دۇنيانىڭ ئەڭ قىممەت باھالىق ھەسىلى

دىدەم ئۆزتاشباشى تەرىپىدىن تەييارلانغان «بىلىۋېلىڭ» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا «دۇنيانىڭ ئەڭ قىممەت باھالىق ھەسىلى» توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

1615514
دۇنيانىڭ ئەڭ قىممەت باھالىق ھەسىلى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: دۇنيانىڭ ئەڭ قىممەت باھالىق ھەسىلىنىڭ تۈركىيەدىن چىقىدىغانلىقىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟

تۈركىيەنىڭ ئىنسانلار ئولتۇراق رايونى ۋە باشقا ھەسەل ھەرىسى توپلىرىدىن يىراق، دېڭىز يۈزىدىن 2500 مېتىر ئېگىزلىكتىكى ئۆڭكۈرلىرىدىن چىقىرىلىدىغان قوڭغۇراقباش گۈلى ھەسىلىنىڭ كىلوگىرام باھاسى 10 مىڭ ياۋرو بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت باھالىق ھەسەل سۈپىتىدە جىننېس رېكورتلىرى كىتابىغا كىردى.

تۈركىيەنىڭ ئاقدېڭىز ۋە ئەگە رايونلىرىنىڭ ئېگىز جايلىرىدا يېتىشىدىغان سېرىق قوڭقۇراقباش گۈلى، دۇنيانىڭ بۇ ئەڭ قىممەتلىك ھەسىلىنىڭ مەنبەسى. باشقا ھەسەل ھەرىسى تۈرلىرىدىن يىلدا ئادەتتە 2-3 قېتىم ھەسەل يىغىۋېلىنسا، كانتارون ھەسىلى يىلدا پەقەت بىر قېتىملا يىغىۋېلىنىدۇ. ئەنئەنىۋى ھەسەلگە ئوخشىمايدىغان رەڭگى قېنىق، تەمى چۈچۈمەل كېلىدىغان بۇ ھەسەل ماگنىي، كالىي، فېنول، فلاۋونوئىد ۋە ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ماددا قاتارلىق يۇقىرى تېببىي ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. ھەسەلنىڭ قىممىتى ۋە سۈپىتىنى جەزملەشتۈرۈش ئۈچۈن ئەۋرىشكىلەر تۈركىيە ئىلىم – پەن كومىتېتىغا ئەۋەتىلىدۇ ۋە كومىتېتنىڭ قارارىغا ئاساسەن ئەڭ سۈپەتلىك مەھسۇلاتلارلا يىغىۋېلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر