خىتايغا قانداق قاراش كېرەك؟- 2

پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۈلبۈلنىڭ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئانالىزى

1229327
خىتايغا قانداق قاراش كېرەك؟- 2

پىروگراممىمىزنىڭ ئالدىنقى بۆلۈمىدە تۈركىيەدە خىتايغا مۇناسىۋەتلىك بەزى خاتا چۈشەنچىلەر توغرىسىدا توختىلىش بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ ئەنقەرە ئەلچىسىنىڭ تەكلىپى، ئىرامنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى  بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن خىتاي خىزمەت زىيارىتىنى قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتكەنىدۇق.

ئىككى دۆلەتنىڭ چەكلىمىلەرنى بۇزۇپ تاشلاش يولىدىكى تىرىشچانلىقلىرى: خىتاي بىلەن تۈركىيە ئۇزۇن تارىخى، سىياسىي ۋە مەدەنىيەت جۇغلانمىسى بولغان، لېكىن 20-ئەسىردە بۇ جۇغلانمىلىرى ۋە رولى زور دەرىجىدە چەكلىمىگە ئۇچرىغان دۆلەتلەردۇر. تەخمىنەن قىلىنغاننىڭ ئەكسىچە، ھەر ئىككى دۆلەت يەر شارىلىشىش مۇساپىسىسىدىن غەربلىك دۆلەتلەرگە قارىغاندا زور ئۇتۇق بىلەن ئۈزۈپ چىقتى. نۆۋەتتە ھەر ئىككى دۆلەت 20-ئەسىردە ئۆزلىرىگە بېكىتىپ بېرىلگەن پاسىللاردىن ھالقىپ ئۆتۈش ئۈچۈن زور كۈچ سەرپ قىلماقتا. تۈركىيە بۇنى ئوچۇق-ئاشكارە قىلىۋاتقان بولسا، خىتاي ئۈن-تىنسىز ئېلىپ بارماقتا.

ھازىرقىدەك قىيىن كۈندە ئىككى دۆلەت بىر-بىرىگە ئېھتىياجلىق: تۈركىيەمۇ خىتايغا ئوخشاش تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىۋاتقان، كەلگۈسىدە دۇنيا بويىچە ئىقتىسادىي كۈچلۈك دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىش ئېھتىمالى يۇقىرى بولغان دۆلەتلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. خىتايمۇ تۈركىيەگە ئوخشاش خەلقئارادا ئاكتىپ رول ئويناش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە، لېكىن دۇنيادىكى چوڭ كۈچلەر خىتايغا زور توسالغۇلارنى پەيدا قىلماقتا.دۇنيادىكى چوڭ كۈچلەر بىلەن تاق يۆنىلىشلىك ئەمەس مۇۋازىنەتلىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشنىڭ كويىدا يۈرۈۋاتقان بۇ ئىككى دۆلەت، زور دەرىجىدە ئىستراتېگىيەلىك مۈشكۈلاتلارغا دۇچ كەلمەكتە. ھەر ئىككى دۆلەت تەبىئىي بايلىقلار جەھەتتە سىرتقى بېقىندى بولۇپ، بۇ ئىككى دۆلەت ئۆزلىرىگە قارىتىلىۋاتقان بېسىم سىياسەتلىرىنى تەڭپۇڭ ھالەتكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، خەلقئارا سەھنىدە كۆپ يۆنىلىشلىك ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋەتلەر ئورنىتىش كېرەك.

خەلقئارادىكى ئۆزگىرىشلەرگە قارىتا ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ تۇتقان پوزىتسىيەسىدىكى ئوخشاشلىقلار: ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئېمبارگو ۋە بېسىم تەھدىتى ئاستىدا بولۇشى، ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسەتلىرىنى قوبۇل قىلماسلىقى، ئىشلەپچىقىرىش ۋە سودىغا ئەھمىيەت بېرىشى، ئوتتۇرا شەرق قاتارلىق دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا مال سېتىش ئۈچۈن دۇنيادا ئۇرۇشلارنى ئەمەس تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى قوللىشى، كۈنسايىن يۈكسىلىۋاتقان كۈچ بولغانلىقى ئۈچۈن بېكىنمە سىياسىتىنى ئەمەس ئېچىۋېتىش سىياسىتىگە ئەھمىيەت بېرىشى، دوللار سەۋەبلىك كېلىپ چىققان كىرىزىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مىللىي پۇللارنى ئىشلىتىش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى (خىتاي بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا مىللىي پۇللارنى ئىشلىتىش ئۈستىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىندى) قاتارلىقلار... جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ خىتايدىكى «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى»دە ئېلان قىلدۇرغان ماقالىسىدە تەكىتلىگىنىدەك، يېڭى دۇنيا تۈزۈمى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىق ئورنىتىشى تولىمۇ زۆرۈر. شۇڭلاشقا، ھەر ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئۈچۈن دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىسىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ۋە قىيىنچىلىقلارنى مۇزاكىرە قىلىشقا مەجبۇر.

ئۇيغۇر مەسىلىسى ياكى تېخىمۇ بۈيۈك ئىستراتېگىيەنىڭ زۆرۈرلىكى: خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن تۈركىيەدىن خىتايغا بارغان ياكى خىتايدىن تۈركىيەگە كەلگەن ھەيئەتلەر ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە سەزگۈر قارايدىغانلىقىنى، شۇڭا بۇ مەسىلىنى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى كۈنتەرتىپكە كىرگۈزمەسلىك كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ ئاگاھلاندۇراتتى. بۇ ئاگاھلاندۇرۇشلار كاللامدىن قەتئىي ئۆتمەيتتى، بۇنچىلىك سەزگۈر مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلماسلىق،  نەزەردىن ساقىت قىلىش ھەقىقەتكە ۋە رىئاللىققا سىغامدۇ؟ بۇنداق سۈنئىيلىك خاھىشىنى ئۇزۇن مەزگىل  داۋاملاشتۇرغىلى بولامدۇ؟ بۇ مەسىلە ھەقىقەتەن سەزگۈر بولسا بۇ مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلماي تۇرۇپ باشقا مەسىلىلەرنى قانداق مۇزاكىرە قىلغىلى بولسۇن؟ بۇنچىلىك سەزگۈر مەسىلىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلمەي يوشۇرۇش ئۆزىمىزنى ئالدىغانلىق بولمامدۇ؟

دېگەندەك مەسىلە مەن ئويلىغاندەك چىقتى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەر تۆت ئۇچرىشىشنىڭ ئۈچىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى كۈنتەرتىپكە كېلەتتى. كۆپ ۋاقىتلاردا خىتاي ھەيئەتلىرى بۇ مەسىلىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلەتتى، تۈرك ھەيئەتلىرى خىتاي ھەيئەتلىرىدەك كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلمەيتتى، لېكىن ئانچە-مۇنچە ئېلىپ كېلەتتى. ئۇچرىشىشلار جەريانىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بىزدىنمۇ بەكرەك سەزگۈر قارايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتۇق. تۈرك دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قانداق قارايدىغانلىقى ھەممىگە مەلۇم، خىزمەت زىيارىتىمىز خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ مەسىلىگە قانداق قارايدىغانلىقىنى چۈشىنىپ  يېتىشىمىزگە تۈرتكە بولدى. خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە  ئۆزىنىڭ تەرەققىياتىغا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ توسالغۇ بولۇش ئۈچۈن كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىۋاتقان مەسىلە سۈپىتىدە قارايتتى، خىتاي ھۆكۈمىتى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتاي دۆلىتىگە قارشى كوزۇر قىلىپ ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى ئويلاتتى.  خىتاي دائىرىلىرى ئىزچىل ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئۆزىنىڭ ئىچكى مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى، شۇڭلاشقا تۈركىيەنىڭ بۇ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتى تۈركىيەدىن غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خىتاينى پارچىلاش ئۇرۇنۇشلىرىغا تۈركىيەنىڭ يانتاياق بولماسلىقىنى تەلەپ قىلماقتا.

«ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى نۇقتىسىدىن تولىمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. تۈركىيە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە پەرقلىق قارايدۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى باشقىچە قارايدۇ. بەزى غەرب دۆلەتلىرى قىرىم مەسىلىسىدە رۇسىيەگە قانداق پوزىتسىيە تۇتقان بولسا، ئۇيغۇر مەسىلىسىدىمۇ خىتايغا قارشى ئوخشاش پوزىتسىيە تۇتۇشى مۇمكىن، يەنى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كوزۇر قىلىپ ئىشلىتىشى مۇمكىن. غەرب دۆلەتلىرىگە نىسبەتەن ئۇيغۇرلار بىر مىللەت بولۇشتىن بەكرەك رەقىبلىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇشتا ئىشقا يارايدىغان ئويۇنچۇق ئورنىدا كۆرۈلىدۇ. لېكىن تۈركىيە ئۇيغۇرلارغا ئۇنداق قارىمايدۇ، چۈنكى تۈركلەر بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدا تارىخ، مەدەنىيەت ۋە قانداشلىق جەھەتتە چوڭقۇر مۇناسىۋەت بار. تۈركىيە ئۇيغۇرلارغا مۇشۇ نۇقتىدىن قارايدۇ. تۈركىيەنىڭ باشقا دۆلەتلەردىمۇ قانداش ۋە قېرىنداشلىرى ياشايدۇ، تۈركىيەنىڭ بۇ قېرىنداش ۋە قانداش مىللەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قانداقتۇر تاللاش مەسىلىسى بولماستىن، بەلكى تارىخنىڭ تەقەززاسىدۇر. تۈركىيە تۈركىي مىللەتلەر ياشايدىغان دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى قەتئىي خالىمايدۇ، بەلكى بۇ دۆلەتلەردىكى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي، مەدەنىي ۋە ئىنسانىي جەھەتتە خاتىرجەم ۋە ھۇزۇر-ھالاۋەتتە ياشىشىنى، شۇنداقلا ياشاۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. تۈركىيە بالقان رايونى، رۇسىيە، ئوتتۇرا شەرق، ئىران ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى بۇ دۆلەتلەر بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئۈچۈن تېپىلغۇسىز پۇرسەت سۈپىتىدە كۆرىدۇ.  تۈركىيە ئۇيغۇرلارغا ھەرگىزمۇ غەرب دۆلەتلىرى قارىغاندەك قارىمايدۇ، بۇ سەۋەبتىن تۈركىيەنىڭ بۇ دۆلەتلەرگە ئوخشاش ئۇيغۇرلار توغرۇلۇق باشقىچە غەرىزى ۋە يوشۇرۇن پىلانى يوق.

ئورتاق خىزمەت گۇرۇپپىسى: خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا سۈزۈك ۋە ئوچۇق سىياسەت يولغا قويسا، شۇنداقلا تۈركىيە بىلەن تېخىمۇ ياخشى ھەمكارلىق ئورناتسا، ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئۆزىگە قارشى يولغا قويۇلىدىغان سىياسەتلەرگە ئاكتىپ تاقابىل تۇرالايتتى. ئىككى دۆلەت يىراقتا تۇرۇۋېلىپ بىر-بىرىگە گۇمان بىلەن قاراشنىڭ ئورنىغا، يېقىن ھەمكارلىق ئورناتسا ھەر ئىككى دۆلەتكە پايدىلىق. شۇڭلاشقا بۇ دائىرىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بولۇپ بارلىق مەسىلىلەر توغرۇلۇق تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئورتاق خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇلۇشى كېرەك.

بۇنىڭدىن سىرت، ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بېرىۋاتقانلار ھادىسىلەرنى نەزەردىن ساقىت قىلالمايمىز. ئۇيغۇر رايونىدىكى ھادىسىلەرنى نەزەردىن ساقىت قىلساق قانداقمۇ خىتاي بىلەن توغرا يوسۇندا مۇناسىۋەت ئورنىتالايمىز. بۇ ئىشقا ئەكسىچە پوزىتسىيە تۇتساق نە خىتايغا نە بىزگە، نە ئۇيغۇرلارغا پايدىسى يوق. بىز ئالدى بىلەن تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى توغرۇلۇق ئىستراتېگىيەلىك نىشان بېكىتىشىمىز لازىم. ئۇيغۇرلار تۈركىيە-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەس بىر قىسمى بولۇشى كېرەك، بۇ جەھەتتە ھەر ئىككى دۆلەت يېقىندىن ھەمكارلىق ئورنىتىشى لازىم.

قىسقىسى، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي گۈللىنىشى، تېخنولوگىيەلىك تەرەققىياتى،خەلقئارىدىكى كۈچلۈك نوپۇزى ۋە تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىقى قاتارلىقلارغا سەل قاراشقىمۇ بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ ئېتىراپ قىلغۇسى بولمىسىمۇ، خىتاي دۇنيادا دەرىجىدىن تاشقىرى دۆلەت بولۇش يولىدا ئىلگىرىلىۋاتىدۇ. خىتاي سىياسىتى، خەلقئاردىكى ئورنى ۋە باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، ئىقتىسادىي، جەمئىيەت قۇرۇلمىسى، مەدەنىيىتى، تېخنولوگىيەسى ۋە باشقا ساھەلەر توغرۇلۇق دۆلەت ئورۇنلىرىمىز، ئالىي مەكتەپلىرىمىزدىكى تەتقىقات مەركەزلىرىمىز، خۇسۇسىي ساھەلىرىمىز تېخىمۇ كۆپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا ۋە بۇ ساھەدە ئىقتىسادسلىق كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈش چىقىشقا مەجبۇر. بىز بۇ ئىشتا تېخى دەسلەپكى باسقۇچتا تۇرىۋاتىمىز، شۇڭا دۆلىتىمىزنىڭ دۇنيادا ئاكتىپ رول ئوينىيالىشى ئۈچۈن خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىز توغرۇلۇق ئەتراپلىق چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشقا ۋە خىتاي بىلەن تۈركىيەنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلغان ھالدا ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ئورنىتىشقا توغرا كېلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر