ئىنجىلىزم؛ تەڭرىنى قىيامەتكە زورلاش ۋە ئىنسانىيەتنى ھالاكەتكە

دۇنيا كۆزنىكى (32)

1028339
ئىنجىلىزم؛ تەڭرىنى قىيامەتكە زورلاش ۋە ئىنسانىيەتنى ھالاكەتكە

دۇنيا كۆزنىكى (32)

«ئىنجىلىزم؛ تەڭرىنى قىيامەتكە زورلاش ۋە ئىنسانىيەتنى ھالاكەتكە»

(پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇل)

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «دۇنياغا نەزەر» يەنى «دۇنيا كۆزنىكى» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا ئەنقەرە يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇلنىڭ «ئىنجىلىزم؛ تەڭرىنى قىيامەتكە زورلاش ۋە ئىنسانىيەتنى ھالاكەتكە» تېمىلىق ئانالىزىنىدىققىتىڭلارغا سۇنىمىز:

يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان تۈركىيە سىياسىتىدە، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكلاتىنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەت ھالاكەتلىك تەسىرلىرى سەۋەبىدىن ئىنتايىن قويۇق بىر شەكىلدە دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەتلەرنى تالاش تارتىش قىلماقتىمىز. كۆپىنچە ھاللاردا ئۆزىمىز ياشاۋاتقان دۆلەتلەردىكى ئامىللارنى پەقەتلا ئۆزىمىزگە تەۋە دەپ ئويلاپ قالىمىز ۋە ئەپسۇسلىنىمىز. ئامېرىكىنىڭ راھىپ بىرۇنسون سەۋەبىدىن تۈركىيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارى ئېلىشى بۇ ئەھۋاللارنىڭ ئۇنداق ئەمەسلىكىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلىپ بەردى.

تۈركىيە خەلقى 15ئىيۇلدىن كېيىنكى ئۆزلىرىگە قارىتىلغان ئەيىبلەشلەردىن ئىلگىرى ئونلىغان يىللاردىن بېرى تۈركىيەدە مىسيونېرلىق پائالىيىتى ئېلىپ بارغان راھىپ بىرۇنسوننىڭ مەۋجۇتلۇقىنىمۇ بىلمەيتتى. پ ك ك غا ۋە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ياردەم قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن بىرۇنسوننىڭ نازارەتكە ئېلىنىشى سەۋەبىدىن ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەگە ئېمبارگو يۈزگۈزۈش قارارى ئېلىشى، ئامېرىكىدىكى دىن دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدە ئويلىنىپ بېقىشىمىزغا يول ئاچتى.  ئامېرىكا تەرىپىدىن دىنىي ئەركىنلىك نۇقتىسىدىن قارالغاندا بۇ ۋەقە ئامېرىكىدىكى دىن دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىگە قايتىدىن قاراپ چىقىشىمىزنى زورۇر قىلماقتا. چۇنكى قائىدىلىرىنى ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ مۇستەقىللىقىنى كۆزگە ئىلمايدىغان باياناتلىرىنى باشقا يول بىلەن چۈشۈنەلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس.

ھەر قانداق بىر دۆلەتتە دىن دۆلەت مۇناتسىۋەتلىرىنىڭ ماسلاشقان بولىشى ئاساسەن تەنقىد قىلىنىدىغان ئەھۋال ئەمەس. ئەكسىچە بۇ ئەھۋال دىنىي ئەركىنلىك نۇقتىسىدىن ئىنتايىن ئىجابىيلىققا ئىگە. ياۋروپادىكى جاللاتلاردىن ۋە دىنىي نەيراڭۋازلاردىن قاچقانلار قۇرۇپ چىققان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ خەلقى بولۇش سۈپىتى بىلەن تاكى يېقىنقى مەزگىللەرگە قەدەر ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىكلەر ئەڭ ياخشى ئۆزىنى ئىپادە قىلالايدىغان دۆلەت دەپ قارىلىپ كەلگەن ئىدى. دىن دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ماسلاشقان بولۇشىدىن باشقا يەنە، بىر دۆلەتنىڭ دىن دۆلىتى بولۇشىمۇ تەنقىد قىلىنىدىغان ئەھۋال بولماسلىقى مۇمكىن. ئوخشاشماسلىقلارغا مۆتىدىل قارايدىغان، دىن كۆپ سانلىق ئاساسىدا ئىزاھلىنىدىغان بىر دىننىڭ دۆلىتى ئەركىنلىكلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق نۇقتىىسدىن مەسىلە تۇغدۇرماسلىقىمۇ مۇمكىن. ھەتتا بۇنداق ئەھۋال دۆلەتلەرنىڭ ئېمپىرىيالىزمغا يۈزلىنىشىگە توسالغۇ بولىشىمۇ مۇمكىن. دىن ئەڭ كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە بولغان ئوسمانلى دۆلەت تۈزىمى بۇ ئەھۋاللارنىڭ كونكېرت مىسالى بولالايدۇ.

ئەسلى قارشى چىقىشقا كېرەكلىك بولغىنى دىنلەرنىڭ دۆلەتلەر بىلەن ئەقەللىي ھەق ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكلەر نۇقتىسىدىن ماسلىشىشچان بىر مۇناسىۋەت قۇرغان بولۇشى ئەمەس، بەلكى بىر دۆلەتنىڭ مەلۇم بىر دىننى ئۆزىنىڭ ئېمپىرىيالىېست مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن ۋاستىگە ئايلاندۇرىۋېلىشىدۇر. شۇنىڭدەك بىر دىننىڭمۇ مەلۇم بىر دۆلەتنى ۋە پىرىنسىپنى ئۆزىنىڭ ئ ئېمپىرىيالىېست مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن ۋاستىگە ئايلاندۇرۇۋىلىشىمۇ قارشى چىقىشقا تېگىشلىك ئەھۋال ئەلۋەتتە.

دىن - دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ سالاھىيىتى نۇقتىسىدىن بىر دىن دۆلىتى ھېسابلىنىدىغان ئىسرائىلىيەنى ياكى بىر دۆلەت دىنىي ھېسابلىنىدىغان سىيونىزمنى مىسال ئېلىشقا بولىدۇ. ئەسىرلەردىن بۇيان بىرلىكتە ياشاپ كەلگەن مۇسۇلمانلار، خىرىستىيانلار ۋە يەھۇدىيلار ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىدە بىرلىكتە ياشىيالمايدىغان ھالغا كېلىپ قالدى.

*** **** ****** ****** ******

ئەمدى قايتىدىن ئامېرىكىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ئىنجىلىزمچى راھىپ بىرۇنسوننىڭ ۋە تۈركىيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىشى ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىشقا تىرىشۋاتقان ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مايك پېنسنىڭ ئوخشاش ئېتىقادلىقلار ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنماقتا. ئامېرىكا خەلقى ئارىسىدا، سىياسەت ساھەسىدە ۋە بىيۇكراتسىيەسىدە ئىنجىلىزمنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك تەسىرى بارلىقى، ئامېرىكادا 90 مىليون ئىنجىلىزم ئېقىمىدىكىلەرنىڭ بارلىقى، سابىق پىرېزىدېنتلاردىن رېگان ۋە ئوغۇل بوشنىڭمۇ ئىنجىلىزم ئېقىمىغا ئەزا ئىكەنلىكلىرى مەلۇم. شۇڭا بىرۇنسون ۋەقەسىنىڭ تۈركىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەمەس، بەلكى ئامېرىكا ۋە ئىنجىلىزم بىلەن مۇناسۋەتلىك ئىكەنلىكى نامايان بولماقتا.

ئۇنداقتا ئىنجىلىزم زادى نېمە؟ 

بۇ ھەقتە بىرىنچى بولۇپ سۆزلىنىش كېرەكلىك بولغىنى، ئىنجىلىزمنىڭ ئورتودوكىس ياكى كاتالوك ئەمەس، بەلكى پروتېستانتلىق ئىچىدىكى بىر دىنىي ئېقىم، مەزھەپ ياكى تەرىقەت ئىكەنلىدۇر. بۇلار 19ئەسىردە ئۆزىنى ئايان قىلىشقا باشلىغان ئىدى. ئىنجىلىزم لۇغات مەنىسى بويىچە، «مۇقەددەس كىتابقا يۈزلىنىش» دېگەننى بىلدۈرىدۇ. بۇ يەردىكى مۇقەددەس كىتابتىن مەقسەت، پەقەت خىرىستىيانلار ئۈچۈن مۇقەددەس ھېسابلىنىدىغان ئىنجىللا ئەمەس، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە يەھۇدىيلار ئۈچۈنمۇ مۇقەددەس ھېسابلىنىدىغان قەدىمىي ئەھىدلەرنى كۆرسىتىدۇ. يېڭىدىن شەكىللەنگەن بۇ پىروتېستانت ئېقىمىنىڭ ئىزاھلىشىچە، دۇنيانىڭ ئاخىرىدا خىرىستىيانلىق پۈتۈن دۇنياغا ھاكىم بولىدۇ. ئاندىن كېيىن قىيامەت قوپىدۇ. بىراق بۇ ئەھۋال تەبىئىي ئېقىشىغا قويۇپ بېرىلگەندە ئۇزۇن ۋاقىت ئېلىشى مۇمكىن. شۇڭا ئىنجىلىزم ئېقىمىدىكىلەرنىڭ قارىشىچە، سۈرئەت تىزلاندۇرۇلىشى لازىم.

باشقا خىرىستىيانلارنى بۇلاردىن ئايرىپ تۇرىدىغان ئەڭ كۆرىنەرلىك ئامىل، يەھۇدىيلارنىڭ تاللانغان مىللەت ئىكەنلىكىگە ۋە ئۇلارغا ۋەدە قىلىنغان زېمىندا ئۇلارنىڭ ھەققى بارلىقىغا شۇنداقلا بۇ زېمىننى قولغا كەلتۈرەلەشى ئۈچۈن خىرىستىيانلارنىڭ ئۇلارغا چوقۇم ياردەم قىلىشى كېرەكلىكىگە ئىشىنىش ئەقىدىسىدۇر.

مۇشۇ ھەپتە تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسىنىڭ «چەشمە جاھان» ناملىق پىروگراممىسىغا قاتناشقان دوتسېنت دوكتور ئورجان گۈنگۈرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىنجىلىزمنىڭ پۈتۈن دۇنياغا ھاكىم بولۇشى ئۈچۈن 7 باسقۇچ بىلەن سۈرئەت تىزلاندۇرۇلىشى كېرەك ئىكەن. 

1- باسقۇچتا يەھھۇدىيلارنىڭ پەلەستىن زېمىنىغا قايتىشى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. ھازىر بۇ باسقۇچ ئاساسەن دېگۈدەك ئەمەلىيلەشتى.

2 - باسقۇچتا تۈركىيەنىڭمۇ بىر قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەكىلدە بۈيۈك ئىسرائىلىيە دۆلىتى قۇرۇپ چىقىلىدۇ. ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە ئىسرائىلىيەنى شەرتسىز قوللاپ - قۇۋۋەتلىشى ۋە پۈتۈن دۇنيانىڭ قارشى چىقىشىغا شۇنداقلا ب د ت دا ئاساسەن دېگۈدەك يالغۇز قېلىشىغا قارىماستىن قۇددۇسنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى دەپ ئېتىراپ قىلىشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە بەزىلەر ئىنجىلىزىمنىڭ ئامېرىكا سىياسىتىدىكى تەسىرى دەپ باھا بەرمەكتە.

3 - باسقۇچتا ئىنجىلنىڭ مۇددىئاسى پۈتۈن دۇنياغا يەتكۈزۈلىدۇ. راھىپ بىرۇنسون ھەر ھالدا 10 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان بۇ مەقسەت ئۈچۈن تۈركىيەدە تۇرىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. لېكىن يالغۇز تۈركىيەلا ئەمەس، بەلكى ئاساسلىقى مۇسۇلمان دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەردە ئىنجىلىزم ئېقىمىغا تەۋە مىسيونېرلارنىڭ جىددىي خىزمەتلەرنى قىلىۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ ئافرىقىدا مىليونلىغان ئىنساننى خىرىستىيانلاشتۇرغانلىقى مەلۇم.

4 - باسقۇچ 7 يىل داۋاملىشىدۇ ۋە ھالاكەت دەۋرى باشلىنىدۇ.

5 - باسقۇچتا ھەزرەتى ئىيسا قايتا دۇنياغا كېلىدۇ.

6 - باسقۇچتا ئىنجىلىزىم ئېقىمىدىكىلەرنىڭ رەھبەرلىكىدە ئارمېگېدون ئۇرۇشى يۈز بېرىدۇ. دۇنيادا ياخشىلار بىلەن يامانلار ئىنتايىن ھالاكەتلىك بىر دۇنيا ئۇرۇشىغا كىرىدۇ ھەمدە ياخشىلار غەلىبە قىلىدۇ. ئاخىرىدا ئىنجىلىزم ئېقىمىدىكىلەرنىڭ ھاكىمىيىتى ئىشقا ئاشىدىغان بولغاچقا بۇ ئۇرۇشنىڭ بالدۇرراق يۈز بېرىشى ئۈچۈن ئىسرائىلىيە دۆلىتى تېخىمۇ چوڭايتىلىشى لازىم.

7باسقۇچتا پۈتۈن دۇنياغا خىرىتىسيانلىق ھاكىم بولىدۇ ۋە قىيامەت قايىم بولىدۇ.

كۆرۈلگىنىگە ئوخشاش ئىنجىلىزم 6 باسقۇچقىچە سىيونىزمنىڭ مەقسەتلىرى بىلەن تامامەن ماشلاشماقتىدۇر. بۇ ۋەجىدىن ئىنجىلىزىم ئېقىمىدىكىلەر «سىيونىست خىرىستىيانلار» دەپمۇ ئاتالماقتا.

*** * *** ** ****** ****

19ئەسىردە يەھۇدىيلىقمۇ خۇددى ئىسلام ۋە خىرىستىيالىققا ئوخشاش ئەنئەنىۋىي شەكىلدە ئىشىنىلىدىغان نورمال ئىلاھىي دىنلارنىڭ بىرسى ھېسابلىناتتى.  تېئودور ھېرلز قاتارلىق سىيونىست يەھۇدىيلار ئالدى بىلەن يەھۇدىيلىقنى ئۆزگەرتىپ تاشلىدى. شۇڭا بۈگۈنكى كۈندە سىيونىست يەھۇدىيلىققا قارشى چىقىدىغان نۇرغۇنلىغان يەھۇدىيلارمۇ مەۋجۇت.

تۈركىيەدە ۋە ئىسلام دۆلەتلىرىدە يېقىنقى مەزگىللەردە سىيونىزم بىلەن ماسلىشىشچان بىر ئىسلام يارىتىش تىرىشچانلىقى كۆرسىتىۋاتقانلىقى مەلۇم. «دىنلار ئارا دىيالوگ» دېگەندەك تېرمىنلەر، ئىسلامنى ئاساس قىلمىغان ئازغۇن ئېنىقلىمىلار ۋە ئەمەلىي ھەرىكەتلەر بۇ ئۇرۇنۇشلارنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. بۇ خىل گۇرۇپپىلارمۇ ئىنجىلىزم ئېقىمىدىكىلەرگە ئوخشاش ئىسرائىلىيەنىڭ يەھۇدىيلار ئۈچۈن ۋەدە قىلىنغان زېمىنى بارلىقىنى تىلغا ئېلىشماقتا.

خىرىستىيانلىقنىڭ ئىچىدىن سىيونىزم بىلەن ماسلىشالايدىغان بىر ئەقىدىنىڭ ئۆزلىگىدىن شەكىللەنگەن بولۇش ئېھتىمالى بار دەپ قاراش، دىنىي ئوخشىماسلىقلار ۋە تارىخىي تۇقۇنۇشلار سەۋەبىدىن مۇمكىن ئەمەستەك كۆرىنىدۇ. بۇ ئۆزگەرتىشلەرنىڭ سىيونىسلارنىڭ تىرىشچانلىقى ئىكەنلىكى ھەققىدىكى گۇمانلارمۇ ئىنتايىن كۈچلۈك بىر شەكىلدە ئوتتۇرىدا تۇرۇپتۇ. سىيونىست خىرىستيانلارغا (ئىنجىلىزم ئېقمىكىدىكىلەرگە) قارشى چىققان نۇرغۇنلىغان خىرىستىيانلارمۇ بار.  كاتولىكلار پاپاسىنىڭ قۇددۇسنىڭ پايتەخت ئېلان قىلىنىشىغا قارشى چىقىش پوزىتسىيەدە بولغانلىقى مەلۇم.  شۇنىڭدەك ئورتودوكىسلارمۇ ئىنجىلىزم ئېقىمىدىكىلەر بىلەن ئوخشاش قاراشتا ئەمەس. ھەتتا بەزىدە ئىسرائىلىيەنىڭ زۇلمىغا قارشى مۇسۇلمانلارنى قوللايدىغان پوزىتسىيە تۇتماقتا.

دەر ھەقىقەت، تەڭرىنى قىيامەتكە زورلاش ئىنساننىڭ قولىدىن كېلىدىغان ئىش ئەمەس. لېكىن ئىنسانىيەتنى ھالاكەتكە سورىيەلەيدىغانلىقى ئېنىق.  دىنلارنىڭ گىنلىرىنى ئۆزگەرتىپ، بارلىق ئىنسانىيەتنى ھالاكەتكە ئىتتىرمەكچى بولغان سىيونىزم بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەر تۈرلۈك ئۇرۇنۇشلارنىڭ ھەممىگە قارشى چىقىش لازىم. بۇمۇ گېنلىرى ئۆزگەرمىگەن مۇسۇلمانلار، خىرىستىيانلار ۋە يەھۇدىيلار شۇنداقلا يەر يۈزىدىكى تىنچلىقپەرۋەر بارلىق ئىنسانلارنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن مۇمكىن بولغۇسى.   

   ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار! يۇقىرىدا يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇلنىڭ مەسلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق. كېلەر ھەپتە يەنە ئوخشاش ۋاقىتتا، يەنە باشقا ئانالىزلىرىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز. قايتا كۆرۈشكىچە ئامان بولغايسىلەر خەيىر خوش!!

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر