ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنى خاتىرىلەش ھەپتىسى بۈگۈن باشلاندى

بۈگۈندىن باشلاپ ئالدىمىزدىكى بىر ھەپتە بويىچە تۈركىيەدە ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنى خاتىرىلەيمىز.

1133897
ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنى خاتىرىلەش ھەپتىسى بۈگۈن باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى ئۈچ قىتئەگە سوزۇلىدىغان زېمىنلىرى بىلەن ئەسىرلەر بويىچە دۇنياغا تەرتىپ – ئىنتىزام ئورناتتى. ئاسىيادىكى ئانا يۇرتىدىن ياۋروپاغا سوزۇلغان بىر بۆرە مىسالى ئەسىرلەر بويىچە داۋاملىشىدىغان ۋە تەسىرى دەۋرىمىزدىمۇ داۋاملىشىۋاتقان بىر مەدەنىيەتنىڭ ئىنسانىي پوزىتسىيەسى نامايان قىلىنغان گۈزەل كۈنلەر ئىدى. ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ دەۋرى، ئۇنىڭغا مەنسۇپ بولمىغان ئامىللارغىمۇ ئادالەت ۋەدە قىلىنغان دەۋردۇر. ئوسمانلى دەۋرىنى تەتقىق قىلماي تۇرۇپ، رۇسىيەنىڭ، گېرمانىيەنىڭ، بالقانلارنىڭ، ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ياۋروپانىڭ تارىخىنى چۈشەنگىلى بولمايدۇ. ئورنى پەقەتلا تولدۇرۇلالمىغان بۇ ئادالەت چۈشەنچىسى بەلكى دەۋرىمىزدىمۇ بۇ زېمىنلاردا يۈز بېرىۋاتقان قان ۋە كۆز يېشىنىڭمۇ دورىسى ئىدى. ئىنسانىيەت تارىخىغا تەڭداشسىز ئىزلارنى قالدۇرۇپ كەتكەن ۋە بىز مەدەنىيىتىنىڭ ۋارىسلىرى بولغانلىقىمىزدىن ئىپتىخارلىنىۋاتقان ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنى خاتىرىلەش ھەپتىسى قۇتلۇق بولسۇن!



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر