ئامېرىكا قەيەردە؟

دۇنيا كۆزنىكى (34)

1044317
ئامېرىكا قەيەردە؟

دۇنيا كۆزنىكى (34)

«ئامېرىكا قەيەردە؟»

(پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇل)

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «دۇنياغا نەزەر» يەنى، «دۇنيا كۆزنىكى» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا ئەنقەرە يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇلنىڭ «ئامېرىكا قەيەردە؟» تېمىلىق ئانالىزىنىدىققىتىڭلارغا سۇنىمىز:

يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان تېررورلۇقنى قوللاپ - قۇۋۋەتلىگەنلىكى ئۈچۈن نازارەتتە تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان راھىپ بىرۇنسون دېلوسى باھانە قىلىنىپ، ئامېرىكا - تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا باش كۈتۈرگەن كىرىزىسقا مەركەزلەشكەن ئەھۋالدا تۇرماقتىمىز. بۇ كىرىزىسكە ئامېرىكا تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنى بويلىغان ھالدا ئانالىز قىلىش دولقۇنىمۇ مەۋجوت. مۇنازىلەر ئاساسەن مۇشۇ ئاساستا داۋاملاشماقتا. بۇ كىرىزىسنى ئەلۋەتتە تۈركىيە ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنى بويلىغان ھالدا ئانالىز قىلىش ئۈچۈن ھەقلىق سەۋەبلەرمۇ بار. ئانالىزچىلار ئامېرىكىنىڭ كىرىزىسنى بۇ نۇقتىغا ئېلىپ، كېلىشى، رۇسىيەدىن سېتىۋېلىنماقچى بولغان «S-400» باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسى، ئامېرىكىنىڭ قۇددۇسنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى قىلىش قارارىغا قارشى تۈركىيەنىڭ دۇنيا ۋىجدانىنىڭ ساداسىغا ئايلىنىشى ۋە ئەڭ ئاخىرىدا راھىب برۇنسون ۋەقەسى قاتارلىقلارنى بىر بىرىگە باغلاپ چۈشۈندۈرمەكتە. بىراق تۈركىيە مەسىلىگە بۇ شەكىلدە قارىمايدۇ. تۈركىيە نۇقتىسىدىن بۇ مەسىلە ئامېرىكىنىڭ تۈركىيە «تېررورللۇق تەشكىلاتى» دەپ قارايدىغان پ ك ك/ ي پ گ ئارقىلىق بىر تېررورلۇق دۆلىتى قۇرۇش ئۇرۇنۇشى، «تۈركىيەنىڭ 11سىنتەبىرى» دەپمۇ كۆرۈلىۋاتقان 15 - ئىيۇل ئىسيانىنىڭ جاۋابكارى فەتھۇلاھچى تېررورلۇق تەشكلاتى كاتىبىشىنىڭ ئامېرىكىدا ئالىي داچىلاردا ياشاۋاتقانلىقى، تۈركىيە تاپشۇرغان شۇنچە نۇرغۇن دەلىل - پاكىتلارغا قارىماستىن، ئۇنىڭغا قارشى ھېچ قانداق قەدەم تاشلانماسلىقى قاتارلىق سەۋەبلەر تولىمۇ مۇھىم. ئامېرىكىنىڭ بۇ پوزىتسىيەسىنىڭ تۈركىيە خەلقى ئارىسىدا قانداق چۈشۈنۈلىدىغانلىقىنى توغرا ئىپادىلەش ئۈچۈن تۆۋەندىكى مىسالنى بېرىشكە بولىدۇ.  

مەسىلەن؛ ئۇسامە بىن لادىننىڭ بىرەر دۆلەت تەرىپىدىن كۈتۈۋېلىنىشىغا ۋە ئۇ دۆلەتنىڭ ئەلقائىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ مېكسىكا چېگراسىدا بىر تېررورلۇق رايونى شەكىللەندۈرۈشكە ئۇرۇنۇشىغا ئامېرىكا خەلقى قانداق قاراشتا بولسا، ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى پوزىتسىيەلىرىگىمۇ تۈركىيە خەلقى شۇنداق قاراشتا ۋە ئىنكاسلاردا بولىدۇ، ئەلۋەتتە.

مانا شۇنداق چۈشىنىشكە ئېنىق سەۋەبلەر تۇرۇغلۇقمۇ تۈركىيە ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىلا بويلىغان ھالدا مەسىلىنى ئانالىز قىلىش مېنىڭچە يېتەرسىز بىر ئانالىز بولۇپ قالىدۇ. چۈنكى ئامېرىكا پەقەت تۈركىيە بىلەنلا كىرىزىس ئىچىدە ئەمەس. ئامېرىكا خىتاي، رۇسىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە بولۇپمۇ گېرمانىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە بۇنىڭدىنمۇ چوڭ كىرزىسنى باشتىن كەچۈرمەكتە. ھەتتا پۈتۈن ئامېرىكا تارىخىدا مىسالىنى ئۇچراتقىلى بولمايدىغان بىر شەكىلدە، مېكسىكا ۋە كانادا بىلەنمۇ كىرىزىسلەرنى باشتىن كەچۈرمەكتە. شىمالىي كورېيە ۋە ئىران بىلەن يۈز بەرگەن كىرىزىسلەرنى ھېسابلاپ ئولتۇرمىدىم.

دەل مانا بۇ ۋەجىدىن تۈركىيە ئامېرىكا ئوتۇرىسىدىكى كىرىزىسلەرنى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى نۇقتىسدىنلا ئانالىز قىلىش توغرا ئەمەس. شۇنىڭدەك بۇ كىرىزىسلەرنى پەقەت دونالد ترامپ ھۆكۈمىتىگە باغلاپ ئانالىز قىلىشمۇ توغرا بولمايدۇ. شۈبھىسىزكى، دونالد ترامپ ھۆكۈمىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان قىسمىمۇ بار، بىراق شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى پۈتۈن دۇنيا بىلەن دېگۈدەك پەيدا قىلغان كىرىزىسلەرنى تېخىمۇ چوڭقۇر تەھلىل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇلارنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكىلىرىنى مۇنداق رەتلەشكە بولىدۇ. 

ئامېرىكىنىڭ پۈتۈن دۇنيا بىلەن دېگۈدەك مۇبتىلا بولغان، بەلكى ئۆزى ياراتقان كىرىزىسلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بىرسى، ئامېرىكىنىڭ يەرشارىلىشىشتىن يېتەرلىك پايدا ئالالمىغانلىقىدۇر. يەر شارى خاراكتېرلىق رىقابەتلەردە ئامېرىكا ۋە ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ئارقىدا قالغانلىقىدۇر. يەر شارى خاراكتېرلىق رىقابەتلەردە كۆپ پايدا ئالالىغان دۆلەتلەر ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىىپاقى ئەمەس، بەلكى ئەكسىچە ھىندىستان، خىتاي، بېرازىلىيە ۋە تۈركىيە بولغانلىقىدۇر. بۇ مەزگىلدە ئامېرىكا ئىقتىسادى بىر قانچە قېتىم كىرىزىسكە دۈچ كەلگەن بولسا، مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت ئومۇمىي كىرىمى بىر قانچە ھەسسە ئاشقان ئىدى. ئەينى چاغدا يەنە ئامېرىكىنىڭ ھاكىم مۇتلەقلىقىنىڭ ئاخىرىلىشىش ئالدىدا تۇرغانفلىقىمۇ مۇنازىرە قىلىنىشقا باشلانغان ئىدى.

خۇسۇسەن ئامېرىكىنىڭ يەر شارىلىشىشتىن، ئاشكارىلىقتىن ۋە ئەركىن بازار ئىقتىسادىدىن يېتەرلىك پايدا ئالالمىغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرغان شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ جېدەلخورلۇقىنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بىرسى شۇ بولۇپ قالغان پەيتتە، بەزى زىيالىي ۋە رەھبەلىرىمىز يەرشارلىشىشقا دائىر ئادەتلەتگەن ئانالىزلارنى بوزۇپ تاشلىيالىشى لازىم. «يەر شارىلىشىش باسقۇچى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنى تېخىمۇ بەك مەنپەئەتكە ئىگە قىلدى. باينى تېخىمۇ باي، كەمبەغەلنى تېخىمۇ بەك كەمبىغەل قىلىپ قويدى» دېگەندەك زىيالىلارنىڭ قارىغۇچلارچە ئانالىزلىرىنى يەنە بىر قېتىم ئويلىشىپ بېقىش لازىم.

دەرۋەقە، يەر شارىلىشىشتىن ئامېرىكا يېتەرلىك دەرىجىدە پايدا ئالالمىغانلىقى ئۈچۈنلا ترامپ ھۆكۈمىتى ئەركىن باراز ئىقتىسادىنىڭ زىتى تەرەپكە ئۆتۈشكە ۋە يەرشارىلىشىشتىن ئىلگىرىكى سىياسەتلىرىگە يۈزلەنمەكتە. ئېشىپ كېتىۋاتقان باجلار، ئۆرلىگەن تاموژنا سېپىللىرى، چەت ئەلگە قېچىپ كېتىۋاتقان سېلىنمىلار ۋە شىركەتلەرنى قايتىپ كېلىشكە چاقىرىق قىلىشلارمۇ بۇ سىياسەتنىڭ بىر پارچىسىدۇر. بۇ سىياسەتلەر خەلقئارا سودىنى زىيانغا ئۇچرىتىپلا قالماستىن، بەلكى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئامېرىكىنىمۇ زىيان تارتقۇزىدىغان قەدەملەرگە ئايلىنىپ قالماقتا. بولۇپمۇ ئاقىۋەتتە ئەڭ كۆپ زىيانغا ئۇچرايدىغىنى ئىستېمالچىلار بولۇپ قىلىشى مۇمكىن. چۈنكى ئېشىپ كېتىۋاتقان باجلار، تەبىيئىي ھالدا مەھسۇلات باھاسىنىڭمۇ ئېشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

ئىككىنچى سەۋەب؛ ئالدىنقى ھەپتە يازغىنىمىزدەك «ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بارغانسىرى دىنىي گۇۇرپپىلار، جامائەتلەر ۋە تەرىقەتلەرنىڭ تەسىر ئاستىدا قالغانلىقىدۇر. قۇددۇس مەسىلىسى ۋە راھىپ برۇنسون دېلوسىدا بولغانغا ئوخشاش، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قاملاشمىغان بەزى قارارلارنى ئالغانلىقىدۇر» دېيىشتىنمۇ بەكرەك ئەمەلىي ئېنىقلىما بولمىسا كېرەك. بۇ يەردە ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مايك ۋە سابىق پىرزېدېنتلاردىن ئوغۇل بۇشنىڭ ئىنتايىن قويۇق ئىنجىلىزم مۇرىدى ئىكەنلىكلىرىنى قايتىدىن ئەسكەرتىپ ئۆتۈش لازىم!

ئۈچىنچى سەۋەب؛ ئامېرىكا باشتىن كەچۈرىۋاتقان ھاكىمىيەت كىرىزىسى دېيىشكە بولىدۇ. نۇرغۇنلىغان ۋەقەلەردە ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، ئاق ساراي ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئوخشاش بولمىغان قاراشلاردا ۋە پوزىتسىلەردە بولۇپ كەلمەكتە. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىمۇ ھالقىپ كېتىدىغان دەرىجىدە، ئامېرىكا خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى ھەر خىل بىرلەشمىلەرنىڭ نارازىلىقلىرى ۋە كۈتكەنلىرى ئاق ساراي دائىرىلىرىنى قاتتىق قېيىن ئەھۋاللارغا چۈشۈرۈپ قويماقتا. ترامپ ھۆكۈمىتىدىكى جېدەلخورلۇقنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بىرسى، ترامپنى پىرېزىدېنتلىقتىن ئېلىپ تاشلاش ھەرىكىتىنىڭمۇ مەۋجۇتلۇقى ئىكەنلىكىنى مەزكۇر بىرلەشمىلەر تىلغا ئېلىشماقتا.

ئامېرىكا بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى كىرىزىس ئەگەر ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدىن ھالىقىغان ھالدا بولسا، قانداق قىلىش كېرەك؟

شۈبھىسىزكى، بۇنىڭ تۈركىيەگە، ئامېرىكىغا ۋە باشقا دۆلەتلەرگە شۇنداقلا پۈتۈن ئىنسانىيەتكە مۇناسىۋەتلىك كۆپ خىل تەرەپلىرى بار. ئامېرىكىنىڭ يولغا قويغان سىياسەتلىرى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، قايتىدىن يېپىق ئىقتىسادقا ئۆتۈش، تاموژنا سىپىللىرىنى تېخىمۇ يۇقىرى ئۆرلىتىش، ئەركىن بازار ئىقتىسادىنى تارايتىش نىشان قىلىنىۋاتقاندەك قىلىدۇ. بۇ تارىيىش بارلىق دۆلەتلەرگە ۋە شەخسلەرگە زىيان سالىدۇ. ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ يۈكسىلىشىگە قارشى يولغا قويغان بۇ سىياسىتىنى قىسمەن چۈشۈنۈشكىمۇ بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە خەلقئار سودا تەشكىلاتى، دۇنيا بانكىسى قاتارلىق ئورگانلار بىلەن ئەركىن سودىنىڭ داۋاملىشىشىنى ياقىلايدىغانلار ھەممەيلەنگە تەڭ زىيان يەتكۈزىدىغان بۇ سىياسەتكە قارشى ئورتاق پوزىتسىيە شەكىللەندۈرۈشى لازىم. ئامېرىكىنىڭ ئويۇننى قائىدىلەرگە ئۇيغۇن شەكىلدە ئوينىماسلىقى بارلىق دۆلەتلەرگە تەھىت شەكىللەندۈرىدۇ.

2دۇنيا ئۇرۇشىدا تانسىزم ۋە فاشىزمغا ئوخشاش ئاشقۇن ئىدىئولوگىيەلىك ئېقىملار بىلەن بۈگۈنكى دەۋردە ئوتتۇرا شەرقتىكى ئاشقۇن دىنىي ئېقىملارنىڭ ئۆز دۆلەتلىرى ۋە دۇنيانى قەيەرگە سۆرەيدىغانلىقى ئېنىقلا ئوتتۇرىدا تۇرۇپتۇ. شۇنىڭدەك ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ «سىيونىست خىرىىستىيانلىق» دەپمۇ قارىلىدىغان ئىنجىلىزمغا ئوخشاش ئاشقۇن دىنىي ئېقىملارنىڭ قاتتىق تەسىرى ئاستىدا قېلىشىمۇ ئىنسانيەتكە ياخشىلىق ئېلىپ كەلمەيدۇ، ئەلۋەتتە.

ئامېرىكىدىكى ئەركىنلىكنى ياقىلايدىغان، كۆپ سانلىقنى ئاساس قىلىدىغان ۋە لېبرال گۇرۇپپىلار ھەر ھالدا بۇ خەۋپلەردىن بىخەۋەر ئەمەس. بۇ گۇرۇپپىلارنىڭ رىئاللىققا، ئەركىنلىككە ۋە كۆپ سانلىقنى ئاساس قىلىشقا دائىر كۈرەشلىرى ئىنسانىيەت ئۈچۈن تولىمۇ قىممەتلىكتۇر.

قىسقىسى، دۆلەتلەر كۆپىنچە ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە كۈلتۈر خاراكتېرلىق كىرىزىسلەرگە ھامىلە بولغان ھالەتتە بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋاللاردا دۆلەتلەرنى بۇ خىل كىرزىسلەردىن تارتىپ چىقىرالايدىغان غايىلىك رەھبەرلەرگە ئېھتىياج تۇغۇلىدۇ. ترامپ ھۆكۈمىتى بۇ جەھەتتە ئانچە ئۈمىد بەخش ئېتەلمەي كەلمەكتە. تېخىمۇ ئەپسۇسلىنارلىقى، ئۈمىت بېرەلمەسلىك جەھەتتىن ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىدۇر. نۇرغۇنلىغان ياۋروپا دۆلەتلىرىمۇ كەلگۈسىگە دائىر ئۈمىد بېرەلمەيدىغان غايىسىز رەھبەرلەر تەرىپىدىن ئىدارە قىلىنماقتا.

بىز ئۈمىدسىزلەنمەيلى! بىراق دۇنيا ۋە يەرشارى خاراكتېرلىق سىياسەتلەر پارلاق ئىستىقبالغا باشلايدىغاندەك ئەمەس. 

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار! يۇقىرىدا يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇلنىڭ مەسلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق. كېلەر ھەپتە يەنە ئوخشاش ۋاقىتتا، يەنە باشقا ئانالىزلىرىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز. قايتا كۆرۈشكىچە ئامان بولغايسىلەر خەيىر خوش!!

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر