تۈركىيەنىڭ ياردەم پائالىيەتلىرى ۋە مۇساپىرلار سىياسىتى

جان ئاجۇننىڭ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئانالىزى

1017028
تۈركىيەنىڭ ياردەم پائالىيەتلىرى ۋە مۇساپىرلار سىياسىتى

تۈركىيە خەلقئارادا ياردەم پائالىيەتلىرى ۋە مۇساپىرلار سىياسىتى جەھەتتىن دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، بۇ پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئىبرەتلىك خاراكتېرلىك ساۋاقتۇر. تۈركىيە خەلقئاردا مۇھتاجلارغا ئەڭ كۆپ ياردەم خىزمەتلىرى ئېلىپ بېرىۋاتقان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىنساننىڭ ئىززىتىگە ھۆرمەت  قىلىشنىڭ، ئۆزگىلەر بىلەن ھەمبەھرىلىشىشنىڭ ۋە ياردەملىشىشنىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىكىنى پۈتكۈل دۇنيا كۆرسىتىپ قويدى. تۈركىيەنىڭ ئىنساننى مەركەز قىلغان تاشقىي سىياسىتى ئىنسان ھەقلىرى دېگەن مۇقەددەس شوئارنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنىۋالغان دۆلەتلەردىن پەرقلىق ھالدا، ئەمەلىي جەھەتتە ئىنسانغا ئىنسان بولغانلىقى ئۈچۈن ئىززىتىنى قىلىشنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى. تۈركىيەنىڭ يەنە نۇرغۇن مۇساپىر ۋە كۆچمەنگە ساھىبخانلىق قىلىشىمۇ تۈركىيەنىڭ ئىچكى ۋە تاشقىي سىياسىتىنىڭ ئىنساننى مەركەز قىلىدىغانلىقىنى نامايەن قىلىپ بېرىدۇ.

2018-يىللىق دۇنيا ياردەم پائالىيەتلىرى دوكلاتىغا قارىغاندا، تۈركىيە بۇلتۇر دۇنيا بويىچە ئىنسانىي ياردەم پائالىيەتلىرى جەھەتتىن بىرىنچى بولغان. دۇنيادىكى ئەڭ سېخى دۆلەت بېكىتىلگەن تۈركىيە دۆلەت ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنىڭ %0.82گە توغرا كېلىدىغان راسخوتنى خەلقئارا ياردەم پائالىيەتلىرىگە ئاجراتماقتا. دۆلەت ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى نەزەرگە ئېلىنغىنىدا، تۈركىيەدىن قالسا ئەڭ كۆپ ياردەم پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان دۆلەتلەر قاتارىدا نورۋېگىيە ۋە لىيۇكسېمپبۇرگمۇ بار.

ئەنگلىيەدىكى تەرەققىيات تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيە بۇلتۇر  ياردەم پائالىيەتلىرى ئۈچۈن 8 مىليارد 700 مىليون دوللار ئاجراتقان بولۇپ، ئۆزگىلەرگە ياردەم قىلىش جەھەتتە دۇنيا بويىچە بىرىنچى بولغان. تۈركىيەنىڭ كەينىدىن ئامېرىكا كېلىدىغان بولۇپ، ئامېرىكا ياردەم پائالىيەتلىرىگە 6 مىليارد 800 مىليون دوللار سەرپ قىلغان، ئامېرىكىنىڭ ياردەم پائالىيەتلىرىگە سەرپ قىلغان چىقىمىنى دۆلەت ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىگە سېلىشتۇرغاندا ئاران %0.04 ئىگىلەيدىكەن، گېرمانىيەمۇ ياردەم پائالىيەتلىرىگە 2 مىليارد 520 مىليون دوللار سەرپ قىلىپ دۇنيا بويىچە ئۈچىنچى بولغان. 

تۈركىيەنىڭ خەلقئارادا ياردەم پائالىيەتلىرى جەھەتتىن باشقا دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا كۆرىنەرلىك دەرىجىدە ئالدىدا بولۇشى، تۈركىيەنىڭ ئىنسانغا قانچىلىك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى نامايەن قىلىپ بېرىدۇ. ئىنسان ھەقلىرى ۋە دېموكراتىيەنى ئىزچىل ياقلاپ كېلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ياردەم پائالىيەتلىرى جەھەتتە تۈركىيەدىن كۆپ ئارقىدا بولۇشى، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئۆزلىرى ياقلىغان ئىدىيەلەرگە تۇتقان پوزىتسىيەسىنى كۆرسىتىپ بېرىش نۇقتىسىدىن بىزنى مۇھىم يىپ ئۇچىلار بىلەن تەمىنلەيدۇ. تۈركىيەنىڭ ياردەم پائالىيەتلىرى جەھەتتە ئالدىنقى ئورۇندا بولۇشى يەنە تۈركىيەنىڭ ئىنسان ھەقلىرىگە ئېغىزدا ئەمەس ئەمەلىي جەھەتتە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.

تۈركىيە ياردەم پائالىيەتلىرىدىن سىرت دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ مۇساپىر ۋە كۆچمەنگە ساھىبخانلىق قىلىۋاتقان دۆلەتتۇر. 3 مىليون  500 مىڭ مۇساپىرغا ساھىبخانلىق قىلىۋاتقان تۈركىيە ئىنسانىي ۋە ۋىجدانى جەھەتتىكى بۇرچىنى ئادا قىلىش جەھەتتىنمۇ دۇنياغا ئۈلگە بولماقتا. تۈركىيە نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئەكسىچە تۈركىيەدىن پاناھلىق تىلىگەن ئىنسانلارغا ئىگە چىقماقتا، بۇ تۈركىيەنىڭ ئىنسانغا قانچىلىك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

نۆۋەتتە دۇنيا مىقىياسىدا ئىرقچىلىق ئەۋجىگە چىقىۋاتقان، مۇساپىرلارغا قاتتىق قوللۇق سىياسىتى يولغا قويۇلىۋاتقان ۋە مۇساپىرلار ئاق دېڭىزدا سۇغا غەرق بولىۋاتقان بىر مەزگىلدە، تۈركىيەنىڭ مۇساپىرلارغا قاراتقان سىياسىتى ھەقىقەتەن تەقدىرلەشكە ئەرزىيدۇ. تۈركىيەدە نۇرغۇن مۇساپىر ۋە كۆچمەن ياشىۋاتقان بولسىمۇ تۈركىيەنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىم بولۇپ ئىرقچىلىقنىڭ باش كۆتۈرمەسلىكى دۇنيادىكى مۇساپىرلارغا تۇتۇلىۋاتقان پوزىتسىيە ۋە سىياسەتنىڭ رىئاللىق ۋە ھەقىقەتنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئىسپات قىلىپ بېرىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكىدىكى مۇساپىرلار كىرىزىسىنىڭ ئەسلىدە ئىرقچىلىق ۋە چەت ئەللىك دۈشمەنلىك كىرىزىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

مەسىلەن، گېرمانىيەدىكى بىرلەشمە ھۆكۈمەتتە قېرىنداش پارتىيەلەر سۈپىتىدە سايلامغا بىرلىكتە كىرگەن خىرىستىيان دېموكراتچىلار پارتىيەسى بىلەن خىرىستىيان سوتسىيالىستلار پارتىيەسى ئارىسىدا كېلىپ چىققان كىرىزىس دەل خىرىستىيان سوتسىيالىستلار پارتىيەسىنىڭ مۇساپىر ۋە كۆچمەنلەرگە تۇتقان قاتتىق سىياسىتى سەۋەب بولدى. 550 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسى بولغان ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىگە تۈركىيەدىكى مۇساپىرلار سانىنىڭ ئۈچتە بىرىنىڭ كېلىشى ياۋروپا ئىتتىپاقى مىقىياسىدا ئېغىر كىرىزىس پەيدا قىلدى. بۇ ئەھۋال ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىگە خەۋپ شەكىللەندۈردى. ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىدە ئاشقۇن مىللەتچى پارتىيەلەرنى قوللايدىغان خاھىش كۈچىيىپ كېتىۋاتقان بولۇپ، نۇرغۇن دۆلەتتە بىرىنچى ياكى ئۈچىنچى كۈچلۈك پارتىيە سەۋىيەسىگە كەلمەكتە.

تۈركىيەدە ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىگە سېلىشتۇرغاندا مۇساپىر سانى 3 ھەسسە كۆپ بولسىمۇ مۇساپىرلار كىرىزىسى يۈز بەرمىدى. يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، تۈركىيەدىكى مۇساپىرلارغا قارىتىلغان سىياسەت ۋە پوزىتسىيەنىڭ ئاساسىنى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانىڭ ئىرادىسى شەكىللەندۈرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر