تۈركىيەنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپىنىڭ يۇرتتا تىنچلىق، دۇنيادا تىنچلىق ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟

دىدەم ئۆزتاشباشى تەرىپىدىن تەييارلانغان «بىلىۋېلىڭ» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا « يۇرتتا تىنچلىق، دۇنيادا تىنچلىق» دېگەن سۆزگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

1133892
تۈركىيەنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپىنىڭ يۇرتتا تىنچلىق، دۇنيادا تىنچلىق ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟

تۈركىيەنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپىنىڭ يۇرتتا تىنچلىق، دۇنيادا تىنچلىق ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟

1920 – يىلىدىن بۇيان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپىنىڭ، قۇرغۇچىسى مۇستافا كەمال ئاتاتۈركنىڭ دېگىنىدەك «يۇرتتا تىنچلىق، دۇنيادا تىنچلىق» ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟

مۇستاپا كەمال ئاتاتۈرك بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:

«تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق پىرىنسىپلىرىنىڭ بىرى بولغان <يۇرتتا تىنچلىق، دۇنيادا تىنچلىق> غايىسى، ئىنسانىيەتنىڭ ۋە مەدەنىيەتنىڭ ئىلگىرىلىشى ۋە پاراۋانلىقىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل بولسا كېرەك. بۇنىڭغا قولىمىزدىن كېلىشىچە خىزمەت قىلغان ۋە قىلىۋاتقان بولۇش، بىزگە نىسبەتەن ئىپتىخارلىنىدىغان بىر ئىشتۇر.»

«يۇرتتا تىنچلىق، دۇنيادا تىنچلىق ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتىمىز.»

«تىنچلىق يولىدا قەيەردىن بىر چاقىرىق كەلسە، تۈركىيە ئۇنى چىن كۆڭلىدىن قارشى ئالدى ۋە ياردەملىرىنى ئايمىدى.»

مەنبە:

Profesör Doktor Utkan Kocatürk, Atatürk’ün Fikir ve Düşünceleri; 1933 (Atatürk’ün T.T.B.IV, s. 560), 1933 (Atatürk’ün T.T.B.IV, s. 560), 1937 (Atatürk’ün S.D.I, s. 388)



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر