ترابزون بىلەيزۈكى

بىلىۋېلىڭ - 21

1778352
ترابزون بىلەيزۈكى

    «ترابزون بىلەيزۈكى» نىڭ دۇنيادىكى زىبۇ - زىننەت سانائىتىدە تۈركىيەگە خاس بىردىنبىر زىبۇ - زىننەت ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

ترابزون بىلەيزۈك ياساش تېخنىكىسىنىڭ باشلانغۇچى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 7-ئەسىردە مەۋجۇت بولغان سىكتىيانلار دەۋرىگىچە تۇتىشىدۇ. بۇ تېخنىكا، قەدىمكى دەۋرلەردە ھاياتلىقنى قوغداشقا ئىشلىتىلىدىغان ساۋۇت ۋە قىلىچلار ئېسىلىدىغان بەلۋاغلارنى ئىشلەپچىقىرىشتا ئىشلىتىلگەن.

ناھايىتى زور مېھنەت قىلىشنى تەقەززا قىلىدىغان بىلەيزۈك ياساش تېخنىكىسى، ئالتۇن ياكى كۈمۈش سىم بىلەن ساۋۇتقا ئوخشاش ئىشلىنىدىغان قول ھۈنەرۋەنچىلىك سەنئىتى بولۇپ، ئەسىرلەردىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن مىراستۇر. بۇ  قول ھۈنەرۋەنچىلىكنىڭ مەھسۇلى بولغان زىبۇ - زىننەت بۇيۇملىرى پەقەت تۈركىيەنىڭ قارادېڭىز رايونىدىكى ترابزوندىلا ياسالىدۇ. رۇسىيە ئىنقىلابى مەزگىلىدە ترابزوندا پاناھلانغان كاۋكازلىقلار ترابزون شەھىرىگە ئېلىپ كەلگەن بۇ سەنئەت، كېيىنچە ترابزون ئاياللىرىنىڭ قول ھۈنەرۋەنچىلىكىگە ئايلانغان. دەسلەپكى يىللاردا، كۈمۈش قاتارلىق قىممىتى تۆۋەن مېتاللاردىن ياسالغان زىبۇ زىننەتلەر، كېيىنچە ئالتۇن ئىشلىتىلىپمۇ ياسىلىشقا باشلىغان. ترابزون ئاياللىرى كۈنلەرچە جاپالىق ئىشلەش ئارقىلىق ياساپ چىقىدىغان ترابزون بىلەيزۈكى ئىنتايىن قىممەتلىك زىبۇ - زىننەتتۇر.  0.3 مىللىمېتىر نېپىز كۈمۈش ياكى ئالتۇن سىم بىلەن ياسىلىدىغان بىلەيزۈكنى ياساش ئۈچۈن تەخمىنەن 15 كۈن كېتىدۇ.

 كاۋكازلىقلاردىن ئۆگەنگەن بۇ سەنئەتنى تەرەققىي قىلدۇرغان ترابزون ئاياللىرى ياساپ چىققان بىلەيزۈكلەر، «ئالتۇن باغلاق» دەپمۇ ئاتىلىدۇ ۋە ترابزوندىن دۇنيادىكى بارلىق ئاياللارغا يەتكۈزۈلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر