غەرپكە قارشى ئۈچ خىل مەۋقە (ئاۋازلىق)

دۇنيا كۆزنىكى (31)

1023996
غەرپكە قارشى ئۈچ خىل مەۋقە (ئاۋازلىق)

دۇنيا كۆزنىكى (31)

«غەرپكە قارشى ئۈچ خىل مەۋقە»

(پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇل)

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «دۇنياغا نەزەر» يەنى، «دۇنيا كۆزنىكى» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا ئەنقەرە يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇلنىڭ «غەرپكە قارشى ئۈچ خىل مەۋقە» تېمىلىق ئانالىزىنىدىققىتىڭلارغا سۇنىمىز:

يېقىنقى 200 يىللىق تارىخقا قارايدىغان بولساق، ئوسمانلىنىڭ ئاخىرىقى دەۋرى ۋە جۇمھۇرىيەت دەۋرىدىكى زامانىۋىي زىيالىلارنىڭ ئاساسلىق مۇنازىرە تېمىلىرىدىن بىرسى غەربكە قانداق پەزىتسىيە تۇتۇش بولغانلىقىنى كۆرىمىز. تەنزىماتقا، غەرب مەدەنىيىتىگە، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ۋە يېقىندىن بۇيانقى يەر شارىلىشىشقا ئالاقىدار ھەرخىل تېرمىنلارنىڭ ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان مۇنازىلەر، ئاساسىي جەھەتتىن غەربكە نىسبەتەن ئۆزىمىزنى قانداق مەۋقەدە تۇرغۇزۇش مۇنازىرىلىرىنىڭ داۋامى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

مەسىلەن، ئوسمانلىنىڭ ئاخىرىقى دەۋرىدىكى مۇتەپەككۈرلەرنىڭ غەربكە ۋە غەرب مەدەنىيىىتىگە مۇناسىۋەتلىك 3 ئوخشاش بولمىغان ئاساسلىق قارىشى بولغانلىقىنى تىلغا ئېلىشقا بولىدۇ. «تەسلىمچىلىك» دەپمۇ ئاتاشقا بولىدىغان تۇنجى پوزىتسىيەنىڭ ئەڭ تىپىك ئۈلگىسى ئىجتىھاد ژۇرنىلى خوجايىنى شۇنداقلا يازغۇچىسى ئەبدۇللاھ جەۋدەتنىڭ پوزىتسىيەسى ئىدى. ئابدۇللاھ جەۋدەتنىڭ قارىشىچە بىرلا مەدنىيەت بار بولۇپ، ئۇ دەل غەرب مەدەنىيىتى ئىدى. غەرب مەدەنىيىتىنى گۈل ۋە تېكىنى بىلەن تەڭ قوبۇل قىلىش كېرەك ئىدى. ئەكسىچە بولغاندا يوقۇلۇپ كېتىشىمىز مۇتلەق ئىدى.

ئىككىنچى خىل مەۋقەنى بولسا، «ئىنكارچىلىق» دەپ ئاتاشقىمۇ بولىدۇ. پۈتۈنلەي نارازىلىق ئىچىدە غەربكە ئالاقىدار قانداقلا نەرسە بولسا، قارشى چىقىش، غەربنى گويا رەزىللىكلەرنىڭ ئانىسى سۈپىتىدە كۆرۈش پوزىتسىيەسى ئىدى.

ئۈچىنچىسى، «مۆتىدىل ياكى ئۆزىگە ئىشىنىش مەۋقەسى» بولۇپ، بۇ پوزىتسىيەدە غەربنىڭ ئېپىرىيالىستلارچە ئۇرۇنۇشلىرى نەزەردىن ساقىت قىلىنمايتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، تەسلىمچىلىك ۋە ئىنكارچىلىق ئوتتۇرىسىدىمۇ بىر مۆتىدىل پوزىتسىيە بەرپا قىلاتتى. غەربكە بولغان غەزىپىمىزنىڭ غەربنىڭ ئىجابىي تەرەپلىرىنى ۋە ئۆزىمىزنىڭ سەلىبىي تەرەپلىرىمىزنى پەردىلەپ قويماسلىقىنى خالايتتى. بۇ مەۋقەنىڭ ئەڭ تېپىك ئۈلگىسىنى 1دۇنيا ئۇرۇشى يىللىرىدىكى ئوسمانلى باش ۋەزىرى سەئىد ھەلىم پاشادا ئېنىق كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، بولۇپ ئۆتكەن ۋەقەلەرگە قارىماستىن، غەرب بىلەن شەرق بىرلىكتە ياشىشى ۋە بىر - بىرىنى ياخشى تونۇشى لازىم. شەرق بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدىكى قارىمۇ - قارىشىلىقتا پەقەت غەربنىڭلا جاۋابكار ئەمەسلىكىنى، بەلكى شەرقنىڭمۇ ھەسسىسى بارلىقىنى بىلدۈرەتتى. 

سەئىد ھەلىم پاشا «تەئەسسۇپ» ناملىق ئەسىرىنى يېزىشتىكى مەقسىتىنىڭ بۇ ئىككى خەلق ئوتتۇرىسىدىكى غەزەپ، نەپرەت ۋە دۈشمەنلىكلەرنى ئەۋج ئالغۇزۇش ئەمەس، بەلكى تەڭ بىرلىكتە ياشاشقا مەھكۇم ۋە بىر - بىرىنى چوڭقۇر تونۇشقا ئوخشاش دەرىجىدە مەجبۇر ئىككى خەلق ئوتتۇرىسىدا ياخشى مۇناسىۋەتلەرنىڭ قۇرۇلۇشىغا توسالغۇ بولىدىغان خاتا پىكىر ۋە غەپلەتلەرنىڭ يوقۇتۇلىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.   

 

خاتا مەۋقەلەر ۋە ئاقىۋەتلىرى

 

بۇ مۇنازىرە تارىختا كۆمۈلۈپ قالغان بىر مۇنزىرە ئەمەس، بەلكى بۈگۈنكى كۈندىمۇ قىززىقلىقىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان تېمىدۇر. يەر شارىلىشىش باسقۇچى بىلەن شەرق، غەرب، شىمال ۋە جەنۇبنىڭ جوغراپىيە ۋە كىملىك نۇقتىسىدىن قەيەردە باشلىنىپ قەيەردە ئاخىرىلىشىدىغانلىقى بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا ھازىرمۇ ئېنىق ئەمەس. دۇنيا تېخىمۇ بەك بىر - بىرى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن ۋەزىيەتتە تۇرماقتا. دۇنيادىن چەتكە چىقىۋالغان بىر شەكىلدە كۈلتۈر چېگرالىرى دائىرىسىدە مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قىلىش ئەمدىلىكتە تېخىمۇ قېيىنلاشتى. 

بۈگۈنكى كۈندە غەربتە مىليونلىغان كۆچمەن ۋە مۇسۇلمانلار ياشىماقتا. جوغراپىيە نۇقتىسىدىن غەرب سىرتىدا ياشايدىغان خەلقلەرنىڭ غەربكە نىسبەتەن مۇئەييەن مەۋقە تۇتۇش تىرىشچانلىقىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ، ئاندىن بۇ يەردىن ئىلگىرىلىيەلەيمىز. غەربتە تۇرۇشلۇق خەلقلەر ئۈستىدىكى مۇنازىرىنى داۋاملاشتۇرالايمىز. چۈنكى غەرب خەلقلىرى ئارىسىدا ياشاۋاتقان كۆچمەنلەر ۋە مۇسۇلمانلار ئارقىلىق مەسلىسىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشۈنۈپ يەتكىلى بولىدۇ. خاتا مەۋقە تۇتۇشنىڭ ئېغىر، ۋەيران قىلغۇچ نەتىجىلىرىنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈۋالالايمىز. يەنە بىر تەرەپتىن غەربنىڭ سىرتىدىكى بارلىق خەلقلەرنىڭ غەبكە نىسبەتەن تۇتقان مەۋقەسى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان 3 پوزىتسىيەدىن پەرقلىق ئەمەس. بۈگۈنكى كۈندە غەربتە ياشاۋاتقان كۆچمەنلەر ۋە مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ھەمدە ئوسمانلى زىيالىلىرى ئارىسىدىمۇ كۆرۈلگەن مەزكۇر تەسلىملچىلىك ۋە ئىنكارچىلىق پوزىتسىيەسى خېلى كەڭ تارقالماقتا دېيەلەيمىز. بو پوىتسىيەدىكى كىشىلەر يا مەغلۇبىيەت پىسىخىئولوگىيەسى بىلەن تەسلىمچىلىك ۋەياكى ئىنكارچىلىق پوزىتسىيەسى بىلەن رادېكاللىشىشقا يۈزلەنمەكتە.

ئاۋستىرالىيە، كانادا ۋە ئامېرىكىغا ئوخشاش دۆلەتلەردە ئوخشاش بولمىغان كىملىك ۋە كۈلتۈرلەر تېخىمۇ ئەركىن ياشىماقتا. بۇ ئەھۋالنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە بۇ دۆلەتلەردە تۇرۇشلۇق كۆچمەنلەر ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزلىرى ياشاۋاتقان جەمئىيەتكە بولغان نارازىلىقى تېخىمۇ تۆۋەن. بەلكىم شۇڭا ئۇلار تېخىمۇ تىز ماسلىشىپ كەتمەكتە. 

ياۋروپادا بولسا، دۆلەتلەرنىڭ تېخىمۇ بېسىم قىلغۇچ، تېخىمۇ نارازىلىق قوزغىغۇچ سىياسەتلىرى سەۋەبىدىن تەسلىمچىلىك ۋە ئىنكارچىلىق پوزىتسىيەلىرى ئەۋج ئالماقتا. بۇ دۆلەتلەردىكى كۆچمەنلەر ئۆزلىرى بىرگە ئېلىپ كەلگەن كۈلتۈر ۋە ئېتىقادلىرى بىلەن شۇ دۆلەتنىڭ قىممەت قاراشلىرى ۋە بېسىم خاراكتېرلىك پوزىتيىسەلىرى ئارىسىدا قاپسىلىپ قالغانلىقتىن يا تەسلىمچىلىككە ۋەياكى ئىنكارچىلىققا يۈزلىشنىشكە مەجبۇر بولماقتا.

ئىنكارچىلىق نۇقتىسىدىن ئۆز كىملىكى ۋە كۈلتۈرى بىلەن غەرب دۆلەتلىرىگە كېلىپ قوبۇللۇققا ئېرىشلمىگەن ياكى ئۆزىنى ئىپادىلىيەلمىگەن كىشىلەر ئۆزى ياشاۋاتقان جەمئىيەتنىڭ بارلىق قىممەت قاراشلىرىنى ۋە قۇرۇلمىلىرىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىدىغان بىر قاراشقا ئىگە بولۇپ قالماقتا. بۇنداق رادېكاللىققا يۈزلەنگەن كىشىلەر مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن، ئۆزى ياشاۋاتقان جەمئىيەتكە پۈتۈنلەي ياتلىشىپ قالماقتا. بۇ باسقۇچتىن كېيىن بۇ خىل كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىگە ۋە كۆچۈپ كەلگەن مەزكۇر دۆلەتلەرگە شۇنداقلا ئۆزلىرى ياشاۋاتقان جەمئىيەتكە ھەسسە قوشۇش ئىقتىدارلىرى پۈتۈنلەي بېكار بولۇپ كەتمەكتە. ئاندىن يەنە مەلۇم مەزگىل كېيىن تېررورلۇق تەشكلاتلىرىغا ئاسانلا يەم بولىدىغان كىشىلەرگە ئايلانماقتا.

بۇ ۋەجىدىن ئافغانىستان، ئىراق، لىۋىيەگە ئوخشاش غەربنىڭ ئىشغالىيىتىگە دۇچ كەلگەن دۆلەتلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا، دائېشقا ئوخشاش تېررورلۇق تەشكلاتلىرىغا ئەڭ كۆپ غەرب دۆلەتلىرىدىن قاتناشماقتا. ھەممىلا نەرسىگە قارشى چىقىدىغان، ھەممە نەرسىنى ئىنكار قىلىدىغان پىسخىئولوگىيەلىك چۆكۈشكە مۇبتىلا بولغان غەرب دۆلەتلىرىدىكى بۇ خىل كىشىلەر ئۈچۈن تېررورلۇق تەشكلاتلىرى گويا نىجاتلىق يولىدەك كۆرۈنمەكتە. ۋەھالەنكى بۇ ياشلار ئىنگلىزچە، فىرانسۇزچە ۋە نىمىسچە قاتارلىق بىر قانچىلىغان تىللارنى بىلىدۇ. بەزىلىرى ھەتتا يۇقىرى سەۋىيەلىك مائارىپ تەربىيەسى كۆرگەن بولۇپ ئۇلار يەنە ئۆزلىرى ئولتۇراقلاشقان دۆلەتلەرنىڭ كۈلتۈرى ۋە تىللىرىنىمۇ پىششىق بىلىدۇ. ئەسلىدە ئۇلار توغرا مەۋقە تۇتالىغان بولسا، ھەم ئولتۇراقلاشقان دۆلەتلەر ئۈچۈن ھەم ئۆزلىرى ئۈچۈن بىردىن دېڭىز پەنىرى بولۇش رولىنى ئوينىيالايتتى. بىراق خاتا مەۋقە تۇتقانلىقى سەۋەبىدىن تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قېيىپ كېتىپ ۋەيران بولماقتا.

ئىنكارچىلىقنىڭ ھەم بۇ خىل پىسىخىئولوگىيەگە ئىگە كىشىلەرگە نىسبەتەن، ھەم ئۆزلىرى ياشاۋاتقان جەمئىيەتكە نىسبەتەن يوقۇلۇشتىن باشقا ھېچ قانداق كەلگۈسى يوقتۇر. شۇ ۋەجىدىن ئىنكارچىلىق پوزىتسىيەسى كۆپ سانلىقنى ئاساس قىلىشنى ئۆزلىرىگە نىسبەتەن بىر تەھدىت دەپ قارايدۇ. بىر خىللىقنىلا ياقىلايدىغان گۇرۇپپىلار ۋە بەزى غەربلىك ئىستىخبارات ئورگانلىرى بۇلارنى يوشۇرۇن قوللانماقتا. بۇ ئىستىخبارات ئورگانلىرى ئىنكارچىلارنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ قاراشلىرىنىڭ مۇسۇلمان دۆلەتلەرگە ئكىسپورت قىلىنىشى ئۈچۈن ئالاھىدە تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتمەكتە. 

ئىنكارچىلىقنىڭ دەل ئەكسى سۈپىتىدە غەربتە ياشايدىغان كۆچمەنلەرنىڭ يەنە بىر خاتا مەۋقەسى تەسلىمچىلىكتۇر. تەسلىمچىلىكنىڭ ئۆزلەشتۈرىلىشىدە جەمئىيەتنىڭ ۋە دۆلەتنىڭ ئۇلارغا نىسبەتەن ھېچقانداق چىقىش يولى قويمىغانلىقى چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن دېيىشكە بولىدۇ. تەسلىمچىلىكنى ئۆزلەشتۈرگەن كىشىلەر ئۆتمۈشتە ئۆزلىرى ئىگە بولغان قىممەت قاراشلارنى، ئېتىقادلىرى ۋە كۈلتۈرلىرىنى پۈتۈنلەي چۆرۈپ تاشلاپ، ئاسېمىلە بولۇپ كەتمەكتە. تەسلىمكەشلەر ئۆزلىرىگە خاس ئۆزلۈكلىرىنى پۈتۈنلەپ چۆرۈپ تاشلىغانلىقى سەۋەبىدىن ئۆزلىرى ياشاۋاتقان جەمئىيەتكە ھەسسە قوشۇش كۈچىنى يوقۇتۇپ قويغان بولىدۇ. تەسلىمكەشلەر داۋاملىق ئۆزلىرى ياشاۋاتقان جەمئىيەتكە چىرايلىق كۆرۈنۈشكە ئۇرۇنىدۇ ياكى جەمئىيەت ئۇلاردىن شۇنداق قىلىشىنى تەلەپ قىلىۋاتقاندەك ئەندىشە ئىچىدە بولغانلىقى سەۋەبىدىن ئۆز كۈلتۈرلىرىنى، خەلقىنى ۋە كەلگەن ۋەتىنىنى داۋاملىق كەمسىتىدىغان، بىجىم بوشلارغا ئايلىنىدۇ. بۇ پوزىتسىيە ئەسلىدە ئىچىگە سىڭدۈرۈش قېيىن بولغان پوزىتسىيە بولغاچقا ھەرقانداق ئىشتا قايتىدىن پەيدا بولۇش تىرىشچانلىقىنىڭ ئىپادىسىگە ئايلىنىدۇ. ياۋروپادىكى كۆچمەنلەرنىڭ ئىچىدىن چىقىپ، ئاسېمىلاتسىيە بولۇپ كەتكەن بەزى كىشىلەرنىڭ ئۆز ۋەتىنى، خەلقى، كۈلتۈرى ۋە ئۆز دۆلىتىگە تېخىمۇ بەك نارازىلىق كۆرسىتىش پوزىتسىيەدە بولۇپ يۈرىشىنىڭ سەۋەبى مۇشۇ بولسا كېرەك. بۇ رادېكال پوزىتسىيە، كۆچمەنلەرنىڭ ئۆز ئىچىدىن چىققانلار تەرىپىدىن كەمسىتلىشىگە، ياشاۋاتقان دۆلەتنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەرگە تېخىمۇ بەك يول قويۇلىشىغا شۇنداقلا مەزكۇر دۆلەت بىلەن كۆچمەنلەر ئوتتۇرىسىدىكى ۋە كۆچمەنلەر كەلگەن دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ تېخىمۇ بەك زەھەرلىنىشىگە سەۋەب بولىشى مۇمكىن.

ئۇنداقتا مۆتىدىل مەۋقەدە تۇرۇش نېمىگە ئىگە قىلىدۇ؟ كېلەر قېتىمقى پىروگراممىمىزدا تەپسىلىي توختىلىمىز.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار! يۇقىرىدا يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇلنىڭ مەسلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق. كېلەر ھەپتە يەنە ئوخشاش ۋاقىتتا، يەنە باشقا ئانالىزلىرىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز. قايتا كۆرۈشكىچە ئامان بولغايسىلەر خەيىر خوش!!

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر