مەغپىرەت، پاكلىنىش ۋە نىجاتلىقنىڭ ۋەسىلىسى بەرات كېچىسى (ئاۋازلىق)

تۈركىيەنىڭ بارلىق جامەلىرىدە بىر تۇتاش ئوقۇلىدىغان جۇمە خۇتبىلىرى/ 17 - 2018

960028
مەغپىرەت، پاكلىنىش ۋە نىجاتلىقنىڭ ۋەسىلىسى بەرات كېچىسى (ئاۋازلىق)

 

ئەزىز مۇئمىن قېرىنداشلار! جۈمە كۈنىڭلار مۇبارەك بولسۇن!

ئاللاھ تائالا يۇقىرىقى ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ:

«(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، <ئى ئۆز ئۆزىگە قارشى گۇناھ ئۆتكۈزۈپ ھەددىدىن ئاشقان بەندىلىرىم! اﷲنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىتسىزلەنمەڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن جىمى گۇناھلارنى مەغفىرەت قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ناھايىتى مەغفىرەت قىلغۇچى ھەم ناھايىتى مېھرىباندۇر>»[1]

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىس قۇدسىدە مۇنداق دەيدۇ:

«شابان ئېيىنىڭ 15 - كۈنىنى روزا تۇتۇپ ئۆتكۈزىڭلار. كېچىسىدە ئىبادەتكە تۇرۇڭلار. چۈنكى شۇ كېچىسى قوياش پاتقاندا ئاللاھ تائالا بىز بىلمەيدىغان بىر شەكىلدە ئەڭ يېقىن ئاسماندا تەجەللى قىلىدۇ ۋە تاڭ ئاتقانغا قەدەر: <مەغپىرەت تېلەيدىغانلار يوقمۇ؟ ئۇلارنى مەغپىرەت قىلاي. رىزىق تەلەپ قىلىدىغانلار يوقمۇ؟ ئۇلارغا رىزىق بېرەي. مۇسىبەتكە ئۇچرىغانلار يوقمۇ؟ ئۇلارغا نىجاتلىق بېرەي> دەيدۇ[2]»

ئەزىز قېرىنداشلار! مەغپىرەت، پاكلىنىش ۋە نىجاتلىقنىڭ ۋەسىلىسى بولغان بارات كېچىسىگە يېقىنلىشىپ قالغانلىقىمىزنىڭ شاتلىقىغا چۆممەكتىمىز. ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىمىزغا چەكسىز ھەمدۇ سانالار بولسۇن. ھەممىمىز بىرلىكتە 30ئاپرېل دۈشەنبە كۈنى كېچىسى مۇبارەك بارات كېچىسىنى قارشى ئالىمىز ئىنشائاللاھ!

دېمىسىمۇ ئۆمۈر بىزنىڭ ئەڭ قىممەتلىك سەرمايىمىزدۇر. ھەر سائىتىمىز خەزىنە، ھەر بىر دەقىقىمىز بايلىقىمىزدۇر. بەرات كېچىسىمۇ ھاياتلىق سەپىرىمىزنىڭ ئەڭ بەرىكەتلىك بېكەتلىرىدىن بىرسى بولۇپ، بەرات بىزلەرگە مەۋجۇتلۇقىمىزنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈش، ئۆز ئۆزىمىزدىن ھېساب ئېلىش ۋە تەپەككۈرگە شۇڭغۇش مۇھىتى يارىتىپ بېرىدىغان ئېسىل پۇرسەتتۇر.

بەرات؛ بىر مەغپىرەتتۇر. ئىلاھىي رەھمەت تەجەللى قىلىدىغان، بىز نادامەت ۋە ئۈمىد بىلەن يېلىنىدىغان كېچىدۇر. بەرات كېچىسى قوللىرمىز دۇئاغا، قەلبلىرىمىز ئاللاھقا ئېچىلىدىغان، رەببىمىزگە يۈزلىنىپ، مەغپىرەت ئىقلىمىغا كىرىشنىڭ ئەڭ ئېسىل پۇرسىتىدۇر.

بەرات؛ سۇنغان قەلبلەرگە مەلھەم بولىدىغان، قېيىداش تاملىرىنى چىقىپ تاشلايدىغان، ئۆچ ئاداۋەت ۋە ئىنتىقام تۇيغۇلىرىمىزنى يېڭىدىغان كۈندۈر. 

بەرات؛ ئارزۇلىرىمىزنىڭ ھاۋايى ھەۋەس ۋە شەخسىيەتچىلىكلىرىمىزنىڭ تەسىرىدىن، نەپسىمىزنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلىدىغان كېچىدۇر. ئېڭىمىزنى نەپىس ۋە شەيتاننىڭ ھېلە نەيرەڭ، توزاقلىرىغا قارشى كۈرەشكە تەييارلاپ تېرىك تۇتىدىغان كېچىدۇر.

ئەزىز قېرىنداشلار!

ھەر يىلى كېلىدىغان بەرات كېچىسى بىزلەرگە ھەر خىل يامانلىقلاردىن، زۇلۇم، ناھەقچىلىق ۋە ئادالەتسىزلىكتىن ئۇزاق تۇرۇشنى ئۆگىتىدۇ. بەرات كېچىسى بىزلەرگە پەقەتلا ئاللاھنىڭ مەغپىرىتىگە مەزھەر بولىشىمىزنى ئەمەس، بەلكى ئەپۇ قىلغۇچى بولۇشىمىز كېرەكلىكىنىمۇ ئەسلىتىدۇ. چۈنكى ئاللاھتىن ئەپۇ قىلىنىشنى تېلىگەن كىشى ئۆزىمۇ ئەپۇ قىلغۇچى بولىدۇ. ئۆزىگە، ئائىلىسىگە، دىنىي قېرىنداشلىرىغا، ئەتراپىدىكىلەرگە ۋە بارلىق كائىناتقا ئەپۇچانلىق، ئەخلاق پەزىلەت بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان بولىدۇ. ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تەلەپ قىلىدىغان ھېچ قانداق كىشى باشقىلارغا مۇلايىم مۇئامىلە قىلىشنى كەمسىتمەيدۇ. ئاللاھنىڭ سۆيگۈسىگە ئېرىشىشنى خالايدىغان كىشى، ھەر دائىم قەلبىنى سۆيگۈ - مۇھەببەت ۋە مېھرى - شەپقەت بىلەن تولدۇرۇپ يورىدىغان بولىدۇ.

ئەزىز مۆئمىن قېرىنداشلار! بۇ مۇبارەك كېچىنىڭ ۋەسلىسى بىلەن شۇنى يەنە بىر قېتىم ئەسلىتىپ ئۆتمەكچىمىزكى، پۈتۈن ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن خەيرىلىك ئۈممەت بولۇش يولىدا ھەمىمىزنىڭ ئايرىم - ئايرىم تېگشىلىك مەجبۇرىيىتىمىز بار. شۇڭا ئەتراپىمىزدا بولۇۋاتقان ئىشلاردىن پەرۋاسىز يۈرۈپ، سالىھ بىر مۆئمىن بولۇشىمىز قەتئىي مۇمكىن ئەمەس. ئۇنداقتا كېلىلار! بۇ بەرەكەتلىك پۇرسەتلەردە بىز ئۇنتۇغان ۋە تاشلاپ قويغان مەسئۇلىيەتلىرىمىزنى قايتىدىن ئەسلەيلى!

دۇنيانى ئاخىرەتتىن ئەلا كۆرىدىغان بولۇپ قىلىپ، ئەڭ يېقىنلىرىمىزدىنمۇ ئاياپ يۈرگەن سۆيگۈ، مېھرى - شەپقەتلەر ئۈچۈن تەۋبە قىلايلى!

يېتىم، ئىگە - چاقىسىز ۋە زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنى يالغۇز تاشلاپ قويغانلىقىمىز ئۈچۈن تەۋبە قىلايلى!

نەزەردىن ساقىت قىلغان بەندىچىلىكىمىزنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرەيلى! ۋەيران بولغان شۇ قەلب دۇنيايىمىزنى دۇئا، ئىبادەت ۋە تەپەككۈر بىلەن قاناتلاندۇرايلى! گۇناھقا ۋە يامانلىققا باشلايدىغان يوللارغا سېپىل سوقايلى! ياخشىلىق ھاكىم بولىدىغان بىر دۇنيا بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشايلى!

ئاللاھنىڭ رەھمىتى بولۇشىغا تەجەللى قىلىدىغان بۇ ئۇلۇغ كۈنلەرنى قەدىرلەيلى! تائەت - ئىبادىتىمىز، ئاللاھقا بولغان تەسلىمىيەتىمىز ۋە سالىھ ئەمەللىرىمىز بىلەن تەۋبە - ئىستىغپارلىرىمىزنى ئاللاھقىلا سۇنايلى! خاتالىرىمىز، كەمچىللىكلىرىمىز ۋە گۇناھلىرىمىزدىن قايتا يەنە يۈزلەنمەيدىغان شەكىلدە يۈز ئۆرۈپ تەۋبە قىلايلى!

خۇتبىمىزنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنۇ دۇئاسى بىلەن ئاخىرىلاشتۇرماقچىمىز:

«ئى ئاللاھىم! غەزىپىڭدىن رىزالىقىڭغا، جازايىڭدىن، ئەپۇ - رەھمىتىڭگە سىغىنىمىز. ساڭا ساناپ - تۈگەتكۈسىز مەدھىيەلەر بولسۇن، سەن ئۆزەڭنى قانداق مەدھىيىلىگەن بولساڭ، دەل شۇنداقسەن.

ئى ئاللاھىم! سېنى ئەسلەپ زىكرى قىلىشىمىز، نېمەتلىرىڭگە شۈكرى قىلىشىمىز ۋە ساڭا ئەڭ گۈزەل ئىبادەت قىلىشىمىز ئۈچۈن بىزگە يارىدەم قىلغىن[3]»! ئامىن!! 

 

 


[1]  - سۈرە زۈمەر، 53ئايەت

[2]  - ئىبنى ماجە، نامازغا تۇرۇش بابى، 191ھەدىس

[3]  - ئەبۇ داۋۇد، ۋىتىر بابى 26ھەدىس



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر