ژۇرنالىست جەمال قاشىقچى ۋەقەسى ۋە خەلقئارادىكى تەسىرى

دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ تېمغا مۇناسىۋەتلىك ئانالىزى

1075692
ژۇرنالىست جەمال قاشىقچى ۋەقەسى ۋە خەلقئارادىكى تەسىرى

بۇ يىل 2-ئۆكتەبىردە نىكاھ رەسمىيەتلىرى ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇل كونسۇلخانىسىغا كەلگەن ۋاشىنگىتون پوچتا يازغۇچىسى ژۇرنالىست جەمال قاشىچقى( خاشوقچى)نىڭ قايتىپ چىقماسلىقىغا قارىتا، قاشىقچىنىڭ بولغۇسى ئايالى خەدىچە جەنگىز تۈركىيە دائىرىلىرىغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلدى. تۈركىيە دائىرىلىرى ژۇرنالسىت جەمال قاشىقچىنىڭ يوقاپ كېتىشىگە قارىتا دەرھال تەكشۈرۈش خىزمىتى باشلىدى.

دۇنيا تاراتقۇلىرى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان قاشىقچى ۋەقەسى توغرۇلۇق، تۈركىيە دائىرىلىرى پات-پات يېڭى ئۇچۇر ۋە دەلىل-ئىسپاتلارنى ئېلان قىلىپ تۇردى، بۇ ئەھۋال قارىتا سەئۇدى ئەرەبىستان دائىرىلىرىمۇ جەمال قاشىقچى ۋەقەسى توغرۇلۇق باياناتلىرىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولدى. دەسلەپكى ۋاقىتلاردا سەئۇدى ئەرەبىستان دائىرىلىرى جەمال قاشىقچىنىڭ كونسۇلخانىدىكى ئىشىنى تۈگىتىپ قايتىپ چىققانلىقىنى بىلدۈرۈپ بايانات بەردى، لېكىن قاشىقچىنىڭ كونسۇلخانىدىن چىقىپ كەتكەنلىكىگە دائىر كامېرا كۆرۈنۈشلىرىنى كەڭ جامائەتچىلىك بىلەن ئورتاقلىشالمىدى. ئسىتانبۇلغا سەئۇدى ئەرەبىستاندىن كەلگەن 15 كىشىلىك ئالاھىدە ھەرىكەت ئەترىتىنى ساياھەتچى دەپ تونۇشتۇرغان سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى، ئۇزۇن ئۆتمەيلا قاشىقچىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى تەن ئېلىپ، 15 كىشى بىلەن سەئۇدى كونسۇلخانىسىدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان 3 خادىمنى قاشىقچى ۋەقەسى تۈپەيلى نازارەت ئاستىغا ئالدى. جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، سەئۇدى ھۆكۈمىتى جەمال قاشىقچنىڭ كونسۇلخانىدا يۈز بەرگەن جېدەل سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن تۈركىيە دائىرىلىرىنىڭ قاشىقچىنىڭ ئۆلۈمى توغرۇلۇق كەڭ جامائەتچىلىككە يەتكۈزگەن يېڭى ئۇچۇر ۋە دەلىللەر تۈرتكسىىدە، قاشىقچى جىنايىتىنىڭ پىلانلىق ھالدا ئېلىپ بېرىلغان سۇيىقەست ئىكەنلىكى ئاساسەن ئايدىڭلاشتى.

ژۇرنالىست قاشىقچىنىڭ سۇيىقەستكە ئۇچرىشىنى خەلقئارالىق قانۇن، ئىنسان ھەقلىرى، مىدىيا قاتارلىق جەھەتلەردىن قانداق چۈشىنىش كېرەك؟ ژۇرنالسىت قاشىقچى ۋەقەسى نېمە ئۈچۈن خەلقئارالىشىپ كېتىدۇ؟  ھەر قايسى دۆلەتلەر بۇ ۋەقەگە نېمە ئۈچۈن پەرقلىق ئىنكاس قايتۇرىدۇ؟ 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر