بايدىن مەزگىلىدە ئامېرىكا – تۈركىيە  مۇناسىۋەتلىرى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (58)

1577584
بايدىن مەزگىلىدە ئامېرىكا – تۈركىيە  مۇناسىۋەتلىرى

بايدىن مەزگىلىدە ئامېرىكا – تۈركىيە  مۇناسىۋەتلىرى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (58)

(مۇرات يېشىلتاش)

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! «كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ خەۋپسىزلىك تەتقىقاتلىرى دىرېكتورى ۋە يازغۇچىسى مۇرات يېشىلتاش تەرىپىدىن تەييارلانغان «بايدېن مەزگىلىدە ئامېرىكا – تۈركىيە  مۇناسىۋەتلىرى» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

***** **** ** ******

ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ ئىلغار كابىنېت قۇرۇش نىشانى بىلەن ۋەزىپىگە ئولتۇرغان بايدىن، ترامپ ھۆكۈمىتى مەزگىلىدىن تولىمۇ پەرقلىق بىر دەۋرگە دۇچ كېلىدىغانلىقىمىزنى نامايان قىلماقتا. ھەم سىمۋول سەۋىيەسىدە، ھەم يولغا قويۇلغان تۇنجى ئىجرائاتى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، بايدېننىڭ ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ دەل ئەكسىچە بىر ھاكىمىيەت ئېڭىغا ئىگە ئىكەنلىكى كۆرۈلىدۇ. بولۇپمۇ كابىنېت سايلىمىدا بۇ نۇقتا ئالاھىدا كۆزگە چىلىقىدۇ. ترامپ ئاق تەنلىك ئەر ۋە پروتېستانت كىملىكى ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن كابىنېتى بىلەن سىستېمىلاشقان تۈزۈمگە قارشى ئۈرۈش ئېچىش ئارقىلىق ئىشنى باشلىغان ئىدى. نۇرغۇن ئورگانلارنىڭ كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋەتكەن، يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇللارنى تەيىنلەشتە قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن، ئوخشاش بىر مىنىستىرلىقتا ئوخشىمىغان بىر قانچە مىنىستىرلار بىلەن خىزمەت قىلىشقا مەجبۇر بولغان ۋە بولۇپمۇ تاشقى سىياسەت مەسىلىلىرىنى يولغا قويۇشتا ئانچە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولالمىغان بىر  ترامپ ھۆكۈمىتى بار ئىدى.

بايدىن بولسا، سىستېمىلىق تۈزۈمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىنمۇ تاشقىرى، ئىلغار ۋە دىموكراتىك ۋەدىلىرىنى ئىشقا ئاشۇرالايدىغان كابىنېت ئەزالىرى ۋە پىلانى بىلەن تېزلا كىرىپ كەلدى. تىرامپ ھۆكۈمىتى نۇرغۇن يۇقىرى دەرىجىلىك سىياسىي مەسئۇللارنى تەيىنلەش خىزمىتىنى تاشلاپ، ئورگانلارنى ئاجىزلاشتۇرغانلىقى بىلەن ماختانغان بولسا، بايدېننىڭ دەسلەپكى 10 كۈندىلا مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى ۋەزىپىگە تەيىنلىگەنلىكى مۇھىم بىر سىگنال دەپ قارالدى. بۇ تېز تەرەققىياتلار بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشلارغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. مېديا كۈچىنىمۇ ئارقىسىغا ئالغان بايدىننىڭ ئالدىنقى 100 كۈنى راھەت ئۆتىدىغاندەك قىلىدۇ.

بايدىننىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتى گۇرۇپپىسى بولسا، نۇرغۇن رايون خاراكتېرلىق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەرنىڭ ئېغىرلىقىنى ھېسابقا ئالغاندا ئىنتايىن مۇھىم. بولۇپمۇ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىللىنكېننىڭ بايدېن بىلەن ئۇزۇن يىللاردىن بېرى بىرلىكتە خىزمەت قىلغانلىقى، دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى جەكې سۇللىۋاننىڭ بىللىنكېنغا يېقىن كىشى ئىكەنلىكى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويد ئوستىنىڭمۇ بايدېن ئىراقتىن تارتىپلا ئوبدان بىلىشىدىغان بىر ئەسكەر ئىكەنلىكى بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ. بۇلار ئىسملىرى بىلەن مۇجەمسسەملەشكەن بىر تاشقى سىياسەت چۈشەنچىسىدىن بەكرەك گويا «ۋەزىپە ئادەمىدەكلا» ئوبرازلىرى بىلەن ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنمەكتە. بايدېننىڭ تاشقى سىياسەتتىكى كەسپىيلىكىنىمۇ نەزەردە تۇتقاندا، گۇرۇپپىسى بىلەن تېخىمۇ ماسلىشىپ خىزمەت قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. دەل مۇشۇ نۇقتىدا «بايدېن ۋە گۇرۇپپىسى تاشقى سىياسەتتە تۈركىيە بىلەن زادى قانداق مۇناسىۋەت شەكىللەندۇرىدۇ؟» دېگەن سوئال ئەقىللەرگە كېلىدۇ.

مۇنداقلا بىر قاراشتا بايدىننىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتى گۇرۇپپىسى تۈركىيەگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى پىششىق بىلىدىغاندەك كۆرۈنىدۇ. بۇ مەسىلىلەر ئارىسىدا رۇسىيە، سۈرىيە، شەرقىي ئاقدېڭىز، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى، S-400 ۋە ئىران مەسىلىسى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ گۇرۇپپا ھازىرچە تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە «قوپال» ئىكەنلىكىلىرىگە دائىر بىرەر باياناتتا بولۇپ باقمىدى. ھەتتا بۇلارنىڭ ھازىرغا قەدەر تۈركىيە توغرىسىدىكى باياناتلىرىنىڭ قورامى ۋە تەپسىلاتلىرىغا قارىغىنىمىزدىمۇ، ئامېرىكانىڭ سىياسەتلىرىگە ھەققانىيلىق بېغىشلايدىغان ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى ئىتتىپاقداشلار بىلەن بىرلىكتە خىزمەت قىلىشنى ئارزۇ قىلىدىغان بىر چۈشەنچىنىڭ ئالدىنقى قاتارغا چىققانلىقىنى كۆرىمىز. ئەمما ئۇنتۇماسلىق كېرەككى، 15 – ئىيۇل ھەربىي ئۆزگىرىش ئۇرۇنىشىدىن كېيىن بايدېن بىلەن بىرگە تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى)دە زىيارەتتە بولغان بلىنكېن 2017-يىلى ترامپقا ي پ گ نى قوراللاندۇرۇش كېرەكلىكى ھەققىدە تەۋسىيەدە بولغانلىقى مەلۇم.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدىكى يىغىندا تۈركىيەنىڭ رۇسىيەدىن S-400 سېتىۋىلىشى ھەققىدە «قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ» دېگەن بىللىنكېننىڭ سۆزىمۇ «تۈركىيەگە قارشى پالاتادىكى ھاۋا بوشىتىشقا قارىتىلغان» دەپ چۈشىنىلدى. يەنە شۇ يىغىندا تۈركىيەگە قارىتا «ئاتالمىش ئىتتىپاقداش» دېگەن سۆزنى ئىشلىتىشى ئەسلىدە تۇركىيەگە قاراتقان سۆزلىرىنىڭ قورامى ھەققىدە يىپ ئۇچى بەرمەكتە ئىدى. قانداقلا بولمىسۇن، بىللىنكېننىڭ ھازىرغىچە تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن ئالاقىلاشمىغانلىقى، ۋاشىنگىتوندا ھازىرمۇ ئېھتىياتچانلىق كەيپىياتنىڭ ھاكىم ئورۇندا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى سۇللىۋاننىڭ ياۋروپادىكى خىزمەتداشلىرى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىنكى باياناتىدا، بىرلىكتە خىزمەت قىلىش كېرەكلىك  «ئورتاق ئەندىشە مەسىلىسى» دەپ قارىلىدىغان خىتاي بىلەن تۈركىيەنى بىرلىكتە تىلغا ئېلىشى، يەنە ئۇنىڭ سۆز قورامىنىڭ سەلبىي مىسالى بولدى. بلىنكېن بىلەن ئىبراھىم قالىن ئوتتۇرىسىدىكى ئاخىرقى تېلېفون سۆھبىتىدىمۇ بۇ  ئېنىقسىز كەيپىيات تېخىچە يوقىتىلغاندەك ئەمەس.

ھازىرچە تۈركىيەگە قارىتا سوغۇق ۋە مۇساپىلىق تىل ئشلىتىۋاتقان ئامېرىكا دىپلوماتىيە سىياسىتى گۇرۇپپىسىنىڭ سۈرىيە، ي پ گ، S-400، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى، شەرقىي ئاقدېڭىز ۋە لىۋىيە قاتارلىق كونكرېت سىياسىي مەسىلىلەردە، ئاخىرىقى ھېسابتا بايدىننىڭ سىياسىتىنى يولغا قويىدىغانلىقى كۆرۈلمەكتە. لېكىن تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدىكى مەسىلە بار رايونلارنى باشقۇرۇشتا، بۇ سۆز قورامىنىڭ ئىجابىي رول ئوينىمايدىغانلىقىنى ھازىردىنلا چۈشىنىۋىلىشقا بولىدۇ. بايدىن ھۆكۈمىتى ئوباما بىلەن ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئارىلاشمىسىدىن شەكىللەنگەن ئېنىقسىز ۋە ئىستراتېگىيەدىن خالىي بىر تاشقى سىياسەت ئېڭىنى ئۆزلەشتۈرگەن تەقدىردە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەردە نورماللىشىش ئانچە مۇمكىن بولمايدىغاندەك قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر