تۈركىيە-رۇسىيەنىڭ نۆۋەتتىكى مۇناسىۋىتى

تەتقىقاتچى جان ئاجۇننىڭ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئانالىزى

1044722
تۈركىيە-رۇسىيەنىڭ نۆۋەتتىكى مۇناسىۋىتى

تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئارىسىدا 2015-يىلى ئايروپىلان كىرىزىسى يۈز بەردى. بۇ كىرىزىس بىر مەھەل داۋاملاشتى، زور تىرىشچانلىقلار نەتىجىسىدە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تۈزەلدى. قايتىدىن ئەسلىگە كەلگەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تېز سۈرئەتتە كۈچىيىپ سىياسىي، ئىقتىسادىي، ھەربىي ۋە دىپلوماتىك ساھەلەردە مۇھىم ئۆزگىرىشلەر مەيدانغا كەلدى.تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ كۈچىيىشىدە ئىككى دۆلەت لىدېرلىرىنىڭ ئارىسىدىكى ئالاھىدە مۇناسىۋەت، ئورتاق دۆلەت مەنپەئەتلىرى ۋە ئامېرىكىنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردىكى سىياسەتلىرىدىن ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ بىئارام بولۇشى قاتارلىقلار مۇھىم رول ئوينىدى. ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى نۇرغۇن ساھەدە ھەمكارلىق كۈچەيگەن بولسىمۇ، بىراق بەزى ساھەدە يەنىلا پىكىر ئوخشىماسلىقلىرى داۋاملاشماقتا.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ تۈركىيە-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بارغانچە كۈچىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ «تۈركىيە بىلەن مۇناسىۋىتىمىز ھەم بارغانچە چوڭقۇرلاشماقتا ھەمدە دائىرىسى كېڭەيمەكتە»دېيىشى ئەمەلىيەتتە تۈركىيە-رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ  نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى قىسقىچە خۇلاسىلاپ بېرىدۇ. ئىككى دۆلەت ئارىسىدا بولۇپمۇ ئېنېرگىيە ۋە ئىقتىسادىي ساھەلەردىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ كۈچىيىشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. رۇسىيەنىڭ سابىق مالىيە ئىشلىرى مىنىستىرى زادورنوۋنىڭ «تۈركىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتى كۈچلۈك، تۈركىيە رۇسىيەنىڭ 10 چوڭ سودا شىرىكلىرىدىن بىرىدۇر»دېگەن سۆزىدىن ئىككى دۆلەت ئارىسىدا قانداق مۇناسىۋەت بارلىقىنى كۆرۈپ يېتەلمەيمىز. رۇسىيە فېدېراتىپ تاموژنا ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا رۇسىيە تۈركىيەنىڭ تۆتىنچى چوڭ سودا شىرىكى بولغان. ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سودا ھەجىمى بولسا 13 ملىيارد 300 مىليون دوللارغا يەتكەن.  

رۇس ساياھەتچىلىرىنىڭ تۈركىيەگە ساياھەت قىلىشقا كېلىشى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى نۇقتىسىدىن مۇھىم ئەھمىيەتگە ئىگە. دەرۋەقە، رۇسىيەدىن تۈركىيەگە كېلىدىغان ساياھەتچى سانىنىڭ يىلدىن-يىلغا ئېشىپ بېرىشىنىڭ تولىمۇ خۇشالىنارلىق ئىش ئىكەنلىكىنى ئېيتقان چاۋۇشئوغلۇ، بۇ يىل ئىچىدىلا 6 مىليون رۇس ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىشتىن مەمنۇنلۇق ھېس قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈردى. ئېنېرگىيە ساھەسىدە ئىككى دۆلەت تەرىپىدىن بىرلىكتە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئاككۇيۇ يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى ۋە تۈرك ئېقىمىغا ئوخشاش مۇھىم لايىھەلەر بار. ئاككۇيۇ يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى تاماملىنىپ چىقسا تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنىڭ %10ى بۇ ئىستانسا ئارقىلىق قامدىلىدۇ. ئاكۇيۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى يىلدىن-يىلغا زورىيىپ بېرىۋاتقان تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. ئوخشاشلا تۈرك ئېقىمى لايىھەسىمۇ تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنىڭ بىر قىسمىنى قامداش بىلەن بىرگە، مەلۇم دەرىجىدە تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى كاپالەت ئاستىغا ئالىدۇ. تۈرك ئېقىمى لايىھەسىنى كەلگۈسىدە بالقان رايونلىرىغىچە كېڭەيتىش پىلانلانماقتا.

ئېنېرگىيە ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىقتىن سىرت رۇسىيە بىلەن تۈركىيە ئارىسىدىكى ھەربىي ھەمكارلىقمۇ كۈچەيمەكتە. بولۇپمۇ تۈركىيەنىڭ رۇسىيەدىن « s- 400» تىپلىق ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى سېتىۋېلىشى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرماقتا. پات يېقىندا بۇ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى تۈركىيەگە تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ. رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى شىركىتى روستېخنىڭ خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە رايونلۇق سىياسەت ئىشلىرى مۇدىرى ۋىكتور كىلادوۋ «s-400 تىپلىق ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى كېلىشىمىنىڭ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ھەربىي تېخنىكىلىق ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئۈچۈن مۇھىم قەدەم ھېسابلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكچىمەن، باشقا سانائەت ساھەلىرىدىمۇ ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىمىزنى كۈچەيتەلەيدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن»دېگەنىدى.

تۈركىيە-رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ كۈچىيىشىدىن ھەممىدىن بەك ئامېرىكا بىئارام بولماقتا. تۈركىيەنىڭ رۇسىيەدىن «s-400 » تىپلىق ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى سېتىۋېلىشى سەۋەبىدىن ئامېرىكا دائىرىلىرى تۈركىيەنى تۈركىيەمۇ شىرىك بولغان « F-35» تىپلىق ھۇجۇمچى ئايروپىلانلارنى تۈركىيەگە سېتىپ بېرىشنى توختىتىش بىلەن تەھدىت سالدى. تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ تۈركىيە ئۈچۈن « s-400» تىپلىق ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى سېتىۋېلىشىنىڭ قانداقتۇر تاللاش يولى ئەمەسلىكىنى بەلكى زۆرۈرىيەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ بايانات بېرىشى، بۇ ئىشنىڭ ماھىيىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتوغا ئەزا دۆلەتلەر تۈركىيە  ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى شۇنچە تەلەپ قىلسىمۇ تۈركىيەگە سېتىپ بېرىشنى رەت قىلماقتا. بۇنىڭدىن سىرت، تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى، پ ك ك –ي پ گ ۋە پوپ بىرۇنسون كىرىزىسلىرىنىڭ يۈز بېرىشى سەۋەبىدىن، ئىككى ناتو ئەزاسىنىڭ مۇناسىۋىتى بۇزۇلدى. ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ تۈركىيەگە ئېمبارگو قويۇشنى قارار قىلىشى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈردى. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى  مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ موسكۋادا «تۈركىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ نۆۋەتتىكى مۇناسىۋىتى بەزىلەرنى بىئارام قىلماقتا»دېگەن مەزمۇندا بايانات بېرىشىنى بۇ نۇقتىدىن چۈشىنىش كېرەك.

تۈركىيە-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى ياخشى تەرەپكە قاراپ يۈزلىنىۋاتقان بولسىمۇ، يەنىلا ئىككى دۆلەت ئارىسىدا بەزى مۇھىم ساھەلەردە پىكىر ئوخشىماسلىقى داۋاملاشماقتا. بولۇپمۇ سۈرىيە مەسىلىسىدە تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئاستانا مۇزاكىرىلىرى دائىرىسىدە بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا مۇھىم ساھەلەردە زور ئىختىلاپ مەۋجۇت. رۇسىيە ئەسەد ھاكىمىيىتىگە ئىدلىبكە ھۇجۇم قىلىشىغا رۇخسەت قىلىپ قوللىغان تەقدىردە تۈركىيە ئېغىر مۇساپىرلار كىرىزىسىگە دۇچ كېلىدۇ. تۈركىيە رۇسىيەنىڭ قىرىمنى مەجبۇرىي زېمىنىغا قوشۇۋېلىپ قىرىم تۈركلىرىگە يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان سىياسىتىگە قارشى چىقماقتا. يەنە كېلىپ تۈركىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئارىسىدا مۇداپىئە سانائىتىگە ئوخشاش بەزىدە ساھەلەردە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى كۈچەيمەكتە. تۈركىيە ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە رۇسىيەنىڭ سىياسىتىنى قوللىمايدۇ. قىسقىسى، تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت قانچىلىك كۈچىيىپ كېتىشىدىن قەتئىينەزەر تۈركىيە يەنىلا ناتونىڭ بىر ئەزاسىدۇر.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر