ئەگەر ياۋروپا ئىتتىپاقى تارقىلىپ كەتسە (ئاۋازلىق)

دۇنيا كۆزنىكى (51)

1110078
ئەگەر ياۋروپا ئىتتىپاقى تارقىلىپ كەتسە (ئاۋازلىق)

دۇنيا كۆزنىكى (51)

«ئەگەر ياۋروپا ئىتتىپاقى تارقىلىپ كەتسە»

(پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇل)

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «دۇنياغا نەزەر» يەنى، «دۇنيا كۆزنىكى» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا ئەنقەرە يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇلنىڭ «ئەگەر ياۋروپا ئىتتىپاقى تارقىلىپ كەتسە» تېمىلىق ئانالىزىنىدىققىتىڭلارغا سۇنىمىز:

 

يىقىنقى يىللاردىن بۇيان ئەنگلىيەنىڭ ئىتتىپاقتىن ئايرىلىش قارارى، ئىتالىيە ۋە بەزى ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىدىكى نارازىلىقلار، ئەۋج ئېلىۋاتقان ئىرقىۋازلىقلار ۋە نەپرەت شوئارلىرى، ئاخىرىدا سېرىق چىلىتكىلىكلەر نامايىشى دېگەنگە ئوخشاش ئامىللار سەۋەبىدىن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كەلگۈسى مۇنازىرە تەلەپ قىلىدىغان بولۇپ قالدى. بۇ ماقالىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىگە قىلغانلىرى ۋە كەلگۈسى ھەققىدە توختىلىمىز.

ياۋروپا ئىتتىپاقى دېگەن نېمە؟

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەسلىدە ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ باشقا جايلاردىكى ئېمپىرىيالىست ئۇرۇنۇشنىلىرى ئاخىرىلاشقاندىن كېيىن، ئۆزئارا ئۇرۇشنى توسۇپ قىلىش مەقسىتىدە قۇرۇلغان بىر ئىتتىپاقتۇر. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قۇرغۇچىلىرى ئۆزئارا ئۇرۇش چىقمىسىلا يەر شارى خاراكتېرلىق ئېكسپالاتاتسىيەلەردىن ئانچە بىئارام بولۇپ يۈرمەيدۇ. بىراق باشتىن كەچۈرگەن 2 قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشى ۋە بۇ ئۇرۇشلارنىڭ ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە شۇنداقلا پۈتۈن ئىسنانىيەتكە كەلتۈرگەن ئىقتىسادىي زىيانلىرى، ئۇلارنى 3دۇنيا ئۇرۇشىغا دۈچ كېلىپ قالماسلىق ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىشقا يۈزلەندۈردى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىگە قىلغان تىنچلىق ۋە كۆپ خىللىشىش

ياۋروپا ئىتتىپاقى قولغا كەلتۈرگەن ئىقتىسادىي ئۇتۇق، بەرپا قىلىنغان ھەمكارلىق ۋە مۇقىملىقنىڭ شۇنداقلا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئورتاق قىممەت قاراشلارنىڭ نەتىجىسىدۇر. ئىقتىسادىي ئۇتۇق مۇشۇنداق مۇھىت يارىتىلغانلىقتىن پەيدا بولغان.

ئىسرائىلىيەلىك تارىخ پىروفېسسورى ھېبرىۋ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى يۇۋال نۇئاھ ھارارىنىڭ ئالدىنقى ھەپتە ھۆررىيەت گېزىتىگە چىققان سۆھبىتىدە ئېيتقىنىغا ئوخشاش، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئاساسلىق ئۇتۇقى ياۋروپا قىتئەسىگە تىنچلىقنى ئېلىپ كەلگەنلىكى بولدى.  ياۋروپا ئىتتىپاقى تارقىلىپ كەتسە، ئۇرۇش ياۋروپاغا يۈزلىنىشى مۇمكىن. ھارارىنىڭ تۆۋەندىكى سۆزلىرىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى لايىھەسىنىڭ ياۋروپاغا تىنچلىق، كۆپ خىللىشىش ۋە مۆتىدىللىق نۇقتىسىدىن قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلىرىنىڭ مەنبەسىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: 

«ئوتتۇرا ئەسىر ياۋروپاسىدا كەڭ قورساقلىقتىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى. 1600يىللىرىدا پارىژدا ھەممەيلەن كاتولىك ئىدى. ھەر قانداق بىر پىروتېستانت شەھەرگە كىرىپ قالسا، ئۇنى ئۆلتۈرەتتى. لوندوندا بولسا، ھەممەيلەن پىروتېستانت ئىدى. ھەر قانداق بىر كاتولىك شەھەرگە كىرىپ قالسا ئۆلتۈرۈلەتتى. ئۇ چاغلاردا ياۋروپادا يەھۇدىيلار قوغلاپ چىقىرىلاتتى. ھېچ كىشى مۇسۇلمانلارنى خالىمايتتى. ۋاھالەنكى دەل شۇ دەۋردە ئىستانبۇلدا پەرقلىق مەزھەپلەرگە ئىگە مۇسۇلمانلار، كاتولىكلار، ئەرمنىيلەر، ئورتودوكىسلار، سىگانلار ۋە بۇلغارلار بىرلىكتە خوشال خورام ياشايتتى»

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قىممەت قاراشلىرى

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قىممەت قاراشلىرى دېيىلگەندە ئومۇمەن ئەقىلگە كېلىدىغىنى دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق، قانۇننىڭ ئۈستۈنلۈكى، باراۋەرلىك، ئەركىنلىك، كۆپ خىللىشىش، مۆتىدىللىق، ھەمكارلىق ياردەملىشىش، ئايرىمچىلىق ۋە نەپرەت شوئارلىرىنى رەت قىلىش... قاتارلىق قىممەت قاراشلار رەتكە تىزىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتلەرنىڭ ھەممىسىدە بۇ قىممەت قاراشلارنى ئوخشاش بولمىغان شەكىلدە ئۇچراتقىلى بولىدۇ. شۇڭا بۇ قىممەت قاراشلارنى ياۋروپا ئوتتۇرىغا چىقارغان دەپ قاراش خاتا. ھارارىنىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرىدىنمۇ كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئىسلام دۇنياسىدا كىشىلىك ھوقۇق، كۆپ خىللىشىش، مۆتىدىللىق دېگەنگە ئوخشاش قىممەت قاراشلار ئۇزۇن ئەسىرلەر بويىچە ئىجرا قىلىنىپ كەلگەن بولسا، ياۋروپانىڭ بۇ قىممەت قاراشلارغا ئىگە بولۇشىنىڭ تارىخى تېخى بەكلا يېڭى.  باشقا مەدەنىيەتلەر تەرىپىدىن بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆزلەشتۈرۈلگەن ۋە كۆپىنچە ھاللاردا پەقەتلا ياۋروپاغا خاس بولمىسىمۇ، يۇقرىدا دېيىلگەن قىممەت قاراشلارغا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۆز قىممەت قاراشلىرى سۈپىتىدە ئىگە چىقىشى ئەسلىدە ئىجابىي بىر ئىلگىرىلەشتۈر. ئۆز ئۆزىگە بولغان ئىسەنچىنىڭ ئىپادىسىدۇر. بۇ قىممەت قاراشلارغا ئىگە بولۇش بىلەن تەڭ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۆز ئىچىدە تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى ۋە رايون خاراكتېلىق تىنچلىقتا مۇئەييەن دەرىجىدە ھەسسە قوشقانلىقىنى تىلغا ئالالايمىز. ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى ۋە ياۋروپا ئىتىپاقى قىممەت قاراشلىرى بۇ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھالاكەتلىك رىقابەتنى ۋە ئېكىسپالاتاتسىيەنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تورمۇزلاپ قالدى. 20ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ھەر 25 يىلدا بىر قېتىم ئۆزئارا ئۇرۇش قىلىغان ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا تەخمىنەن 80 يىلدىن بۇيان تىنچلىق داۋاملىشىۋاتقان بولسا، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئەشۇ ئەھۋاللاردۇر. 

ياۋروپا ئىتتتىپاقىنىڭ بۈگۈنكى قىممەت قاراشلىرىچۇ؟

 «تۈنۈگۈننىڭ ئاپتىپى بىلەن بۈگۈنكى كېيىمنى قۇرۇتقۇلى بولمايدۇ، بۈگۈنكى كۈندە ياۋروپا ئىتتىپاقى قىممەت قاراشلار مەركىزى ئەمەس» دېگەن بىر ئېتىراز قولۇقىمغا كېلىۋاتقاندەك قىلىۋاتىدۇ. شۇنىڭدەك «ياۋروپانىڭ ئۆزى ئەگەر ئۆزىگە ئەزا بولۇش ئۈچۈن بەلگىلەنگەن شەرتلەرنى ئورۇندايمەن دېسە، ھەرگىز ئەزا بولالمايدۇ» دېگەنلەرنىمۇ ئاڭلاۋاتقاندەك قىلىۋاتىمەن. بارغانچە ئەۋج ئېلىۋاتقان ئىرقىۋازلىق شوئارلىرى، ياۋروپا ئىتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ پاناھلانغۇچىلارنى ئىنسان ئورنىدا كۆرمەسلىك پوزىتسىيەلىرى تۈپەيلىدىن كىشىلىك ھوقۇق ئىمتېھان نۇمۇرلىرىنىڭ تولىمۇ تۆۋەن بولۇشىغا، كۆپخىللىق ۋە ھەمكارلىقنىڭ ئورنىنى بارغانچە فاشېستىزم پوزىتسىيەسىلىرىنىڭ قاپلاپ كېتىشىگە سەۋەب بولماقتا. بۇ ئەھۋال ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قىممەت قاراشلىرىغا ۋە كەلگۈسىگە ئوچۇق ئاشكارا تەھدىت شەكىللەندۈرمەكتە.  

ئەگەر ياۋروپا ئىتتىپاقى تارقىلىپ كەتسىچۇ؟

ئىقتىسادىي ئەندىشىلەر، فاشېست پارتىيەلەرنىڭ ئېشىۋاتقان تەسىرى، ئەمدىلىكتە قىممەت قاراش ئالاھىدىلىكى بولغان بايلىقلىرىنىڭمۇ بارغانچە يوقۇلۇشى دېگەندەك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تارقىلىپ كېتىش ئېھتىمالى جىددىي تالاش - تارتىش ياراتماقتا. بۇ ئەھۋاللار ۋە بەزى مەسىىلىلەردىكى پىرىنسىپسىز، ئىككى يۈزلۈك سىياسەتلەر سەۋەبىدىن بەزىلەر، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بارغانچە ئۈنىمىنى يوقۇتۇپ قويۇۋاتقانلىقىنى شۇڭا تارقىلىپ كېتىش ئېھتىمالىنىڭمۇ چوڭ بىر مەسىلە ياراتمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. بىراق مەن ياۋروپانىڭ تارقىلىپ كېتىشىنىڭ ئۆزىگە، رايونىغا ۋە ئىنسانىيەتكە نىسبەتەن تېخىمۇ كۆپ زىيان كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىدىن ئەندىشە قىلماقتىمەن.  

ئالدى بىلەن شۇنى ئۇنتۇماسلىق كېرەككى، غەرب ئېمپىرايالىزمىنىڭ ئەڭ زالىم دەۋرلىرى دەل ياۋرروپا ئىتتىپاقى قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرىكى مەزگىللەرگە توغرا كېلىدۇ. شۇڭا ياۋروپا ئىتتىپاقى قىممەت قاراشلىرىدىن ۋە بىر بىرىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئالاھىدىلىكلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ تېخىمۇ مۆلچەرلىگۈسىز ھالغا كېلىپ قىلىشى تۇرغانلا گەپ.

قېنى ئەمىسە بەزى سوئاللار بىلەن ئەندىشىلىرىمنى تەپىسلىي چۈشەندۈرەيلى.

1ياۋروپا ئىتتىپاقى بولمايدىغان بولسا، ياۋروپا دۆلەتلىرىنى ئۆز ئىچىدە يەر شارى خاراكتېرلىق ئېمپىرىيالىزىم ئۇرۇنۇشلىرىدىن توسۇپ قالالايدىغان نېمە قالىدۇ؟ يېقىن ئۆتمۈشتە تۇتۇشقان ھالاكەتلىك ۋەھشىيانە رىقلابەتلىرىنى زادى نېمە چەكلەپ قالىدۇ؟  

بۇ ئەندىشىلەرگە قارىتا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ياكى ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئەمدىلىكتە يەر شارىي خاراكتېرلىق بىر ئاكتىيور ئەمەس، ئامېرىكا ۋە رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا سىقىشىپ قالغان، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئىلگىرىلەشلىرىگە قارشى سىياسەت يارىتالمىغان ئۈنۈمسىز بىر ئاكتىيور ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىشى مۇمكىن. شۇنداق دەپ قارىغان تەقدىردىمۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقى رامكىسى بولمىغان ئەھۋالدا ياۋروپا دۆلەتلىرى تېخىمۇ بەك يەر شارى خاراكتېرلىق ئاكتىيورلارغا قوشۇلۇشقا باشلايدۇ. بۇ ئەھۋال ياۋروپا ئىچىدە ۋە رايونىدا توقۇنۇش خەۋپىنى ئاشۇرماسمۇ؟

2ياۋروپا ئىتتىپاقى بولمىغان بىر ئەھۋالدا بەلىگىلىك پىرىنسىپلار ۋە قىممەت قاراشلار چەكلىك ھالغا چۈشۈپ قالغان بىر رىقابەت مۇھىتى پەيدا بولىدۇ، بۇ رىقابەت ياۋروپادا زادى نېمىگە خىزمەت قىلىدۇ؟

3ھازىرقى چاغدا ياۋروپادا ياۋروپا ئىتتىپاقى قىممەت قاراشلىرى بارغانچە ئېرىپ تۈگىمەكتە. ئىرقۋازلىق، يېڭى تاتسىزم، يېڭى فاشېست ھەرىكەتلەر تىز ئەۋج ئالماقتا. ياۋروپادا بۇ ئېقىملارغا تەسلىم بولمىغان دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ سانى ئىنتايىن ئاز. مېركېل ئاخىرىقى مۆتىدىل دۆلەت ئەربابى بولۇپ قالىدىغاندەك قىلىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تارقىلىپ كېتىشى بىرىنچى بولۇپ ياۋروپادا تۇرۇشلۇق كۆچمەنلەر ۋە مۇسۇلمانلارغا ئاندىن ياۋروپانىڭ ئۆزىگە نىسبەتەن تېخىمۇ بەك بېكىنمىلىك ۋە ئىرقىي ئايرىمچىلقلارنى كەلتۈرۈپ چىقارماسمۇ؟

4ياروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇزۇلىشى، دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق، ھەمكارلىق كۆپ خىللىشىش ۋە ئوچۇق جەمئىيەت قاتارلىق قىممەت قاراشلارنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. دۇنيادا تېخىمۇ بېكىك، تېخىمۇ مىللەتچى، دىكتاتۇرچى ۋە بەلكى تېخىمۇ ھاكىممۇتلەق پەزىتسىيەلەر ئالدىنقى پىلانغا چىقىدۇ.  بۇ ئەھۋال كىشىلىك تۇرمۇشنى تېخىمۇ سەلىبىي تەسىرگە ئۇچراتماسمۇ؟ 

5ياۋروپا ئىتتىپاقى رامكىسى ئەسلىدە ئەنگلىيە، فىرانسىيە، ئىسپانىيە ۋە ئىتالىيەگە ئوخشاش ئىچىدە ئايرىلىشنى تەلەپ قىلىدىغان رايونلىرى بولغان دۆلەتلەر نۇقتىسىدىن جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش رولىنى ئوينىماقتا ئىدى. بۈ رامكا بولمىغان ئەھۋالدا بۇ دۆلەتلەردىكى تۇقۇنۇش خەۋپى تېخىمۇ يۇقىرى ئۆرلىمەسمۇ؟

دەرۋەقە كۆرۈۋاتقىنىمىزدەك ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تارقىلىپ كېتىشى، تارقىلىپ كەتمىگەن تەقدىردىمۇ، ئەۋج ئېلىۋاتقان ئىرقىۋازلىق، باشقىلارنى چەتكە قېقىش خاراكتېرلىق شوئارلار ۋە نەپرەت تىلىنىڭ ھەممىدىن بەك ياۋروپانىڭ كەلگۈسىگە تەھدىت بولۇۋاتقانلىقى ئېنىق.  ياۋروپالىق كۆپ خىللىشىشنى، ئەركىنلىكنى ۋە دېموكراتىيەنى قوللىغۇچى ئەربابلاردىن يەنە بىر قېتىم سوراپ باقايلى!

ئەجىبا ئۆزۈڭلارغا يۈزلەنگەن خەۋپنى كۆرۈۋاتالامسىلەر؟    

   ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار! يۇقىرىدا يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇلنىڭ مەسلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق. كېلەر ھەپتە يەنە ئوخشاش ۋاقىتتا، يەنە باشقا ئانالىزلىرىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز. قايتا كۆرۈشكىچە ئامان بولغايسىلەر خەيىر خوش!!

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر