يېقىنقى باسقۇچتا تۈركىيە – ئۇكرائىنا مۇناسىۋەتلىرى

ئۇكرائىنا مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ئولېگ ئۇرۇسكى باشچىلىقىدىكى ھەيئەتنىڭ تۈركىيە زىيارىتى ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى تەرەققىياتى

1484061
يېقىنقى باسقۇچتا تۈركىيە – ئۇكرائىنا مۇناسىۋەتلىرى

2020 – يىلى 26 – ئاۋغۇست كۈنى ئۇكرائىنا مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋە ئىستىراتېگىيەلىك سانائەت ساھەلىرى مىنىستىرى ئولېگ ئۇرۇسكى باشچىلىقىدىكى ھەيئەت تۈركىيەدە زىيارەتتە بولدى. ئولېگ ئۇرۇسكى، پايتەخت ئەنقەرەدە تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئەسى سانائىتى ئورگىنىنىڭ مەسئۇلى ئىسمائىل دەمىر بىلەن كۆرۈشتى، ھەمدە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىق كېلىشىم لايىھەسى ئىمزالاندى. ئۇرۇسكى، كېيىنچە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار، سانائەت ۋە تېخنولوگىيە ئىشلىرى مىنىستىرى مۇستافا ۋارانك بىلەن ئايرىم - ئايرىم كۆرۈشتى. ئۇچرىشىشلاردا، دۆلەت مۇداپىئەسى، ئاۋىياتسىيە، ئالەم قاتنىشى، پاراخوت ياساش ۋە مۇداپىئە سانائىتى قاتارلىق ئىستىراتېگىيەلىك ساھەلەردە ھەمكارلىق ئورنىتىش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى.

26 – ئاۋغۇست كۈنى ئۇرۇسكى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى. ئەردوغان 2020 – يىلى 23 – ئاۋغۇست كۈنى ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنىسكى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۈنتەرتىپىگە ئالاقىدار مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرغانىدى.

سانائەت ۋە تېخنولوگىيە ئىشلىرى مىنىستىرى مۇستافا ۋارانك ئۇرۇسكى بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدا، تۈركىيەنىڭ ئۇكرائىنانى قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى جاكارلىدى. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەش ھاجەتكى، تۈركىيە ئالدىنقى يىلى ئۇكرائىناغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى تاپشۇرۇپ بەرگەنىدى. ئىككى دۆلەتنىڭ بۇ ساھەدىكى ھەمكارلىقى يۈكسەك سەۋىيەدە داۋاملاشماقتا. ئۇكرائىنا ھەيئىتىنىڭ زىيارىتى دائىرىسىدە 2020 – يىلى 29 – ئاۋغۇست كۈنى ساھا ئىستانبۇل ۋە ئۇكرائىنا ئاۋىياتسىيە ئورگىنى ئۇكراۋىئاپروم ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىق كېلىشىمى  ئىمزالاندى.

ئۇكرائىنا ھەيئىتى تۈركىيە ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم قاتنىشى سانائىتى شىركىتى، ئاسەلسان، روكەتسان قاتارلىق بۇ ساھەلەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تۈرك شىركەتلىرىنىڭ خىزمەتلىرىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى. زىيارەت ھەققىدە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان خەۋەرلەردە، تۈركىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ ئانتونوۋ ئايروپىلانىنى ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش مەسىلىسىدە تېخنىكىلىق مۇزاكىرىلەرنىڭ باشلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئۇرۇسكىنىڭ تۈركىيە زىيارىتى ھارپىسىدا، ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنىسكى، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن ۋە تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئاۋىياتسىيە گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى خالۇق بايراقتارغا ئۇكرائىنانىڭ دۆلەت ئوردېنى بېرىلىشى نىشان قىلىنغان قارارنامىنى ئىمزالىدى.

«ۋۇخەن ۋىرۇسى» مەزگىلىدە ئوتتۇرىغا چىققان توسالغۇغا قارىماي، تۈركىيە – ئۇكرائىنا مۇناسىۋەتلىرى بارغانسېرى تەرەققىي قىلماقتا. تۈركىيە دەسلەپتىن تارتىپلا ئۇكرائىنالىق ساياھەتچىلەرگە ئىشىكىنى ئاچتى. ھازىرغىچە 200 مىڭدىن ئارتۇق ئۇكرائىنالىق تۈركىيەدە ساياھەتتە بولدى. 2020 – يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا ھەجمى، بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا % 1.7 ئېشىپ، 2.27 مىليارد دوللارغا يەتتى.  21 – ئاۋغۇست كۈنى ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد مىنىستىرلىرىنىڭ ۋىدېئو كونفېرانس ۋاسىتىسى ئارقىلىق چاقىرىلغان يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغىنىدەك، تۈركىيە – ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا ئەركىن سودا كېلىشىمى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىمزالانغان تەقدىردە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا ھەجمىنى 10 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈش نىشانى بىرقانچە يىل ئىچىدە ئىشقا ئېشىشى مۇمكىن.

ئىستىراتېگىيەلىك دەپ ئاتالغان تۈركىيە – ئۇكرائىنا مۇناسىۋەتلىرى ھەر جەھەتتىن تەرەققىي قىلماقتا. ئۇكرائىنا مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەمىنە جاببار 23 – ئاۋغۇست كۈنى دۆلىتىنىڭ تۈرك كېڭىشىگە كۆزەتكۈچى ئەزا بولۇش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. تۈركىيە بۇ تەلەپنى تەشكىلاتنىڭ كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزىدۇ. ئۇرۇسكىنىڭ زىيارىتى دۆلەت مۇداپىئەسى سانائىتى ساھەسىدە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر