مائارىپنىڭ ئالەمشۇمۇل پىرىنسىپلىرى - 1 (ئاۋازلىق)

دۇنيا كۆزنىكى (39)

1057285
مائارىپنىڭ ئالەمشۇمۇل پىرىنسىپلىرى - 1 (ئاۋازلىق)

دۇنيا كۆزنىكى (39)

«مائارىپنىڭ ئالەمشۇمۇل پىرىنسىپلىرى (1)»

(پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇل)

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «دۇنياغا نەزەر» يەنى، «دۇنيا كۆزنىكى» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا ئەنقەرە يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇلنىڭ «مائارىپنىڭ ئالەمشۇمۇل پىرىنسىپلىرى (1)» تېمىلىق ئانالىزىنىدىققىتىڭلارغا سۇنىمىز:

ھەممىمىز بىر پۈتۈن ئىنسانىيەت ئائىلىسىنىڭ ئەزالىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن كائىناتتا بىرلىكتە ياشىماقتىمىز. تۇرمۇش شەكىللىرىمىز ئىنتايىن پەرقلىنىدىغان خەلقلەر بىلەنمۇ تارىخنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدە دۇنياغا كەلگەنلىكىمىز ئۈچۈن ھەمبەھىرلىشەلەيدىغان نۇرغۇن ئورتاق نۇقتىلىرىمىز بولىدۇ. يەر شارى خاراكتېرلىق بىرەر ئاپەتكە دۇچ كەلگىنىمىزدە مەيلى قايسى دىن، قايسى تىل، قايسى ئېتىقاد، قايسى ئىرققا مەنسۇپ بولىشىمىزدىن قەتئىي نەزەر، ئىنسانىيەت دۇنياسى بىلەن بىرلىكتە تەسىرىگە ئۇچرايمىز. ئوخشاش بىرلا چاغدا يارىتىلغان بولۇشىمىز، يېقىن ياكى ئۇزاق جايلاردىكى ئىنسانلار بىلەنمۇ بىلىم، كۈلتۈر ۋە تۇرمۇش شەكلى جەھەتتە بىر بىرىمىزگە تەسىر كۆرسىتىمىزگە تۇرتكە بولىدۇ. بۇ ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىش بەزىدە «تەسىر كۆرسىتىۋاتقىنى ئۆتمۈشتىكى ئەجدادلىرىمىزمۇ ياكى زامانداشلىرىمىزمۇ؟» دېگەن سوئاللارنىمۇ ئەقلىمىزگە سالىدۇ.

ئەسلىدە سۆزنى مائارىپقا ئېلىپ كىرىشكە تىرىشماقتىمەن. پەقەت ئۆز دۆلەتلىرىمىزدىكى ئەمەس، ئۇزاق دىيارلىرىدىكىمۇ ياخشى ياكى ناچار مائارىپ كۆرگەن ئىنسانلار ھاياتىمىزنى تولىمۇ يېقىندىن ئۆزگەرتىش كۈچىگە ئىگە. مەسىلەن؛ ناچار مائارىپ تەربىيەسى كۆرگەن بىرسى ئادەم بومبىغا ئايلىنىپ سىزنى ياكى سۆيگەن كىشىلىرىڭىزنى سىزدىن ئايرىۋېتەلىشى مۇمكىن. ھېچ تۇنىمايدىغان، ياخشى تەربىيە كۆرگەن بىرسى بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىشىڭىز تۇرمۇشىڭىزنى تېخىمۇ ئاسانسلاشتۇرىشى ۋە سىزنىڭ ھاياتىڭىزنى قۇتقۇزالىشىمۇ مۇمكىن.

شۇڭا مائارىپ ئالەمشۇمۇل بىر ئامىل ھېسابلىنىدۇ. بارلىق دۆلەتلەر ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ۋە تېز يۇقىدىغان تەسىرگە ئىگە. چۈنكى بىر دۆلەتتىكى ياخشى مائارىپ بىلەن ناچار مائارىپ باشقا دۆلەتلەرگىمۇ بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىش ئىتقىدارىغا ئىگە.

ئۇنداقتا مائارىپ جەھەتتىن خەلقئارالىق سەۋىيەدە قايسى ئەھۋالدىمىز؟

شۈبھىىسىزكى، بىز ئىنتايىن ياخشى بولغان ساھەلەرمۇ بار. بىراق مەن بۇ ماقالىدا بىر ئاز سەلىبىيلىكلەر تەرەپكە دىققەتنى تارتىشنى خالايمەن. 

غەربكە غارايدىغان بولساق، دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىغا سېلىشتۇرغاندا، 2 ھەسسە ئارتۇق مەكتەپ جىنايەتلىرى يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى، ئامېرىكىدا مەكتەپلەر بارغانسىرى ھەربىي بازىغا ئايلىنىپ قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. كىچىككىنە بالىلارنى ۋە ياشلارنى ئۆلتۈرگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى ساۋاقداشلىرى بولۇپ چىقماقتا. كىچىك يېشىدىلا شەھۋانىيلىققا بېرىلىش، قىمار ئويناش، ھاراق ۋە زەھەرلىك چېكىملىككە ئادەتلىنىش، بۇزۇلىۋاتقان ئائىلە رىشتىلىرى، كوچا لۈكچەكلىرىگە ئايلانغان ئۆسمۈرلەر، ھېيت - بايرامدىمۇ ئەسكە ئېلىنمايدىغان چوڭلار... ۋەھاكازالارنى كۆرىمىز.

شەرقتىمۇ ئەھۋال ئانچە پەرقلىق ئەمەس، جىنايەت نىسبىتى غەربكە ئوخشاش يۇقىرى بولمىسىمۇ، ئەمما كىشىلىك ئوبراز بەخش ئېتەلمەيدىغان، تۇرمۇشقا تەييارلىيالمايدىغان، ئەركىن پىكىرنى ئەمەس، ياد ئېلىش ۋە تەقلىدچىلىكنى مەجبۇر تاڭىدىغان، قىسقىسى ئەمەلىي تۇرمۇشتىن رىشتىىسى ئۈزۈلگەن بىر مائارىپ سىستېمىسى مەسلىسى بار. ئىسلام دۇنياسىدا بولسا، ئالىيا ئىززەت بىگوۋىچمۇ كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك ئۆزئارا رىشتىلەرنىڭ ئۈزۈكلىكىدىن باشقا ئاساسلىق مەسىلىسىمىز مائارىپ بولۇپ كەلمەكتە.

ئەگەر بىر دۆلەتنىڭ مائارىپى ياكى مائارىپسىزلىقى، بارلىق دۆلەتلەرگە يېقىندىن تەسىر كۆرسىتىدىغان ماھىيەتتە بولسا، مەيلى قايسى دىن، قايسى تىل، قايسى ئىدىئولوگىيە، قايسى ئېتىقادۋە قايسى ئىرققا مەنسۇپ بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، ئالدى بىلەن بىر ئىنسان ئوبرازى يارىتىش كېرەكلىكىگە دائىر پىكىر بىردەكلىكى بولۇشى لازىم. ئەكسىچە بولغاندا ئىنسانىيەت دۇنياسىدىكى ھەممەيلەن بىرلىكتە خەۋپ ئىچىدە قالغان بولىدۇ. تېخىمۇ بەك خاتىرىجەملىككە، باياشاتلىققا تولغان بىر دۇنيا بەرپا قىلىش ئۈچۈن مائارىپنىڭ ئالەمشۇمۇل پىرىنسىپلىرى بولۇشى لازىم. بۇ پىرىنسىپلارنى ئىزدىنىشنى مائارىپنىڭ تۈپ مەقسىدىنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكىدىن باشلىساق بولىدۇ.

**** ** **** **** ***** ******* ****

مائارىپنىڭ مەقسىتى كىشىنى ھاياتقا تەييارلاش بولۇشى لازىم. بىزنىڭ قانداق مائارىپىنى خالىغانلىقىمىز ئەسلىدە، ھاياتقا قانداق قارايدىغانلىقىمىزغا ۋە ھايات پەلسەپىمىزگە يېقىندىن مۇناسىۋەتلىك ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى مائارىپ؛ پەلسەپەمىزنىڭ بىر پارچىسىدۇر. ئەگەر ناھەقچىلىق تېخىمۇ ئاز كۆرۈلىدىغان، يامانلىقلار ئاز يۈز بېرىدىغان، ئۆزئارا ئوخشىماسلىقلىرىمىزغا تېخىمۇ بەك ھۆرمەت قىلىنىدىغان، ئىنسانلار تېخىمۇ بەك ئەخلاق پەزىلەتلىك بولىدىغان بىر دۇنياغا نىسبەتەن سىغىنىشىمىز مەۋجۇت بولىدىكەن، مائارىپ دەل بۇ ئالاھىدىلىكلەرنى يارىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىنىشى لازىم. مائارىپ پەقەتلا مەكتەپتە ئوقۇش ياكى زامانىۋىي تەلىم تەربىيە دېگەنلىك بولمايدۇ. شۇڭا مەكتەپ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان مەقسەتلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ۋاستىلىرىدىن پەقەتلا بىرسى ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر ھاياتتا بۇ نۇقتىدىن غىمىمىز ئورتاق بولسا ۋە يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئومۇمي مەقسەتلەردە پىكىر بىردەكلىكىمىز بولسا، ئۇنداقتا بىر پۈتۈن ئىنسانىيەت ئائىلىسىنىڭ ئەزالىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۆزئارا ئوخشاشماسلىقلىرىمىزنى قوغداپ قالغان ھالدا، ھەممەيلەننىڭ ياخشىلىقىغا خىزمەت قىلىدىغان بىر ئالەمشۇمۇل مائارىپ پىرىنسىپىگە ئىگە بولىشىمىز شەرت.

بۇ ئاساسلىق پىرىنسىپلار زادى نېمىلەردىن تەشكىل تاپىدۇ؟

1ئادالەت ئېڭى سىڭدۈرىدىغان بىر مائارىپ

مەيلى قانداقلا دەۋردە (ئەنئەنىۋىي، زامانىۋىي، پوستمودېرنىزم، ياكى كەلگسىدە باشقىچە ئاتلىدىغان) ھەر قانداق بىر دەۋردە ياشاۋاتقان بولۇشىمىزدىن قەتئىي نەزەر، مەيلى ئۆزىمىزنى قانداق تەرىپلىسەك تەرىپلەيلى، مائارىپ ئىنسانلارغا چوقۇم ئادالەت ئېڭى بەخش ئېتىشى لازىم.  ھەزرەتى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ سۆزى بويىچە، «ئادالەت؛ دۆلەتنىڭ، تۈزۈم ۋە سىستېمىنىڭ ئاساسىدۇر» چۈنكى خۇددى گېرمانىيەلىك مۇتەپەككۈر كانت ئېيتقاندەك، «ئادالەت يوقۇلغاندا، ئىنسان ھاياتىغا قىممەت بىرىدىغان ھېچ نەرسە قالمايدۇ». شۇڭا ئادالەت ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇشى كېرەك. چۈنكى ئەركىنلىك بىلەن باراۋەرلىك ئادالەتكە مۇجەسسەملەشكەندۇر.

شۈبھىسىزكى، ئادالەتنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكى، نېمىنىڭ ھەق ۋە نېمىنىڭ ناھەق ئىكەنلىكى ھەققىدە ئىنسانىيەت ئائىلىسى ئەزالىرى ئارىسىدا پىكىر ئوخشىماسلىقىلىرى بار. لېكىن ئادالەتنىڭ ئاساسلىق تۈۋرۈكلىرى ئارزاق بولسىمۇ روشەن. بارلىق دىنلاردا، ئېتىقادلار ۋە ئىدىئولگىيەلەردە، ئىنسانلارنى ئۆلتۈرمەسلىك، ئوغرىلىق قىلماسلىق، توغرا يولدىن تاپاۋەت قىلىش، يامان مۇئامىلە قىلماسلىق قاتارلىق پىرىنسىپلار ئاز تولا ئوخشىشىپ كېتىدۇ. بۇ دائىرىدە باشلانغۇچ، ئوتتۇرا ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ياكى ئۇنىۋېرسىتېت سەۋىيەسىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئۆگىتلىشى كېرەكلىك بىرىنچى پىرىنسىپ؛ ئەمگەك قىلىپ، ھەقلىق بولغانغا ئېرىشىش بولۇشى لازىم. ھەرگىزمۇ مەغرۇرلىنىپ ئولتۇرماسلىق بولۇشى كېرەك. 

«ئادالەتنى ئۇنىڭ زىتى بولغان زۇلۇمدىن ياخشى چۈشەنگىنى بولىدۇ» دەيدىغان گەپمۇ بار. قېنى ئەمىسە بىر دەملىك بولسىمۇ، ھەممەيلەننىڭ ئەمگەك قىلماستىن، قائىدىلەرگە رىئايە قىلماستىن، نەتىجىگە ئېرىشىشنىڭ كويىدا بولۇپ يۈرىۋاتقانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقايلى! پەيدا بولىدىغان مالىمانچىلىقنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرەلەيمىز.

مائارىپ تەربىيەسى جەريانىدىكى كەم قالغان بىلىملەرنى، مەلۇمات، تەجرىبە بوشلۇقلىرىنى كېيىنچە تولۇقلىۋالغىلى بولىدۇ. بىراق مائارىپ تەربىيەسى جەريانىدا شەكىللەنگەن ئادالەت ئېڭىنىڭ بوشلۇقىنى، (يەنى، ئەمگەك قىلماستىن، تاپاۋەت قىلىش تۇيغۇسىنىڭ ئورنىنى) پۈتۈن ئۆمۈر بويى تولدۇرغىلى بولمايدۇ.

ئوقۇغۇچىلاردا ئادالەت ئېڭى كىتابتىكى مەلۇماتلار ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى مائارىپ سىستېمىسى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پوزىتسىيەسى، ئەمەلىي ھايات تەجرىبىسى ئارقىلىق يۈكسىلىدۇ. شۇڭا ئادالەت، مەلۇمات سەۋىيەسىدە ئەمەس، ھېس تۇيغۇ، ئاڭ ۋە ئېتىقاد سەۋىيەسىدە ئۆزلەشتۈرۈلىشى لازىم. ئادالەتسىزلىكنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان زىيانلىرىدىن، زۇلۇم ۋە ناھەقچىلىقلىرىدىن مۇستەھكەم بىر ئېتىقاد بىلەن ئۇزاقلىشىش لازىم. 

2ئىساننى ياخشى گۇمان قىلىدىغان (يەنى، ئىجابىي قاراشقا ئىگە قىلىدىغان) بىر مائارىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىنىشى كېرەك.

مائارىپ؛ قەلبى ياخشى، ئېسىل رۇھلۇق، ھاياتقا ئىجابىي قارايدىغان كىشىلەرنى يېتىشتۇرۇشى لازىم.  ئەمدى تېخى ھاياتنىڭ باھارىغا قەدەم قويغان تۇرۇغلۇق ھەممە نەرسىگە سەلەبىي قارايدىغان، ھەل قىلىش چارىسىنى ئەمەس، چېگىشلىكنى ئۇلۇغلايدىغان، ئۈمىدسىز، باشقىلارغىمۇ دائىم ئىشەنمەسلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان ياشلارنى كۆپ ئۇچراتماقتىمىز. بۇنداق ئەھۋال قانداق پەيدا بولۇپ قالىدۇ؟ بۇنداق سەلىبىي قاراش بىلەن زادى قايسى گۈزەللىكلەرنى قۇرۇپ چىققىلى بولسۇن؟

ئىنسان گۈزەللىكنى كۆرىدىغان ۋە گۈزەل قاراشتا بولىدىغان بولغاندا، ئاندىن گۈزەل تەپەككۈر قىلالايدىغان بولىدۇ. ئوخشاش بولمىغان كۈلتۈرلەرگە كۆرە، ياخشىنىڭ ۋە ياخشى ئىنساننىڭ ئۆلچەملىرىمۇ پەرقلىق بولىدۇ. بىراق سەلىبىي قاراشتا بولۇشىمىزغا شۇنچە كۆپ سەۋەبلەر تۇلۇپ تاشقان دۇنيادا، ياخشى ئىنسان يېتىشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىشنىڭ ئۆزىلا بىر قىممەتلىك بايلىقتۇر.

ھاياتقا ئىجابىي قاراشنىڭ ئاساسلىق شەرتى؛ ئىنساننىڭ ياخشى بولۇشى، ياخشى مۇئامىلە قىلىشى كېرەكلىكىنى ئۆزلەشتۈرگەن بولۇشى، ئۆز ئۆزى ۋە ئەتراپىدىكى ئىسانلار بىلەن چىقىشىپ ئۆتەلىشىدۇر. ھاياتقا ئىجابىي قاراش ۋە ياخشىلىقنى ئويلاش قىممەتلىك بىر بايلىق بولۇپ ھېسابلانسىمۇ، ئادالەت ياخشىدىنمۇ ئالدىنقى قاتاردا تورىدۇ. قېنى بىز ھاياتنى داۋاملاشتۇرايلى! (داۋامى بار)

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار! يۇقىرىدا يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇلنىڭ مەسلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق. كېلەر ھەپتە يەنە ئوخشاش ۋاقىتتا، يەنە باشقا ئانالىزلىرىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز. قايتا كۆرۈشكىچە ئامان بولغايسىلەر خەيىر خوش!!

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر