغا دائىر ئۈمىتنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ.

ھەر قانداق بىر خەلقققە تەۋە زىننەت بۇيۇملىرى، كىيىم-كېچەكلەر، سايمانلار، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ۋە سەنئەت ئەسەرلىرى ئېتنوگرافىيە ئىلمىنىڭ مەدەنىيەت بايلىقلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشىغا ياردەمچى بولىدۇ.

ئەنقەرە ئېتنوگرافىيە مۇزېيىدىمۇ سەلجۇقىيلار دەۋرىدىن ھازىرغىچە بولغان تۈرك سەنئىتىنىڭ مىساللىرى كۆرگەزمە قىلىنىدۇ. مۇزېيدىكى ئانادولۇنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن توپلانغان ئەنئەنىۋىي كىيىملەر ۋە زىبۇزىننەتلەر شۇ دەۋرنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ.

مۇزېينىڭ كىيىم-كېچەك زالىدىكى 19 –ئەسىرگە تەۋە ئەنقەرە سەغمەن ۋە زەيبەك كىيىملىرى، توي كۆينەكلىرى، يەرلىك خەلق كىيىملىرى زىيارەتچىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتىدۇ. بىر ساتىراچخانىمۇ جايلاشقان زالدا، ئانادولۇدىكى يىگىت ساقىلىنىڭ ياسىلىشى ئەكىس ئەتتۇرۇپ بېرىلىدۇ. خېنە زالىدا بولسا، ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان يادىكارلىقلاردىن بىرسى، غىياسىددىن كەيخۇسرېۋنىڭ ھەشەمەتلىك تەختىدۇر.

تۈرك ياغاچچىلىق كەسپىنىڭ ئەڭ گۈزەل مىساللىرىنىمۇ مۇزېينىڭ كەڭ كۆلەملىك ئەسەرلەر توپلىمىدا  كۆرگىلى بولىدۇ. كۆرگەزمە قىلىنغان نادىر قول ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى ئارىسىدا سۇلتان 1- غىياسىددىن كەيخۇسرېۋنىڭ تەختىمۇ مەۋجۇت.

تۈرك گىلەم سەنئىتىنىڭ ئۆزگىچە نەقىشلىرى دەۋرلەردىن-دەۋرلەرگىچە يەتكۈزۈلمەكتە

گىلەم توقۇش ئانادولۇنىڭ 16-ئەسىردىن باشلاپ ھەممە رايونلىرىدا دېگۈدەك ئومۇملاشقان بولۇپ، گوردېس، كۇلا، مىلاس، ئۇشاك، لادىك، قىرشەھىر ۋە سىۋاس گىلەم ئىشلەپچىقىرىش مەركىزى سۈپىتىدە داڭق چىقارغان ئىدى.

مۇزېينى زىيارەت قىلغىنىڭىزدا، تۈركلەرنىڭ گىلەم توقۇش سەنئىتىدە ئىشلەتكەن نەقىشلىرىنى ئىنچىكە تەكشۈرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشىشىسىز. بەرەكەتكە سىمۋول قىلىنغان «قول بېلىدە» نەقشى، كۈچ ۋە مۇنبەتلىككە سىمۋول قىلىنغان «قوچقارنىڭ مۈڭگۈزى»، ئۆلۈمدىن كېيىنكى ھاياتقا سىمۋول قىلىنغان «ھاياتلىق دەرىخى» ۋە ئىنسان روھىغا سىمۋول قىلىنغان «قۇش» نەقىشى قاتارلىقلار تۈرك گىلەم سەنئىتىنىڭ چوڭقۇرلۇقلىرىنى  دەۋرلەردىن-دەۋرلەرگىچە يەتكۈزۈپ كەلمەكتە.

مۇزېينىڭ كىرىش ئېغىزىدا ئىتالىيە ھەيكەلتىراش پىتىررو كانونىكا تەرىپىدىن 1927-يىلى ياسالغان ئاتا تۈركنىڭ ئات ئۈستىدىكى چوڭ مىس ھەيكىلى تۈركىيەنىڭ تۇنجى ھەيكەللىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مۇزېي ئۇلۇغ رەھبەر مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ جەسىتى تۇنجى قېتىم دەپنە قىلىنغان جاي بولۇش سۈپىتى بىلەنمۇ تۈركىيە مىللىتى ئۈچۈن چوڭقۇر مەنىگە ئىگە. مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ جەسىتى 1953-يىلى ئەڭ ئاخىرقى ئارامگاھى بولغان ئانىتكابىرغا يۆتكەلگەنگە قەدەر ئەنقەرە ئېتنوگرافىيە مۇزېيىدا ساقلانغان ئىدى.

مۇزېيغا كىرگىنڭىزدە، كىرىش ئېغىزىنىڭ ئۇدۇلىدا، دەل ئوتتۇرا رايوندا ئاتاتۈركنىڭ خاتىرىسىگە ھۆرمەت قىلىنغان ئاساستا سىمۋوللۇق بىر قەبرە تۇرغانلىقىنى كۆرىسىز.

مەدەنىيەت مىراسلىرىمىزنى يورۇتۇپ بېرىدىغان قىممەتلىك ئەسەرلەرنى كۆرمەكچى بولسىڭىز، ئەنقەرە ئېتنوگرافىيە مۇزېيىنى چوقۇم زىيارەت قىلشىڭىز لازىم.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر