كىرىزىسنى ھەل قىلىش ۋە يېپ-يېڭى رامىزان بەرپا قىلىشقا ئاتلانغان تۈركىيە

تۈركىيە كىرىزىسنى ھەل قىلىش ۋە يېپ-يېڭى رامىزان بەرپا قىلىش ئاتلاندى.

991063
كىرىزىسنى ھەل قىلىش ۋە يېپ-يېڭى رامىزان بەرپا قىلىشقا ئاتلانغان تۈركىيە

دۇنيا تەرتىپىنى ساقلاش كۈندىن-كۈنگە قىيىنىلىشىۋاتقان، تېررورىزىم، توقۇنۇش ۋە ئۇرۇش سەۋەبىدىن مۇقىمسىزلىق ئومۇمىشىپ  كەتكەن بىر دەۋىردە رەھمەت ۋە مەغپىرەت ئېيى رامىزاننى دۇنيانىڭ جاراھىتى بولغان غەززەدىن كەلگەن شېھىت خەۋەرلىرى بىلەن كۈتۈۋالدۇق. ئىسرائىلىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ، تەخمىنەن 750مىڭ پەلەستىنلىكنىڭ يۇرت-ماكانلىرىدىن سۈرگۈن قىلىنىپ ئانا يۇرتىدا مۇساپىرغا ئايلىنىپ قېلىشىنىڭ خاتىرە كۈنىدە، زۇلۇم ئارقىلىق تىنچلىقنى بەرپا قىلماقچى بولغانلار يەنە سەھنىگە چىقتى.

قۇددۇسنىڭ سالاھىيىتى

ئەسىرلەرچە ئىبراھىمى دىنلارغا نىسبەتەن مۇقەددەس ھېسابلىنىدىغان قۇددۇسقا بۇ سالاھىيەت مۇنداقلا بېرىلىپ قويغان ئەمەس. دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ قۇددۇسنى ھەر قانداق بىر دۆلتنىڭ پايتەختى سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلماسلىقى ۋە بىرمۇ دۆلەتنىڭ ئەلچىخانىسىنىڭ قۇددۇسقا بولماسلىقىنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرى بار. دەرۋەقە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 1947-يىلدىكى 181-نومۇرلۇق قارارى قۇددستا ب د ت نازارىتىدە بىر ھاكىمىيەت بەرپا بەرپا قىلىشنى مەزمۇن قىلاتتى. 1948-يىلى ئىسرائىلىيە دۆلىتى قۇرۇلۇپلا دەسلەپ شەرقىي قۇددۇسنى، 1967-يىلغا كەلگەندە بولسا 6 كۈنلۈك ئۇرۇشتا شەرقىي قۇددۇسنى ئىشغال قىلدى.  ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئوتتۇرا شەرقتە ئادىل ۋە سىجىل تىنچلىق بەرپا قىلىش ئۈچۈن قارار چىقارغانىدى. ب د ت ئىسرائىلىيەنى 1967-يىلى ئىشغال قىلىۋاتقان زېمىنلاردىن چېكىنىپ چىقىشقا چاقىرغان بولسىمۇ، ئىسرائىلىيە قۇددۇسنى پارلامېنت ۋە مىنىستىرلىقلارغا ساھىبخانلىق قىلىۋاتقان پايتەخت سۈپىتىدە كۆرۈپ كەلدى. 1980-يىلى ئىسرائىلىيە قۇددۇس توغرۇلۇق قارار چىقىرىپ قۇددۇسنى پايتەختى ئېلان  قىلىۋالدى، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ قارارىنى قاتتىق ئەيىبلەپ، قۇددۇستا دىپلوماتىك ۋەكالەتخانلىرى بولغان دۆلەتلەردىن ۋاكالەتخانىلىرىنى تېل ئاۋىۋغا يۆتكەشنى تەلەپ قىلدى. ئەپسۇس ئامېرىكا بۇ قارار ئاۋازغا قويۇلغاندا قاتناشمىدى، بىراق ۋېتو قىلمىدى. ئۆز ۋاقتىدا قۇددۇستا ئەلچىخانىلىرى بولغان بولىۋىيە، دومىنىكو جۇمھۇرىيىتى، ئېكۋادور، ھايتى، گوللاندىيە، كولومبىيە، پاناما، چىلى، ئۇرۇگۋاي ۋە ۋېنېزۇئېلا قاتارلىق دۆلەتلەر ئەلچىخانىلىرىنى تېل ئاۋىۋغا يۆتكىدى. 2006-يىلى ئەل سالۋادور بىلەن كوستارىكامۇ ئەلچىخانىلىرىنى قۇددۇستىن تېل ئاۋىۋغا يۆتكىدى، شۇنىڭ بىلەن تېل ئاۋىۋدە  بىرمۇ ئەلچىخانا قالمىدى.

ئامېرىكا نېمىنىڭ كويىدا؟

1995-يىلى ئامېرىكا مەجلىسى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 478-نومۇرۇق قارارىغا زىت ھالدا قۇددۇسنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى ئېتىراپ قىلىشنى ۋە ئىسرائىلىيەدىكى ئەلچىخانىسىنى تېل ئاۋىۋدىن قۇددۇسقا يۆتكەشنى مەزمۇن قىلغان قۇددۇس ئەلچىلىك قانۇنىنى ماقۇللىدى. مەزكۇر قانۇندا قۇددۇستا قۇرۇلىدىغان ئەلچىخانىنىڭ 1999-يىلغىچە قۇرۇلۇپ بولۇش كېرەكلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ماددا بار ئىدى، بىراق ئەلچىخانىنى يۆتكەش مەسىلىسى ھازىرغىچە بارلىق ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىرى تەرىپىدىن كېچىكتۈرۈلۈپ كېلىندى، چۈنكى ئامېرىكا پىرېزىزىدېنتلىرى بۇ مەسىلىنىڭ تولىمۇ سەزگۈر ئىكەنلىكىنى ۋە چاتاق چىقسا ئېغىر ئاقىۋەتلەر كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى نەزەرگە ئېلىپ مۇشۇنداق قىلغانىدى. 2017-يىلى 6-دېكابىردا ئوسمانلى زېمىنىدا يەھۇدىيلار ئۈچۈن يېڭى ماكان قۇرۇپ چىقىشنى مەزمۇن قىلغان بالفور خىتابنامىسىغا 100 كۈن توشقاندىن كېيىن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تېل ئاۋىۋدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنى قۇددۇسقا يۆتكەشنى قارار قىلدى. ترامپنىڭ بۇ قارارى ئوتتۇرا شەرقنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا ئېغىر زىيان بېرىدۇ. بۇ قارار ئادەتتىكى ماكان ئۆزگەرتىش بولماستىن، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيىتىنى قانۇنىي جەھەتتىن رەسمىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئىدى. ئامېرىكا رايوننىڭ ۋەزىيىتىنى كەسكىنلەشتۈرۈپ توقۇنۇشلارغا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ خەلقئارا جەمئىيەت قارشى تۇرۇپ كەلگەن ئىشنى قوللاپ، دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدا خەلقئارا قانۇنغا زىت بولغان  قانۇننى ئىجرا قىلدى. يەنى شۇنىڭ ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنى تېل ئاۋىۋدىن قۇددۇسقا يۆتكىدى.

پەلەستىنلىكلەرگە نىسبەتەن سېپىل ۋە قامال قانداق مەنىنى بىلدۈرۈسە بۇ قارارمۇ ئوخشاش ماھىيەتكە ئىگە ئىدى. خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنىڭ ئەكسىچە كەينىگە چېكىنمىگەن ئامېرىكىنىڭ بۇ قىلمىشى پەلەستىنلىكلەرنى قاتتىق غەزەبلەندۈردى. پەلەستىنلىكلەر پاسسىپ قارشىلىق كۆرسىتىش ۋە ئىتئاتسىزلىك  قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن نامايىش قىلدى، بىراق نامايىشلار قانلىق باستۇرۇلدى. ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى پەلەستىنلىكلەرگە مۇۋازىنەتسىز كۈچ ئىشلىتىپ نۇرغۇن پەلەستىنلىكنى قەتل  قىلدى. ئىسرائىلىيە دۆلىتى قۇرۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە قەتلىئام قىلىنىپ  كېلىۋاتقان، ئۆي-ماكانلىرىدىن سۈرگۈن قىلىنىۋاتقان، ئۆز زېمىنىدا مۇساپىر ھالىتىگە چۈشۈپ قالغان، ھەتتا ۋەتەسىز بولۇپ قالغان پەلەستىنلىكلەرگە نىسبەتەن «بۈيۈك پالاكەت»دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان نەكبە، نۇرغۇن ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ بۇ قېتىم يەنە ئۆزىنىڭ ئەپتى-بەشرىسىنى ئېچىپ تاشلدى.

ئوتتۇرا شەرقتىكى ئوت ئاپىتىنى ئۆچۈرۈشكە كۈچىگەن دۆلەت تۈركىيە

ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى نۆۋەتچى رەئىسلىك سالاھيىتى بىلەن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 2018-يىلى 18-مايدا چاقىرىلغان قۇددۇس باشلىقلار يىغىنى، پەلەستىندە مەيدانغا كەلگەن ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قىلمىشلار ۋە ۋەھشىيانە زۇلۇمغا «خاتىمە بېرىش»نۇقتىسىدىن تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ھېسابلىنىدۇ. پۈتكۈل دۇنيادا زور دىققەت قوزغىغان بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنى، نۇرغۇن رايونلۇق ۋە خەلقئارا ئورگان قىلالمىغان ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقاردى. تۈركىيەنىڭ سەزگۈرلىكى ۋە ئىنسانىي مەسىلىللەرگە كۆڭۆل بۆلۈشتىكى ئاكتىپچانلىقى تۈرتكىسىدە، قۇددۇسنىڭ سالاھىيىتىنى زۇلۇم، قانۇنسىزلىق ۋە زوراۋانلىق بىلەن ئۆزگەرتىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى نامايەن بولدى. تۈركىيە ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ قىلمىشىنىڭ ئالدى بىلەن ئۆزىگە زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى، ب د ت قۇرۇلغاندىن بۇيان ھەل بولماي كېلىۋاتقان پەلەستىن مەسىلىسىنىڭ ھەل بولۇشىغا خىزمەت قىلماستىن مەسىلىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىپ، رايوننىڭ ۋەزىيىتىنى كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلمەكتە. رايوندا ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق بەرپا قىلىش، توقۇنۇش ۋە كىرىزىسلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق ۋە پىداكارلىق كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان دۆلەت يەنىلا تۈركىيە ئىدى. ئەپسۇس، تۈركىيەنىڭ بۇ تىرىشچانلىقى يېتەرلىك تەقدىرلەشكە ئېرىشەلمىدى ۋە تىنچلىققا بولغان ئۈمىد چىراقلىرى خىرەلىشىشكە قاراپ ماڭدى.

مەزلۇملارنىڭ ئازاب-ئوقۇبىتىنى پەسەيتىش ئۈچۈن ماۋى مارمارا پاراخوتى رايونغا ئەۋەتىلگەندە بىگۇناھ ۋە قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقى يوق كىىشلەر قەتل قىلىندى. بۇ ئېچىنىشلىق ۋەقە تۈگىمەي تۇرۇپ، تۈركىيە پەلەستىنلكلەرگە بولغان بېسىمنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن ئىسرائىلىيەدىن پەقەت كەچۈرۈم ۋە تۆلەم بېرىشنىلا تەلەپ قىلدى. لېكىن پەلەستىنلىكلەرگە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان ياردەم خىزمەتلىرىگە قارشى تەتۈر تەشۋىقات پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى. ئۇرۇش خەۋىپى ئاستىدا ياشاۋاتقان كىشىلەرگە ئىسسىق تاماق تارقىتىلىۋاتقان ئەسنادا «تائاملار ھەققىي مۇھتاجلارغا ئەمەس تېررورچىلارغا تارقىتىپ بېرىلمەكتە»دېگەن مەزمۇندا تۆھمەتلەر چاپلاندى. مۇستەھكەم ئائىلىلەر بولغان، ئىنسانلار تېررورلۇق قىلمىشلىرىغا مايىل قىلىنمايدىغان ساغلام جەمئىيەت قۇرۇلمىسىدا ئاسايىش، ئامانلىق ۋە تىنچلىقنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ  4000 ياشنى ئىللىق ئائىلىگە ئېرىشتۈرگەن تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئاگېنتلىقى تېررورچىلارنى قوللاش بىلەن ئەيىبلەندى.

سوغاققانلىق بىلەن ئويلانغان ۋاقتىمىزدا تۈركىيەنىڭ ياردەم خىزمەتلىرى كەسكىن ۋەزىيەتنىڭ پەسيىشىدە، كىرىزىسنىڭ يامان تەسىرلىرىنى ئازايتىشتا قانچىلىك مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى بايقايمىز. تۈركىيە رايوندا ئامانلىق ۋە تىنچلىق بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئۆزى تۇتقان يولدا قەتئىي بوشىشىپ قالماي مېڭىپ كەلدى. بۇ رامىزان ئېيىدا يارىلانغلارنىڭ جاراھىتىنى ساقايتىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىگىچە بېرىپ سەھىيە مۇلازىمىتى بېرىلدى، دورا ۋە مېدىتسىنا بۇيۇملىرى غەززەگە ئەۋەتىلدى، ھەر كۈنى 1000 ئائىلە بولۇپ جەمئىي 200 مىڭ كىشىگە ئىسسىق تاماق تارقىتىلدى ۋە 12 مىڭ مۇھتاج ئائىلىگە ئاشلىق بېرىلدى. تىكا ئىنسانىي خىزمەتلەر ئارقىلىق بولۇپمۇ غەززەنىڭ بارغانچە ناچارلىشىۋاتقان ۋەزىيىتىنى ئازراق بولسىمۇ پەسەيتىش ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك تەرەققىيات پىلانى ئارقىلىق پەلەستىن خەلقىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى مەقسەت قىلىدۇ.

تۈركىيە ئادالەت ۋە تىنچلىقنى ئاساس قىلىدىغان ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنى قوللاپ، ئىسرائىلىيەنىڭ رايوندا نوپۇزىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىگە مۇۋاپىق ئىنكاسلارنى قايتۇرۇپ كەلمەكتە. ئىسرائىلىيە سېپىللار، خالىغانچە ئادەم جازالاش، قورال ۋە بومبىلار بىلەن پەلەستىنلىكلەرنى يوق  قىلىش بىلەن ئەمەس ئادالەت، مەرھەمەت بىلەن دۆلەتنى باشقۇرۇپ قانۇنلۇق ھالدا نوپۇز تىكلەشنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يېتىشى كېرەك.

كىرىزىسلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈۋاتقان تۈركىيە

ئادالەت ۋە مەرھەمەتنى ياقلاشنى تارىخىي بۇرۇچ ۋە دۆلەت ئەنئەنىسى سۈپىتىدە قوبۇل قىلغان تۈركىيە دىن، تىل ۋە ئىرق ئايرىماستىن ھەر ۋاقىت زۇلۇمغا قارشى مەزلۇم بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ كەلدى. بۇنىڭ سان ساناقسىز مىساللىرىنى تارىختا ئۇچرىتىمىز. 1492-يىلى 200 مىڭغا يېقىن يەھۇدى ئىسپانىيەدە دۇچ كەلگەن زۇلۇم ۋە بېسىم سەۋەبلىك ئوسمانلى دۆلىتىدىن پاناھلىق تىلەپ بۇ زېمىنلاردا خاتىرجەم ياشاشلا بىلەنلا قالماي دۆلەت ئاپاراتلىرىدا مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەنىدى. بۇنىڭغا ئوخشاش مىساللارنى جۇمھۇرىيەت تارىخىدىمۇ ئۇچرىتىمىز. تۈركىيە يەھۇدىيلارنىڭ2-دۇنيا ئۇرۇشىدا ناتسىستلارنىڭ زۇلۇمىدىن قۇتۇلۇپ قېلىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنىدى. ئەينى چاغدىكى تۈركىيەنىڭ مارسىليا كونسولخانىسىنىڭ كونسولى نەجدەت كەنت، ناتسىستلارنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى فىرانسىيەدە ياشاۋاتقان ۋە ناتسىستلارنىڭ لاگېرلىرىغا  ئەۋەتىلىش ئالدىدىكى نۇرغۇن يەھۇدىغا تۈركىيە پاسپورتى بېجىرىپ، ئۇلارنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالغانىدى. يەنە ئەينى چاغدا تۈركىيەنىڭ رودوس باش كونسولى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن  سالاھەتتىن ئۈلۈمەن گېرمانىيە بىلەن تۈركىيە ئارىسىدا كىرىزىسنىڭ چىقىشىدىن قورقماي، رودوس ئارىلىدىن ناتسىستلارنىڭ لاگېرلىرىغا ئەۋەتىلمەكچى بولغان يەھۇدىيلارنى نېمىس گېنېرالغا تاپشۇرۇپ بەرمىگەنىدى. تارىختىكى بۇ  مىساللارغا نەزەر سالغىنىمىزدا تۈركىيەنىڭ ھازىرقى تىرىشچانلىقلىرىنى تېخىمۇ ئوبدان چۈشەنگىلى بولىدۇ.

تۈركىيەنىڭ رايوندا تىنچلىق ۋە ئامانلىق بەرپا قىلىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىنىڭ قىممىتىنى بىلىپ بۇ تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇش لازىم. كۈنىمىزدە توقۇنۇش ۋە مۇقىمسىزلىقنىڭ ئۇۋىسىغا ئايلىنىپ قالغان رايوننى 400 يىل ئادالەت بىلەن باشقۇرغان ۋە ئوخشىمىغان دىن ۋە ئېتنىك گۇرۇپپىلارنىڭ تىنچ ۋە ئامانلىق ئىچىدە ياشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ مىراسىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن بىر دۆلەت، شەكسىزكى رايوننىڭ نۆۋەتتىكى مۇقىمسىز، ئامانسىز ۋە تىنچسىز ۋەزىيىتىگە چارە تېپىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشى تولىمۇ نورمال.

تۈركىيە ھېچقاچان باشقا دۆلەتلەرنى ھۆكۈمرانلىق ئاستىغا ئېلىپ ئۆزىگە بويسۇندۇرۇشنى ۋە شەخسىي مەنپەئەتلىرىنىلا كۆزلەشنى مەقسەت قىلمىدى، تۈركىيە دۆلەت ئىچىدىلا ئەمەس دۆلەت سىرتىدا قىيىن ئەھۋالدا قالغان ئىنسانلارنى يۆلەپ كەلدى. قىسقىسى، تۈركىيە 80 مىليون كىشىنىلا ئەمەس 7 يېرىم مىليارد كىشىنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ ھەرىكەت قىلىپ كەلمەكتە. مەسىلەن، تېخى  يېقىندا تۈركىيە بىرما بىلەن باڭلادېشتىكى مۇساپىرلار لاگېرىدىكى مەزلۇم كىشىلەرگە يېقىن ياردەم قىلدى. ئاراكاندا ئېغىر زۇلۇمغا ئۇچراپ باڭلادېشقا قاچقان مەزلۇملارغا تۈركىيە جۇغراپىيەلىك جەھەتتىن ئۇزاق بولۇشنىڭ ئەكسىچە قۇچاق ئاچتى. جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئاراكاندا كىرىزىس پەيدا بولغان كۈندىن باشلاپ ئاراكانلىق مۇسۇلمانلار ئۈچۈن خەلقئارادا قويۇق دىپلوماتىيە خىزمىتى ئېلىپ بېرىپ، مەزلۇملارغا دەرھال ياردەم بۇيۇملىرى ئەۋەتتى. باڭلادېشتىن پاناھلىق تىلىگەن مۇساپىرلارغا تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئاگېنتلىقى خادىلىرى ھەر كۈنى ئىسسىق تاماق تارقىتىپ بەرمەكتە. تۈركىيە بۇ رايوندىن 5500 كىلومېتىر يىراقلىقتا تۇرۇپ رايون خەلقىگە ياردەم قىلىشىنى قانداقمۇ جاھانگىرلىك بىلەن ئىزاھلىغىلى بولسۇن. تۈركىيەنىڭ بىردىنبىر مەقسىتى دۇنيانىڭ تەرتىپىنى ۋە نىزامىنى ساقلاش ۋە شەخسىي مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن بۇزۇشقا ئۇرۇنىۋاتقانلارغا قارشى چىقىشتىن ئىبارەت، خالاس.

تۈركىيە-ئىسرائىلىيە مۇناسىۋەتلىرى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا پايدا ئېلىپ كېلىدىغان تىرىشچانلىقلىرىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە كۆرىدۇ. ئىسرائىلىيە بىلەن رايون دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى توقۇنۇشلار ۋە سۈركىلىشلەر نەزەرگە ئېلىنغىنىدا، تۈركىيە-ئىسرائىلىيە مۇناسىۋەتلىرى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلسا ئىسرائىلىيە رايوندا يېتىم قالمايدۇ. پەلەستىندە ھەر قېتىم كىرىزىس كېلىپ چىقىسا تۈركىيە-ئىسرائىلىيە مۇناسىۋەتلىرى بۇزۇلۇپ تۇرىدۇ. تۈركىيەنىڭ سەزگۈرلىكى ۋە ئىنسانىي پوزىتسىيەسىدىن ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى بىئارام بولماقتا،بۇ ئەھۋال تەبىئىي ھالدا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىگە سەلبىي تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلمەكتە. غەززەدە ئاخىرقى قېتىم مەيدانغا كەلگەن كىرىزىستىن كېيىنمۇ ھەر ئىككى دۆلەت ئەلچىلىرىنى قايتۇرۇپ كەلدى، بۇ ئەھۋال ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنىڭ سەۋىيەسىنى تۆۋەنلىتىپ تۆۋەنلەتمەسلىك مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلدى.

باش ئەلچىلەرنىڭ ۋاقتىنچە تۇرۇشلۇق دۆلەتنى تاشلاپ مەملىكىتىگە قايتىپ كېتىشى دىپلوماتىيە ساھەسىدە نورمال ھېسابلىنىدۇ. بىراق دىلوماتىك مۇناسىۋەتلەر ئۇزۇن مەزگىل ئۈزۈلۈپ قالسا، بۇنىڭ زىيىنىنى ھەممىدىن بەك پەلەستىنلىكلەر تارتىشى مۇمكىن. ماۋى مارمارا ھۇجۇمىدىن كېيىن تۈركىيە-ئىسرائىلىيە ئارىسىدا داۋاملاشقان 6 يىللىق سۈركىلىش ئىككى دۆلەتنىڭ باش ئەلچى تەيىنلىشى بىلەن نىسبەتەن پەسەيگەنىدى. ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك ساھەدە قايتىدىن مۇناسىۋەت ئورنىتىشى تۈرتكىسىدە، تۈركىيە غەززەگە ياردەم بۇيۇملىرىنى ئاسانلا يەتكۈزۈپ بەرگەنىدى. دەرۋەقە، قۇددۇس ئىشغالىيەت ئاستىدا، غەززە قامال ئاستىدا، ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى بولسا قورشاۋ ئاستىدا تۇرماقتا، بۇنىڭدىن باشقا پەلەستىنگە تۇتۇشىدىغان يوللار غەيرى رەسمىي ھالدا ئىسرائىلىيەنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا تۇرماقتا. بۇنداق ۋەزىيەتتە ھېسسىيات بويىچە ئىش قىلماي سوغۇققانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىپ ۋەزىيەتنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىدىغان قەدەملەرنى تاشلاشتىن ساقلىنىش لازىم. ئالاقىدار ئورۇنلىرىمىزمۇ ھەمكارلىق ئىچىدە پائالىيەت قىلىشى كېرەك، چەت ئەلدە ئاكتىپ پائالىيەت قىلىۋاتقان تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خادىملىرى بىلەن مەسلىھەت بىلەن ئىش تۇتۇش تولىمۇ زۆرۈر.

ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى  بۇنىڭدىن كېيىن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىشى ۋە پەلەستىنلىكلەرگە زۇلۇم سېلىشتىن يىراق تۇرۇشى لازىم. تارىختا ئەڭ كۆپ سۈرگۈن ھاياتى باشتىن كەچۈرگەن بىر مىللەتنىڭ ئەۋلادلىرى ئۆتمۈشتە بېشىغا كەلگەن ئازاب-ئوقۇبەتلەرنىڭ ئوخشىشىنى نۆۋەتتە باشقا بىر مىللەتكە راۋا كۆرمەسلىكى كېرەك. يەنە بىر تەرەپتىن كىرىزىسنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەن، ئىنسانلارنى كۈشكۈرتىپ رايوننى مۇقىمسىزلىق پاتقىقىغا سۆرەپ كىرگەن بىر دۆلەتنىڭ «مۇرەسسەلەشتۈرگۈچى»بولۇش سالاھىيىتى يوق. 100 يىلدىن بۇيان تىنچلىققا تەلپۈنۈپ كېلىۋاتقان قۇددۇستا ئۆتمۈشتە بولغىنىدەك ئوخشىمىغان دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلار تىنچلىق ۋە ھۇزۇر ئىچىدە ياشىشى كېرەك. شەكسىزكى، ئىنسانلار ئەركىن ۋە ئامانلىق ئىچىدە ھەرىكەت قىلالايدىغان ۋە سودا جانلىنىدىغان ھەر يەردە تىنچلىق بەرپا بولىدۇ. تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئاگېنتلىقى خادىملىرى قەيەرگىلا بارمىسۇن  شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش تىنچلىق ۋە ھۇزۇر مۇھىتىنى قوغداش،قالايمىقان جايلاردا قايتىدىن تەرتىپ بەرپا قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر