تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدىكى تاكتىكلىرى

تەتقىقاتچى جان ئاجۇننىڭ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئانالىزى

983741
تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدىكى تاكتىكلىرى

سۈرىيەدىكى توقۇنۇشنى پەسەيتىش ۋە تەرەپلەر ئارىسىدا تىنچلىق بەرپا قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان ئاستانا مىخانىزمىسى ۋەزىپىسىنى مەلۇم دەرىجىدە ئادا قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىران ھامىيلىقىدا داۋاملىشىۋاتقان بۇ مىخانىزما دائىرىسىدە بېكىتىلگەن سۈركىلىشنى پەسەيتىش رايونلىرىغا سۈرىيە ھاكىمىيىتى، ئىران ۋە رۇسىيە ئىزچىل ھۇجۇم قوغاپ كەلدى ۋە بۇ رايونلارنى قولغا كىرگۈزۈۋالدى، نەتىجىدە ئىدلىبنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك ئورنى بىراقلا يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.  ئىدلىبنىڭ باشقا سۈركىلىشنى پەسەيتىش رايونلىرىغا قارىغاندا بىۋاستە تۈركىيەگە چېگرالىنىشى تۈركىيەنىڭ قولىدىكى كوزۇرنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. ئەسەد قىسىملىرىنىڭ قورشاۋى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان رايونلاردىكى ئۆكتىچىلەر ئىدلىب ۋە فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغان رايونلارغا كېلىپ ئورۇنلاشتى، نەتىجىدە ئىدلىب ئۆكتىچىلەرنىڭ قەلئەسىگە ئايلاندى. ئىدلىب ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ باشقا توقۇنۇشنى پەسەيتىش رايونلىرىدىن پەرقلىق ھالغا كەلمەكتە، تۈركىيەنىڭ 12، رۇسىيەنىڭ 10، ئىراننىڭ 7 كۆزىتىش نۇقتىسى بولغان ئىدلىبتە توقۇنۇش يوق دېيەرلىك. بولۇپمۇ تۈركىيە تەرىپىدىن بەرپا قىلىنغان كۆزىتىش نۇقتىلىرى تۈرتكىسىدە ئەسەد ھاكىمىيىتى سۈرىيەلىك ئۆكتىچىلەرگە ھۇجۇم قىلالمايدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى.

تۈركىيەنىڭ ئىدلىبتىكى كۆزىتىش نۇقتىلىرى بەزى جەھەتلەردىن پايدىلىق بولغان بولسىمۇ، بەزى جەھەتلەردىن قىيىنچىلىقلارنى تۇغدۇرماقتا. تۈركىيە بىر تەرەپتىن چېگرادىن رايونغا بىۋاستە ھەر تۈرلۈك لازىمەتلىكلەرنى ئاسانلا يۆتكىۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن رايوندىكى قالدۇق تېررورچىلار ۋە ئەسەد قىسىملىرىنىڭ تەھدىتى سەۋەبلىك  تۈركىيەنىڭ رايوندا تىنچلىقنى بەرپا قىلىش خىزمەتلىرى مەلۇم دەرىجىدە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىماقتا.  بىر قېتىم تۈركىيە ئەسكەرلىرى رايونغا تۈرلۈك لازىمەتلىكلەرنى يۆتكەۋاتقاندا توختىتىپ قويۇلغان بىر ئاپتوموبىلنىڭ پارتلاپ كېتىشى سەۋەبىدىن زىيان كېلىپ چىققانىدى، بۇنىڭدىن تاشقىرى، ئەسەد قىسىملىرى ۋە ئىران يانتاياق بولۇپ كېلىۋاتقان شىئە قوراللىق ئۇنسۇرلىرى پات-پات تۈركىيە ئەسكەرلىرىگە خىرىس قىلىدىغان ئىشلارمۇ يۈز بېرىپ تۇردى. تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدىكى توقۇنۇشلارغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن ئەسكەرلىرىنى ئالدىنقى سەپكە ئورۇنلاشتۇرۇشى ئەمەلىيەتە تۈركىيەنىڭ رايوندىكى ئۇرۇشنى توختىتىش نيىىتى ۋە ئىرادىسىنىڭ روشەن ئىپادىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

تۈركىيە بىر تەرەپتىن ئاستانا سۆھبەتلىرى ئارقىلىق ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى ئارىسىدىكى ئۇرۇشنى توختىتىپ ئىنسانلارنىڭ جەڭ سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىشىگە خاتىمە بېرىپ، تەرەپلەر ئارىسىدا مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشكە شارائىت يارىتىپ بېرىۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن سۈرىيەدىكى قالايمىقانچىلىقتىن پايدىلىنىپ كېلىۋاتقان تېررورچىلارغا زەبە بېرىشنى دۋاملاشتۇرماقتا. فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتىنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق دائېش تېررورچىلىرىنى تۈركىيە چېگراسىدىن قوغلاپ چىقارغان تۈركىيە ئارمىيەسى، ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئافرىن رايونىنى پ ك ك – ي پ گ  تېررورچىلىرىدىن تەلتۈكۈس تازىلىدى. تۈركىيەنىڭ ھەر ئىككىلى ھەربىي ھەرىكەتتە يەرلىك ئۆكتىچى كۈچلەر بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشى ھەم تۈركىيەنىڭ رايوندىكى نوپۇزىنى ھەمدە تۈركىيەنىڭ رايوندا مۇستەملىكچى كۈچ ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. تۈركىيە سۈرىيەدە بىر تەرەپتىن تىنچلىق ۋە ئامانلىقنىڭ بەرپا قىلىش ئۈچۈن زور كۈچ چىقىرىپ كېلىۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن تېررورچىلارغا زەربە بېرىش كۈرىشىنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغدىماقتا. دەرۋەقە، فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتىدىن كېيىنلا دائېش تېررورچىلىرىنىڭ تۈركىيەگە قاراتقان ھۇجۇملىرى روشەن دەرىجىدە ئازايدى. ئوخشاشلا، زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىدىن كېيىنمۇ ھاتاي ۋە ئامانوس تاغلىرىدىكى پ ك ك تېررورچىلىرىنىڭ ھۇجۇملىرى كۆرىنەرلىك پەسەيدى.

لېكىن تۈركىيەنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى باشقا رايونلاردا ئىزچىل داۋاملاشماقتا. ئىراقتىكى زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدىن سىرت، سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى پ ك ك –ي پ گ تېررورچىلىرىغىمۇ قاتتىق زەربە بېرىلمەكتە. ئامېرىكىنىڭ تېررولۇق تەشكىلاتى ي پ گ غا يانتاياق بولۇپ كېلىشى سەۋەبىدىن رايوندىكى تېررورىزىمغا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى مەلۇم دەرىجىدە چەكلىمىگە ئۇچراش بىلەن بىرگە، تۈركىيەنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىمۇ تەھدىتكە يولۇقماقتا. تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ ۋە مۇنبىچ رايونىنىڭ كەلگۈسى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۇزۇندىن بۇيان مۇزاكىرە تېمىلىرى بولۇپ كەلمەكتە. ئامېرىكا مۇنبىچنى قولغا كىرگۈزۈۋالغاندا تۈركىيەگە تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ نىڭ رايوندىن چېكىنىپ چىقىشى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەنىدى، بىراق ئامېرىكىنىڭ ۋەدىسىدە تۇرماسلىقى سەۋەبىدىن ناتونىڭ ئىتتىپادېشى بولغان بۇ ئىككى دۆلەت ئارىسىدا سۈركىلىش پەيدا بولدى. ئامېرىكىنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسوننىڭ تۈركىيەگە كېلىپ مۇنبىچ مەسىلىسىنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن مۇزاكىرە قىلىشى نەتىجىسىدە پىرىنسىپ جەھەتتە ئىككى دۆلەت ئارىسىدا بىردەكلىك ھاسىل بولدى. لېكىن دونالد ترامپنىڭ رېكس تېللېرسوننى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاپ ئورنىغا مايك پومپيېونى تەيىنلىنىشى بىلەن ۋەزىيەت ئۆزگەردى. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بايانات بېرىپ، تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدا مۇنبىچ مەسىلىسىدە لايىھە كېلىشىمى ھاسىل قىلىنغانلىقىنى، مەزكۇر لايىھە كېلىشىمىنىڭ تەپسىلاتلىرىنىڭ پات يېقىندا ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. چاۋۇشئوغلۇنىڭ بۇ باياناتىدىن كېيىن يەرلىك مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ي پ گ قوراللىق ئۇنسۇرلىرى رايوننى تاشلاپ كېتىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىشقا كىرىشىپ كەتكەن. تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدىكى كېلىشىم دائىرىسىدە ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتى مۇنبىچنى تاشلاپ فىراتنىڭ شەرقىگە كەتتى، تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا بولسا رايوننىڭ بىخەتەرلىكىنى ساقلاش مەسئۇل بولدى ۋە ئىككى دۆلەت بىرلىكتە مۇنبىچنىڭ يەرلىك ھاكىمىيىتىنى ۋە ساقچى قىسىملىرىنى بېكىتىپ چىقتى. تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدا مۇنبىچ مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغان بولسىمۇ، فىراتنىڭ شەرقىدە  ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ئىككى دۆلەت ئارىسىدا سۈرىيەنى چۆرىدىگەن مەسىلىلەرنىڭ پات يېقىندا تۈگىمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بىراق مۇنبىچتە تۈركىيە ۋە ئامېرىكا بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشى ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئالاقىنى، كوردىناتسىيەنى ۋە ئىشەنچىنى ئاشۇرىدۇ. مۇنبىچتا كېلىشىم ھاسىل قىلغان بۇ ئىككى دۆلەت سۈرىيەنىڭ باشقا رايونلىرىدىمۇ كېلىشىم ھاسىل قىلالاشى مۇمكىن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر