دانلارنى ۋە ئۇرۇقچىلارنى بىخ ئۇرغۇزغۇچى ھەقىقەتەن ئاللاھتۇر

تىرىكنى ئۆلۈكتىن ۋە ئۆلۈكنى تىرىكتىن چىقارغۇچى ئەنە شۇ ئاللاھتۇر.

1146141
دانلارنى ۋە ئۇرۇقچىلارنى بىخ ئۇرغۇزغۇچى ھەقىقەتەن ئاللاھتۇر

دانلارنى ۋە ئۇرۇقچىلارنى بىخ ئۇرغۇزغۇچى ھەقىقەتەن ئاللاھتۇر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئەنئام سۈرىسى، 95 – 101 – ئايەتلەر. دانلارنى ۋە ئۇرۇقچىلارنى بىخ ئۇرغۇزغۇچى ھەقىقەتەن ئاللاھتۇر، تىرىكنى ئۆلۈكتىن ۋە ئۆلۈكنى تىرىكتىن چىقارغۇچى ئەنە شۇ ئاللاھتۇر، (ئاللاھنىڭ ئىبادىتىدىن) قانداقمۇ باش تارتىسىلەر؟[95]. ئاللاھ سۈبھىنى (قاراڭغۇدىن) يېرىپ چىقارغۇچىدۇر (يەنى تاڭنى يورۇتقۇچىدۇر)، ئاللاھ كېچىنى (سىلەر ئۈچۈن) ئىستىراھەت قىلىپ ياراتتى، (سىلەرنىڭ) ۋاقىت ھېسابلىشىڭلار ئۈچۈن قۇياش بىلەن ئاينى ياراتتى[96]. قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدا (يەنى كېچىلىك يول يۈرگىنىڭلاردا) يول تېپىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرگە يۇلتۇزلارنى يارىتىپ بەردى. (ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى) بىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن، (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ) دەلىللىرىنى ھەقىقەتەن ئوچۇق بايان قىلدۇق[97]. ئاللاھ سىلەرنى بىر ئىنساندىن (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن) ياراتتى، سىلەرنى ئاتاڭلارنىڭ پۇشتىدا، ئاناڭلارنىڭ بەچچىدانىدا قارارلاشتۇردى، چۈشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەرنى ھەقىقەتەن ئوچۇق بايان قىلدۇق[98]. ئاللاھ بۇلۇتتىن يامغۇر سۈيىنى چۈشۈردى، شۇنىڭ بىلەن بارلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۈندۈردى، ئۆسۈملۈكلەردىن يېشىل ياپراقلارنى چىقاردى، (بوغداي ۋە ئارپا باشاقلىرىغا ئوخشاش) بىر ـ بىرىگە مىنگىشىپ كەتكەن دانلارنى يېتىشتۈردى، خورما دەرىخىنىڭ چېچەكلىرىدىن يەرگە يېقىن ساڭگىلاپ تۇرىدىغان خورما ساپاقلىرىنى يېتىشتۈردى، (يامغۇر سۈيى بىلەن) ئۈزۈملۈك باغلارنى يېتىشتۈردى، (يامغۇر سۈيى بىلەن) شەكىلدە، ھەجىمدە، تەمدە بىر ـ بىرىگە ئوخشايدىغان ۋە ئوخشىمايدىغان زەيتۇن، ئانار دەرەخلىرىنى يېتىشتۈردى، (ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ) يېڭى تۇتقان مېۋىسىگە ۋە پىشقان مېۋىسىگە قاراڭلار، ئۇلاردا ئاللاھنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئوچۇق دەلىللەر بار[99]. جىنلارنى ئاللاھ ياراتقان تۇرسا، (مۇشرىكلار) جىنلارنى ئاللاھقا شېرىك قىلىۋېلىشتى، ئاللاھقا جاھالەتتىن ئوغۇل، قىزلارنى ئويدۇرۇپ چىقىرىشتى، ئاللاھ (مۇشرىكلار ئىپتىرا قىلغان نەرسىلەردىن) پاكتۇر، ئۇلارنىڭ سۈپەتلىگەنلىرىدىن ئۈستۈندۇر[100]. ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە يەرنى ئۆرنەكسىز ياراتقۇچىدۇر، ئاللاھنىڭ خوتۇنى يوق تۇرسا، قانداقمۇ بالىسى بولسۇن؟ ھەممە نەرسىنى ئاللاھ ياراتقان، ھەممە نەرسىنى ئاللاھ ئوبدان بىلگۈچىدۇر[101].



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر