گىرۇزىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي سايلام

ياۋروئاسىياغا نەزەر - 46

1526723
گىرۇزىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي سايلام

 «ياۋروئاسىياغا نەزەر» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە، ئابدرەسۇل ئىسھاقوۋ تەرىپىدىن تەييارلانغان «گىرۇزىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي سايلام» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

گىرۇزىيەدە 2020-يىلى 31-ئۆكتەبىر ئومۇمىي سايلام ئۆتكۈزۈلدى. 10-نۆۋەتلىك پارلامېنت ئەزالىرىنى سايلاپ چىقىش ئۈچۈن، 3 مىليون 500 مىڭ سايلىغۇچىدىن تەخمىنەن 2 مىليون كىشى بېلەت تاشلىدى. سايلام كۈنى، 6 مىڭ ژۇرنالىست، 47 مىڭ يەرلىك ۋە چەت ئەللىك كۆزەتكۈچى، 80 مىڭدىن ئارتۇق پارتىيە ۋەكىلى ئومۇمىي سايلامنى كۆزەتتى.

گىرۇزىيە مەركىزىي سايلام كومىتېتىنىڭبىلدۈرۈشىچە، سايلامغا قاتناشقان 48 پارتىيە بىلەن 2 سايلام گۇرۇپپىسىدىن توققۇزى% 1 لىك سايلام بوسۇغىسىدىن  ھالقىپ ئۆتەلىگەن. ھاكىمىيەت بېشىدىكىگىرۇزىيە تەسەۋۋۇر پارتىيەسى% 48 ئاۋازغا ئېرىشىپ، غەلبىسىنى ئېلان قىلغان. ئۆكتىچىلەرنىڭ بىرلەشمە مىللىي ھەرىكىتى-بىرلەشمە ئۆكتىچىلەر سايلام گۇرۇپپىسى ئاران% 27 ئاۋازغا ئېرىشەلىگەن. غەلىبە قىلغان باشقا پارتىيەلەرنىڭ ئاۋازغا ئېرىشىش نىسبىتى% 4 نىڭ ئاستىدا قالغان.

سايلام نەتىجىسىگە ئېتىراز بىلدۈرگەنلەر، سايلام نەتىجىلىرىنىڭ بىكار قىلىنىشى ئۈچۈن، 1-نويابىردىن باشلاپ نامايىشئۆتكۈزمەكتە. ئۆكتىچىلەرنىڭ چوڭ نامايىشى 8-نويابىر كۈنى ئۆتكۈزۈلدى. پارلامېنتقا كىرىشتە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان 8 پارتىيە ۋە غەلىبە قىلالمىغانلار، مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈلۈشىنى، مەركىزىي سايلام كومىتېتىنىڭباشلىقىنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشىنى ۋە سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلماقتا. ئورتاق باياننامىگە ئىمزا قويغان ئۆكتىچى پارتىيەلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىسپات خېتىنى ئالمايدىغانلىقلىرىنى، ھۆكۈمەت تەلەپلىرىنى ئورۇندىمىغان تەقدىردە، ھەرىكەت پىلانىنى ئېلان قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

پارلامېنتنىڭ خىزمىتىنى باشلىيالىشى ئۈچۈن، سايلانغان ۋەكىللەرنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنىڭ چوقۇم ئىسپات خەتلىرى بىلەن پارلامېنتنىڭ پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشىغا توغرا كېلىدۇ. ھۆكۈمەت بۇ سانغا ئاللىقاچانئېرىشىپ بولغان. لېكىن، ۋەكىللەرنىڭ يېرىمىنى تەشكىل قىلىدىغان ئۆكتىچىلەرنىڭ ئۆز ئورنىدا ئولتۇرماسلىقى، دۆلەتنىڭ مۇقىملىقىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

گىرۇزىيە پارلامېنتى 150 ۋەكىلدىن تەركىب تاپىدىغان بولۇپ، 150 ۋەكىلنىڭ 120 سى نىسبەت سىستېمىسىغا، 30 ى كۆپ سانلىق تۈزۈمگە ئاساسەن بېكىتىلىدۇ. كۆپ سانلىق تۈزۈم بويىچە ئىككىنچى باسقۇچلۇق سايلام 16 سايلام رايونىدا 21-نويابىر كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

گىرۇزىيە تەسەۋۋۇر پارتىيەسى ئۈچىنچى قېتىم چوڭ سايلامدا غەلىبە قىلدى. ھۆكۈمەتنىڭ، بولۇپمۇ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» يۇقۇمىئوتتۇرىغا چىققاندەسلەپكىمەزگىللەردە قوللانغان تەدبىرلىرى، پارتىيەنىڭ نوپۇزىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە سەۋەب بولغانىدى. لېكىن، كۈز پەسلىدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» يۇقۇمىنىڭ دۆلەتمىقياسىدا كەڭتارقىلىشقا باشلىشى ۋە بۇ دائىرىدە يولغا قويۇلغان چەكلىمىلەر سەۋەبىدىن، ئىقتىسادنىڭ قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشى، ھۆكۈمەتنىڭ ئىشىنى قىيىنلاشتۇرماقتا.

ئۆكتىچى سەۋىيەسىگە چۈشۈپ قالغان سابىق پىرېزىدېنت مىخائىل سائاكشۋىلى، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان دۆلىتىگە قايتىپ كېلەلمەيۋاتىدۇ. دۆلەتتە زور ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، لېكىنرۇسىيەبىلەنئۇرۇش قىلىپ، ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قالالمىغان مىخائىل ساكاشۋىلىنىڭ دۆلىتىگە قايتىش ئارزۇسى، بۇ قېتىمقى سايلامدىمۇ ئىشقا ئاشمىدى.

گىرۇزىيە دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنى، 6-نويابىر كۈنى، باياننامە ئېلان قىلىپ، بىر تۈركۈم سابىق دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ۋەكىللىرىدىن تەشكىل تاپقان ۋە ئاساسىي قانۇن تەرتىپىنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بىر گۇرۇپپىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

ھۆكۈمەت، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ كۈنىگە 3 مىڭغا يەتكەنلىكىنى سەۋەب كۆرسىتىپ،   9-نويابىردىن باشلاپ چوڭ شەھەرلەردە بىرقاتار چەكلىمىلەرنى يولغا قويدى. «ۋۇخەن ۋىرۇسى» يۇقۇمى ۋە چەكلىمىلەر، ئۆكتىچىلەرنىڭ نامايىش ئۆتكۈزۈشىنى قىيىنلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

گىرۇزىيە پارلامېنت تۈزۈمىنى يولغا قويۇۋاتقان دۆلەت بولغانلىقتىن، ئومۇمىي سايلام ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. شۇ ۋەجىدىن، ئۆكتىچىلەر كۈرىشىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدۇ. لېكىن، قاراباغدا توقۇنۇش داۋاملىشىۋاتقان پەيتتە، گىرۇزىيەنىڭ  دۆلەتئىچىدە سىياسىي مۇقىملىقىنى ساقلىشى ئىنتايىن مۇھىم.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر